□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي
كۈز شامىلى چىقىپ، قىسقۇچپاقىلار جانلاندى. شىنجاڭ قىسقۇچپاقا پولۇسى ئۈستەلگە چىقتى.
قىسقۇچپاقا بىلەن گۈرۈچ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ كان يېزىسى خولىتىكچيگى كەنتىدە «تاسادىپىي ئۇچراشتى».
9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، كەنت ئاھالىسى قۇرمان سىمان ئائىلىسىدىكىلەر جۇڭچيۇ بايرىمىنى كۈتۈۋالدى، بىر قازان قىسقۇچپاقا پولۇسى تاماق ئۈستىلىدىكى ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان مەززىلىك تائام بولۇپ قالدى.
خولىتىكچيگى كەنتىدە قىسقۇچپاقا بىلەن گۈرۈچنىڭ بىرلىشىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى تۈرتكە جياڭسۇ يەنچېڭدىن كەلگەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار.
توققۇز يىل ئىلگىرى، جياڭسۇ يەنچېڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمىدە، ئىلى يۆرەن ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتى خولىتىكچيگى كەنتىدە قىسقۇچپاقا بېقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى شىركەتتە ئىشلەپ، باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. خولىتىكچيگى كەنتى شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە «شال ماكانى» بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باش قاتۇرۇشى ئارقىلىق قىسقۇچپاقا پولۇسى ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى. قۇرمان مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە، قىسقۇچپاقا پولۇسى كەنتىمىزدىكى ئەڭ داڭلىق مەززىلىك تائام بولۇپ قالدى».
قىسقۇچپاقا پولۇسىدىن باشقا، شىنجاڭلىقلارنىڭ تاماق ئۈستىلىدە يەنە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەم ئىشتىھانى قوزغايدىغان يېڭى مەززىلىك تائاملار پەيدا بولدى، مەسىلەن: راك سامسىسى، ئالقات لەڭمىنى، ئالقات تاڭيۈەنى، جىغان لەڭمىنى، جىغان چۈچى پېچىنىسى، جىغان تورتى، يېڭى مېۋىلىك ئاسما كاۋىپى، غەربىي يۇرت فوتياۋچياڭى (قورۇمىسى)، قاقلاپ پىشۇرۇلغان چۈرۈك پوستلۇق تۆگە سۈتى... بۇ مەززىلىك تائاملارنىڭ بەزىلىرى ئاشخانا، مېھمانسارايلاردىكى ئاشپەزلەرنىڭ يېڭىلىق ياراتقانلىقىدىن، بەزىلىرى شىنجاڭلىقلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىزدىنىشىدىن بارلىققا كەلگەن. «غەربىي يۇرت فوتياۋچياڭى (قورۇمىسى)»نى مىسالغا ئالساق، بۇ قورۇمىنى بىر مېھمانساراي ئىجاد قىلغان بولۇپ، بۇغا سىڭىرى، بۇغا تېرىسى، قوي گۆھىرى، مارالبېشى موگۇسى، قېرىنسىمان موگۇ قاتارلىق يېمەكلىك ماتېرياللىرىنى قاينىتىپ پىشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مەززىلىك گۈرۈچى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مىفەن قىلغان، تەمى مەززىلىك بولۇپ، مېھمانلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.
بۈگۈنكى كۈندە، بۇ مەززىلىك تائاملار تەدرىجىي ھالدا خوتەننىڭ قاقلانغان غاز تۇخۇمى، قېتىق زۇڭزىسىغا ئوخشاش بارغانسېرى كۆپلىگەن ئائىلىلەرگە كىردى.
مەيلى تاماق ئۈستىلىدىكى قايسى خىل يېڭى مەھسۇلات بولسۇن، ھەممىسى شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ موللۇقىنى ئىپادىلەپ، ئالتۇن كۈزدىكى مول ھوسۇل شادلىقىنى نامايان قىلدى.
مول ھوسۇل قەيەردە؟ مول ھوسۇل شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تاماق ئۈستىلىدە.
