تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى تىزىملىككە كىردى! مەملىكەت بويىچە 2-ئورۇندا تۇردى!

9-ئاينىڭ 17-كۈنى

شيېچېڭ 2024-يىللىق جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەت خۇلاسىسىنى ئېلان قىلدى

(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «خۇلاسە» دېيىلىدۇ)

بۇنىڭ ئىچىدە

ئۈرۈمچى

مەملىكەت بويىچە 2-ئورۇندىكى ئاپتوموبىل كۆتۈرە ئېلىپ ساياھەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتىلىق جاي بولۇپ قالدى

ئەتراپتىكى جايلارنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 5-ئورۇندا تۇردى

مۇخبىرنىڭ شيېچېڭ گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە

بۇ يىل جۇڭچيۇ بايرىمىدا

قىسقا مۇساپىلىك ساياھەتنى ئاساس قىلغان ساياھەتچىلەرنىڭ

ئەتراپتىكى مەنزىللەر ئۈستىدە

ئىزدىنىش ئارزۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان

ساياھەت ۋاقتى دۇەنۋۇلۇق قىسقا دەم ئېلىشقا قارىغاندا ئۇزاقراق بولغان

يۇرتىغا قايتىپ جەم بولۇشتىن باشقا، يەنە

پانۇس سەيلىسى قىلغاچ ساليوت كۆرۈش، قولۋاق سەيلىسى قىلغاچ ئاي تاماشاسى قىلىش

خەنفۇ كىيىپ سەيلە قىلىش قاتارلىق ساياھەت ئۇسۇللىرىنىڭ قىزغىن بولۇشى

ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ

بايرامدىكى ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتكە بولغان ئىنتىلىشى ۋە

تېخىمۇ چوڭقۇر ھېسسىياتىنى نامايان قىلغان

شۇنداقلا ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق مەنزىلگاھلارنىڭ

قىزغىنلىقىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان

9-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسىدە ئارتىسلار ئورۇنلىغان «چاڭئېنىڭ ئايغا چىقىشى»نى كۆرمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى

خۇلاسىدە كۆرسىتىلىشىچە

جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە

شاڭخەي، بېيجىڭ، گۇاڭجوۋ، شېنجېن، چېڭدۇ

شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق ساياھەتچى مەنبەسى بولغان

چېڭدۇ، شىئەن، بېيجىڭ، جېڭجوۋ، لەنجوۋ

شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشتىكى قىزىق نۇقتا مەنزىلگاھى بولغان

جامبۇلاق، سايرام كۆلى، قاناس

تىيانشان بوغدا كۆلى، دۇنيا موگۇيچېڭ

قۇم كەنتى، بايىنبۇلاق، كۆكتوقاي

داخەيداۋ، بۇيلۇق قاتارلىقلار

شىنجاڭدىكى ئاۋات مەنزىرە رايونلىرى بولغان

    9-ئاينىڭ 15-كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىش، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىش، گۈزەل سۈرەتلەرنى تارتىش... جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.

جاڭ يۈن فوتوسى

جۇڭچيۇ بايرىملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە

بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، چاڭشا، شېنجېن

ئۈرۈمچىنىڭ ئاساسلىق ساياھەتچى مەنبەسى بولدى

چېڭدۇ، بېيجىڭ، قەشقەر ۋىلايىتى

ئالتاي ۋىلايىتى، شىئەن

ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىنىڭ

سەپەرگە چىقىشتىكى قىزىق نۇقتا مەنزىلگاھى بولدى

تىيانشان چوڭ جىلغىسى، ئامېيلۇڭ خىيالىي دۇنيا باغچىسى

شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى چىلان تورۇق بازىسى

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار قاتارلىقلار

ئۈرۈمچىدىكى قىزىق نۇقتا مەنزىرە رايونى بولدى

9-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئارتىسلار ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا ساياھەتچىلەرگە ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئويناپ بەرمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

9-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئارتىسلار ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا ساياھەتچىلەرگە مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇلى ئورۇنلاپ بەرمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە

بېيجىڭ، ئۈرۈمچى

دۆلەت ئىچىدىكى ئاپتوموبىل كۆتۈرە ئېلىپ ساياھەت قىلىش قىزىق نۇقتا مەنزىلگاھى بولدى

شىنىڭ، خۇلۇنبېر ۋە داتۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى

ساياھەتچىلەر

مەيىن دالا شامىلىنى قوغلىشىپ، قۇملۇقتا ئاينى تاماشا قىلىپ

رومانتىك ساياھەت تەسىراتىدىن بەھرىمەن بولدى

9-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ بەنفاڭگۇ بازىرى بەنفاڭگۇ كەنتىدە، ساياھەتچىلەر تېپىشماق تېپىپ، سەيلە-ساياھەت قىلىپ، جۇڭچيۇ كاتتا بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدى.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن يەن فوتوسى

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.