تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆچمە خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپى قانداق يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ؟ كۆرسەتمە كەلدى

    كۆچمە خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپى كۆچمە خادىملارنىڭ سىياسىي قىياپىتى، ئەخلاق-پەزىلىتى، ئۆگىنىش، خىزمەت تارىخى، كەسپىي ساپاسى، خىزمەت نەتىجىسى، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئەھۋالى ۋە ئائىلە ئەھۋالى، جەمئىيەت مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تارىخىي خاتىرە ماتېرىيالى بولۇپ، كۆچمە خادىملارنىڭ ئورگان مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىدىكى ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تەكلىپ قىلىش، سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش، ئۇنۋان باھالاشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش قاتارلىق ئىشلىرىدىكى مۇھىم ئاساس ھېسابلىنىدۇ. 

     كۆچمە خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 

    1. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى تەكلىپ قىلغان خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپى؛

    2. ئىستېپا بېرىش، خىزمەتتىن بوشىتىش، تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش(ئەمگەك) توختامنى بىكار قىلىش(ئاخىرلاشتۇرۇش)، قوبۇل قىلىش(تەكلىپ قىلىش)، خىزمەتتىن ھەيدەش قاتارلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن كادىرلار(ئەمگەك) مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغان ياكى ئاخىرلاشتۇرغان، ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئەسلىدىكى ئورگان مەمۇرلىرى، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى، ئارمىيە مۈلكىي خادىملىرىنىڭ كادىرلار ئارخىپى؛

    3. ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كادىرلار ئارخىپى؛

    4. ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەل(چېگرا سىرتى)گە چىقىپ ئوقۇغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە شەخسىي ئىش بىلەن چەت ئەل(چېگرا سىرتىغا)گە چىققان باشقا خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپى؛

     5. چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋاكالەت ئاپپاراتىدا خىزمەت قىلىدىغان جۇڭگو تەرەپتىن تەكلىپ قىلىنغان كادىرلار ئارخىپى؛

    6. ئەركىن كەسىپ قىلىدىغانلار ياكى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ كادىرلار ئارخىپى؛

     7. باشقا كۆچمە خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپى؛

    كۆچمە خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى قايسى ئاپپاراتلار ساقلايدۇ؟

  كۆچمە خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى

نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ياكى خىزمەت ئورنى تۇرۇشلۇق جايدىكى كۆچمە خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتى ساقلايدۇ.

  كۆچمە خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى(ناھىيە دەرىجىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەسىس قىلغان ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك ئۆلكە دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ھوقۇق بەرگەن ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

دىققەت 

 ھوقۇق بېرىلمىگەن باشقا ھەرقانداق ئورۇننىڭ

كۆچمە خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ

شەخس ئۆزى ياكى باشقىلارنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى ساقلىشى قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ

 كۆچمە خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپى قانداق يوللىنىدۇ؟

  كۆچمە خادىملار ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن

كادىرلار ئارخىپى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاپپاراتتا ساقلانغان بولسا

ئەسلىدىكى ئاپپارات داۋاملىق ساقلاپ بەرسە بولىدۇ

كادىرلار ئارخىپى خىزمەت ئورنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاپپاراتتا ساقلانغان بولسا

 ۋاقتىدا نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى يېڭى خىزمەت ئورنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئالاقىدار ئاپپاراتنىڭ ساقلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى كېرەك 

   ئارخىپ يۆتكەش رەسمىيىتىنى شۇ كىشى ئۆزى(ياكى خىزمەت ئورنىدىكى مەخسۇس خادىم) كۆچمە خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىنىڭ كۆزنىكىدە بېجىرىدۇ، شۇ كىشى ئۆزى ئالاقىدار تور سۇپىسىدا بېجىرسىمۇ بولىدۇ. 

   كۆزنەكتە بېجىرگەندە، ئارخىپ ساقلاتقۇچىنىڭ كۈچكە ئىگە كىملىكىنى ئېلىپ بېرىش كېرەك، كادىرلار ئارخىپىنى ئىدارە ساقلايدىغان بولسا ئارخىپ ساقلاتقۇچى(ۋاكالىتەن بېجىرگۈچى)نىڭ كۈچكە ئىگە كىملىكى، ئەمگەك توختامى ياكى قوبۇل قىلىش رەسمىيىتى، ئىدارىنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. 

    ئالاھىدە ئەسكەرتىش

   كادىرلار ئارخىپىنى ئۆز ئالدىغا ئېلىپ يۈرۈش، يەتكۈزۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.

    شەخس ئۆز ئالدىغا ئۆزىنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى تەكشۈرسە بولمايدۇ. ئەگەر مۇناسىۋەتلىك ئىسپات چىقىرىپ بېرىشكە توغرا كەلسە، ئارخىپنى ساقلاۋاتقان ئاپپاراتقا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ، خىزمەتچى خادىملار تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتنى بېجىرىدۇ.

    ئارخىپ باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىنى قەيەردىن تەكشۈرىمىز؟ 

   ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ كۆزنەك تور بېكىتىدە يەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىغا قاراشلىق كۆچمە خادىملارنىڭ ئارخىپىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇچۇرى ئېلان قىلىنغان. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار www.mohrss.gov.cnغا چىقىپ، ئالاقىدار ئاپپاراتلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. 

 كودنى سىكاننېرلاپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ

    ​ توردا قانداق بېجىرىلىدۇ؟

   نۆۋەتتە، كۆچمە خادىملارنىڭ ئارخىپىنى ئۆلكە ئاتلاپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى مەملىكەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى(http://zwfw.mohrss.gov.cn) ئارقىلىق بېجىرىلىدۇ، ئۆلكە ئىچىدە يەتكۈزۈلىدىغانلىرىنى شۇ ئۆلكىنىڭ ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىدا بېجىرسە بولىدۇ.

    ئارخىپنىڭ قەيەردە ساقلىنىۋاتقانلىقىنى قانداق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك؟

   كۆپچىلىك مەملىكەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى(http://zwfw.mohrss.gov.cn/)غا چىقىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، «ئۆلكە ھالقىغان كۆچمە خادىملار ئارخىپىنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتى» مەخسۇس سەھىپىسىدىن سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. ھازىر بۇ سۇپا ئارخىپ ئاساسىي ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتى سۇپىغا يوللانغان كۆچمە خادىملارنىڭ ئارخىپىنىڭ ساقلىنىش ئەھۋالىنى توردا سۈرۈشتۈرۈشىنى قوللايدۇ.

يەنە ئىشقا ئورۇنلاشقان جاي، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى كۆچمە خادىملارنىڭ ئارخىپىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ، ئاپپاراتنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى يۇقىرىقى سۇپىدىن سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

«ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.