مول ھوسۇل ئېلىپ مولچىلىق بولغاندا، خىلمۇخىل تائاملارنى يېيىش، قۇۋۋەتلىك، ساغلام غىزالىنىش كېرەك.
ئەنئەنىۋى داپەنجى، دۈملەپ پىشۇرۇلغان قوي گۆشى، قىزارتىپ قورۇلغان كالا قوۋۇرغىسى، جياشا، ۋەنزە، قوي گۆشى پولۇسى، گۇيرۇ لەڭمەن قاتارلىقلار، گەرچە تاماقلارنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن يەنە يېڭى مەھسۇلاتلار ئارقىلىق گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
پولۇ بىلەن لەڭمەن شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاممىۋىلاشقان مەززىلىك تائام. پولۇ ئۈستىدە توختالدۇق، ئەمدى لەڭمەنگە كېلەيلى.
9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئالقات كىچىك بازىرى خاس يېمەك - ئىچمەك رايونىدىكى جىڭ كونا لەڭمەنخانىسىدا مېھمانلار لىق ئولتۇرغان بولۇپ، تەخسە - تەخسە ئالتۇن رەڭلىك لەڭمەنلەر كىشىنىڭ تولىمۇ ئىشتىھاسىنى قوزغايتتى.
بۇ يىل، جىڭنىڭ ئالقات ئۆستۈرۈش كۆلىمى 100 مىڭ مودىن ئېشىپ، مول ھوسۇل ئېلىندى، ئومۇمىي ھوسۇلنىڭ پۈتۈن شىنجاڭ ئومۇمىي ھوسۇلىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %70تىن ئاشتى. «جىڭ ئالقىتى خاس مەھسۇلات، نۇرغۇن دېھقان ئالقات ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ بېيىدى، بىز يېمەك - ئىچمەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارمۇ ئارقىدا قالساق بولمايدۇ.» دۇكان ئىگىسى ما چياڭ مۇنداق دېدى: خېمىرنى ئالقات ئەسلىي قىيامى بىلەن يۇغۇرۇپ تەييارلايمىز، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، تەملىك بولۇپ، كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى.
ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالقات لەڭمىنى ئېتىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بار بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ھېچقىسى يوق، جىڭ ناھىيەسىدىكى كۆپلىگەن ئالقات پىششىقلاش كارخانىلىرى ئالقات كەسمە چۆپى چىقاردى، ئالقات لەڭمىنى يېيەلمىگەنلەر بىر قاچا ئالقات گۆشلۈك ئۈگرە چۆپى يېسىمۇ بەك تېتىيدۇ.
يالغۇز ئۇلا ئەمەس، قابا ناھىيەسىدە جىغان لەڭمىنى مەززىلىك تائاملارنىڭ يېڭى نام كارتىسىغا ئايلاندى.
قابا ناھىيەسى «ئېرتىش دەرياسى بويىدىكى دورا جىلغىسى، قېيىنزارلىقتىكى يېشىل شەھەر» دەپ ئاتالغان، ياخشى بولغان ئېكولوگىيە - مۇھىت جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى ماس كېلىدۇ، جىغان، كەتىرا، بەنلەنگېن، چۈچۈكبۇيا قاتارلىقلار دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ياخشى ياردەمچىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ جىغان ئۆستۈرۈش كۆلىمى 100 مىڭ موغا يېقىنلىشىپ، كۆپلىگەن دېھقاننىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.
قابا ناھىيەلىك مېھمانخانىدىكى ئاشپەزلەر نەچچە يىل ئىلگىرى جىغان لەڭمىنىنى ئىجاد قىلدى، بۇ، ئالقات لەڭمىنىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، جىغان قىيامى بىلەن خېمىر يۇغۇرۇپ تەييارلانغان.
«بۇ خىل لەڭمەن جۈزە رەڭدە بولۇپ، ھەممەيلەن ياقتۇرۇپ يەيدۇ» دېدى ناھىيە بازىرىنىڭ «شىبىيجىبىي» ئەتكەنچايخانىسىنىڭ دۇكان ئىگىسى تىلەك ئاداق.
قابا ناھىيەسى جىغان كەسپىنى تۈۋرۈك كەسىپ سۈپىتىدە تۇتۇپ، ھەرقايسى ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ جىغان چۈچى پېچىنىسى، جىغان تورتى، جىغان ھارىقى قاتارلىق نەچچە ئون تۈرلۈك مەززىلىك يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئېچىشىنى قوللىدى ھەم ناھىيەدىكى 70تىن ئارتۇق مېھمانساراي، ئاشخانىلارغا كېڭەيتتى. قابادىكى ئاھالىلەر جىغان ئەتكەنچېيى، جىغان تورتى قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىجاد قىلدى.
تاماق - قورۇمىلار ئۈستىدە توختالدۇق، ئەمدى ئىچىملىكلەرگە كېلەيلى. بۇ بىرنەچچە يىلدا، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىچىملىكلىرى كۈندىن - كۈنگە يېڭىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇردى.
ئەنئەنىۋى ئەتكەنچاي، سۈت پىۋىسى، قېتىق، كاۋاس، ئانار شەربىتى، قېتىق دوغاپ، سەۋزە شەربىتى قاتارلىقلار پۈتۈن شىنجاڭدا تاماق ئۈستىلىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتى. قىمىز، تۆگە سۈتى، قولدا ياسالغان ماروژنا، ئالقات قىيامى، جىغان قىيامى قاتارلىقلارنىڭ دائىرىسى كېڭەيمەكتە، ئەڭ يېڭى ئىچىملىكلەرگە تەۋە بولغىنى پۇرىنسىز پىۋىدۇر.
9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، بىڭتۇەن 3 - شى تۇمشۇق شەھىرى 54 - تۇەن 1 - ليەنىدە، بىر كارخانا ياغسىزلاندۇرۇلغان مايلىق پۇرچاق كۈنجۈرىسىدىن ئېچىتىلغان پۇرىنسىز پىۋىنى سىرتقا توشۇۋاتاتتى.
مايلىق پۇرچاق چۆللۈكتە ئۆسۈشكە ماس كېلىدىغان ئىقتىسادىي زىرائەت، ئۇنىڭ يىلتىز سىستېمىسى قۇم - تۇپراقنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرىدۇ، قۇم تىزگىنلەش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ياخشىلاشقا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مايلىق پۇرچاقتا يەنە ياغ تارتقىلى بولىدۇ، يوپۇرمىقىنى يەم - خەشەك قىلىشقا بولىدۇ، ياغ تارتىپ بولغان مايلىق پۇرچاق كۈنجۈرىسىدىن ئارپا ئۈندۈرمىسىنىڭ ئورنىدا پىۋا ئېچىتىشقا بولىدۇ، پۇرىن تەركىبى نۆل بولغان پىۋا ئېچىتقىلى بولىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 54 - تۇەن مايلىق پۇرچاق ئۆستۈرۈش كەسپىنى تۇەن - مەيداننىڭ خاس كەسپىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى ھەم كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتتى، «مايلىق پۇرچاق پۇرىنسىز پىۋىسى» بۇ يىل ئوتتۇرىغا چىقارغان يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
يەرلىكتە ئىشلەپچىقىرىلغان «دېڭىز مەھسۇلاتلىرى»، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى... شىنجاڭلىقلارنىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرلىرى بارغانسېرى مول، بارغانسېرى قۇۋۋەتلىك، بارغانسېرى ساغلام بولماقتا. كىچىك تاماق ئۈستىلى مول مەناغا ئىگە بولدى. بۇ تاماق ئۈستەللىرىدىن بىز شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ يۈرەك قېنى ۋە ئەجرىنى كۆرەلەيمىز، ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا يەنە كەڭ دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ مول ھوسۇل شادلىقى ۋە تەبەسسۇمى مۇجەسسەملەنگەن.