ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ
يەتتە كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى ساماۋەر (چەينەك)نى بېشىدا كۆتۈرۈپ، سالماق، ئەركىن ئۇسسۇل قەدىمى تاشلاپ، تىك تۇرۇش، بۇرۇلۇش، تىزلىنىش، پىرقىراش، تېز توختاش قاتارلىق ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئىشلەپ، بىر كۈينى ئاخىرلاشتۇرغاندا، ئەخمەت موللاق ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىر كۇچا شەھىرى رەستە تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى دوپپا كوچىسىغا كىرگەندە، دەل ساماۋەر ئۇسسۇلىغا ئۈلگۈرۈپ كەلگەنىدى.
ئەخمەت موللاق (ئارقا رەت ئوڭدىن 6-كىشى) ۋە شاگىرتلىرى ساياھەتچىلەر بىلەن ئوپچە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ فوتوسى
بۇ يىل 65 ياشقا كىرگەن ئەخمەت موللاق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى بولغان ساماۋەر ئۇسسۇلىنىڭ ۋارىسى. ئۇ كىچىكىدىنلا ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى، ئىلگىرى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدە ئىشلىگەن بولۇپ، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئىزچىل ساماۋەر ئۇسسۇلىغا ۋارىسلىق قىلىشقا كۈچ چىقاردى. ساماۋەر شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ئۆيدە ئىشلىتىدىغان بىر خىل چەينەك بولۇپ، ئەخمەت موللاق بىلەن شاگىرتلىرى ئورۇنلىغان ساماۋەر ئۇسسۇلى مۇشۇ سەھنە جابدۇقى بىلەن ئاتالغان.
ساماۋەر ئۇسسۇلى 2000 نەچچە يىل ئىلگىرىكى شىنجاڭنىڭ كۈسەن رايونىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، «ناخشا-ئۇسسۇل ساھەسىدىكى مۈشۈكئېيىق» دەپ تەرىپلىنىدۇ، ئۇ كۇچانىڭ ئۆزگىچە ئۇسسۇل سەنئىتى ھېسابلىنىدۇ. 2007-يىلى، ساماۋەر ئۇسسۇلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈر ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. بۇ، مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بىر خىل ئۇسسۇل بولۇپ، قىزىل مىڭۆينىڭ 38-غارىدىكى ئايال سازەندىلەرنىڭ تام رەسىملىرى ئىچىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۆرۈنۈشلەرنى تاپقىلى بولىدۇ. ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا، ئۇسسۇلچىلار سېرىك بىلەن ئۇسسۇلنى يۇغۇرۇپ، ھۇزۇرلىنىشچانلىقى، ماھارەت سالمىقى ۋە بەدىئىيلىكنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بارا-بارا بەدىئىي ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە ئۇسسۇلغا ئايلاندۇردى.
ئەخمەت موللاق ۋە شاگىرتلىرى ساياھەتچىلەرگە ساماۋەر ئۇسسۇلى ئورۇنلاپ بەرمەكتە.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ فوتوسى
ساماۋەر ئۇسسۇلى ئويناۋاتقىنىغا 40 نەچچە يىل بولغان ئەخمەت موللاق مۇنداق تونۇشتۇردى: ساماۋەر ئۇسسۇلىدا ئەرلەرنىڭ كۈچى ۋە ماھارىتى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ، ئويۇن قويۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى، ئوينىغاندا يۇقىرى ئۇسسۇل ماھارىتىنى ھازىرلاپلا قالماي، يەنە تېخنىكا تەلىپى قاتتىق بولغان سېرىك ماھارىتىگە ئىگە بولۇش كېرەك. «دەسلەپتە ئۆگەنگەندىكى چەينەك، قاچىلارنى چېقىۋېتىدىغان ھالەتتىن ھازىرقى تەمكىن، بىمالال ھالەتكە يەتكۈچە، نۇرغۇن جاپا چەكتىم، نۇرغۇن تەر ئاققۇزدۇم».
بۇ ھۈنەرنىڭ ۋارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەخمەت موللاق ساماۋەر ئۇسسۇلىنى مەردانە ھەم ئەركىن ئوينايدۇ، ئۈچ شاگىرتى ئۇنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ ئۇنىڭ ئەتراپىدا چۆرگىلەيدۇ، ئۇنىڭ چىھرىدە باشتىن-ئاخىر چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، جەسۇرانە ئالغا ئىنتىلىپ تۇرىدۇ.
بۇ بىر قانچە يىلدا، ئەخمەت موللاق گۇاڭجوۋ، نىڭبو، چېڭدۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ساماۋەر ئۇسسۇلى ئوينىدى، كۆپچىلىكنىڭ ساماۋەر ئۇسسۇلىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، چىن كۆڭلىدىن خۇشال بولدى.
بۇلتۇر، ساماۋەر ئۇسسۇلىنى ئېلېمېنت قىلىپ ئىجاد قىلىنغان ئۇسسۇل «بوۋامنىڭ ساماۋەرى» جۇڭگو ئۇسسۇلى «نېلۇپەر مۇكاپاتى» بويىچە مىللەتلەر خەلق ئۇسسۇلى مۇكاپاتىنى باھالاش ئۇسسۇل سەھنىسىدە نامايان بولۇپ، نەق مەيداندىكى باھالىغۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسى ۋە تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، يەنە تېلېۋىزور ۋە تور سۇپىسى ئارقىلىق ئاممىنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىردى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئەخمەت موللاق شاگىرتلىرى ۋە نەۋرىلىرىنى باشلاپ ساماۋەر ئۇسسۇلىنى ئۇدا نەچچە قېتىم ئوينىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ، يوقىلىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بۇ سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىشىنى ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەخمەت موللاق ۋە شاگىرتلىرى ساياھەتچىلەرگە ساماۋەر ئۇسسۇلى ئورۇنلاپ بەرمەكتە.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ فوتوسى
ئەخمەت موللاقنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى، بۇ يىل يازدا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كۇچاغا كېلىپ ئۇنى ئىزدەپ ساماۋەر ئۇسسۇلى ئۆگىنىدىغان ياشلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن ئەزىمەت ئەخەت ئاقسۇ مائارىپ شۆيۈەنى ئۇسسۇل فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، يازلىق تەتىلدە بۇ مەكتەپنىڭ مۇزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىلھامجان ساۋۇت بىلەن مەخسۇس ئەخمەت موللاقنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنى ئۇستاز تۇتۇپ ھۈنەر ئۆگىنىشكە ۋەدىلەشتى، بىر تەتىل مەشق قىلىش ئارقىلىق، ئىككىسى تەڭپۇڭلۇق ئىقتىدارىنى ئاساسەن ئىگىلەپ بولدى.
«تاماق يېيىش، ئۇخلاشتىن باشقا ۋاقىتنىڭ ھەممىسىدە مەشىق قىلىۋاتىمەن، ئۇستاز ناھايىتى يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ، بەزىدە بىر ھەرىكەتنى مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق مەشىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، سەھنە جابدۇقىنى بەدەننىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرغاندىلا، ئاندىن بىمالال ھالدا ساماۋەر ئۇسسۇلى ئوينىغىلى بولىدۇ» دېدى ئەزىمەت.
20 نەچچە شاگىرت تەربىيەلەپ چىققان ئەخمەت موللاق مۇنداق دېدى: ساماۋەر ئۇسسۇلى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى، ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم شۇكى، شاگىرتلىرىمنى بالدۇرراق مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، بۇ ھۈنەرگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئۇنى چۈشىنىشىگە، ئۇنى ياقتۇرۇشىغا تۈرتكە بولسىكەن دەيمەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى