تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

ئېقىم مىقدارى سېتىلىش مىقدارىغا ئايلاندى

مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسىنىڭ 10 مىليون يۈەندىن ئېشىشىغا ياردەم بەردى 

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لۇ فېڭباۋ) 9- ئاي ھوسۇل ئالىدىغان پەسىل، 9- ئاينىڭ 16- كۈنىگىچە، يەتتە كۈن داۋاملاشقان 2- نۆۋەتلىك شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئاياغلاشتى، پۈتۈن مەملىكەتتىن كەلگەن باش مەھەللە توپى سۇپىسى، كوللېكتىپ سېتىۋېلىش سۇپىسى، تور دارېنلىرى قاتارلىقلار شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى زاكاز تالونىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ 10 مىليون يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى مەزگىلىدە، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەر شىنجاڭدىكى باقمىچىلىق مەيدانلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. ئالىم ياسىن فوتوسى

   «سودىگەرلەر باقمىچىلىق مەيدانىدا بىۋاسىتە زاكاز چۈشۈردى، بىر كۈندە 600 قوي ئالدىن سېتىلىپ بولدى، سېتىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇق»، دېدى 9- ئاينىڭ 17- كۈنى شىخەنزە شەھىرىدىكى باقمىچىلىق ئائىلىسى ليۇ شياۋفېڭ خۇشال ھالدا. ئۇ 2000دىن ئارتۇق قوي باققان بولۇپ، ئادەتتە ئۆز ئالدىغا ساتاتتى، بۇنىڭغا ۋاقىت ۋە كۈچ كۆپ كېتەتتى.

   شىنجاڭ ۋۇكېشۇ كۇرسلۇق مەھسۇلاتلارنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ بازار باش نازارەتچىسى چۈەن تىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يېزا ئىگىلىك  مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى تەشكىللەشتىكى مەقسەت پۈتۈن مەملىكەتتىكى باش مەھەللە توپى سۇپىسى، كوللېكتىپ سېتىۋېلىش سۇپىسى، تور دارېنلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئېقىم مىقدارى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، سىجىل، مۇقىم بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يولى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا چىقىرىشقا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت.

   مەنبەنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى مەزگىلىدە، 60 نەچچە باش مەھەللە توپى سۇپىسى، «ئېقىم مىقدارى» دىكتورلىرى، كوللېكتىپ سېتىۋېلىش سۇپىسىنىڭ مەسئۇللىرى تۆگە، قوي- كالا باقمىچىلىقى، ئالقات، جىغان ئۆستۈرۈش، مەھسۇلات پىششىقلاش سېخى قاتارلىق ھالقىلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئورگانىك، يېشىل خۇسۇسىيىتىنى ئىگىلىدى، ھەمدە نەق مەيداندا ھەر قايسى چوڭ سۇپىلارنى بىۋاسىتە سېتىش ھەم مال زاكاز قىلىشقا تەشكىللەپ، تورداشلارغا شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى.

   گۇاڭجوۋدىن كەلگەن مەلۇم ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ مەسئۇلى زېڭ جىڭلىڭ ليۇ شياۋفېڭنىڭ باقمىچىلىق مەيدانىغا كىلىپ، قويلارنىڭ ئوت- چۆپ يەپ، سۇ ئىچىپ، جانلىق، ئەركىن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، مال سويۇش نەق مەيدانىنىڭ مەشغۇلات ئەھۋالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. «شىنجاڭنىڭ قوي گۆشى يېشىل، ئورگانىك بولۇپ، كېڭەيتىشكە ئەرزىيدۇ». ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مەن سۇپىدا ساتقان شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى بىر قەدەر ئاز ئىدى، بۇ قېتىم شىنجاڭ  يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى كۆرۈپ، شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، يېشىللىقىغا قارىتا يېڭى تونۇشقا ئىگە بولۇپ، سۇپىدا شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تونۇشتۇرۇپ سېتىشقا باشلىدىم.

   «مەنبەنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى مەزگىلىدە، ھەر قايسى سۇپىلار شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى زاكاز تالونىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ 10 مىليون يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، كېيىنكى مەزگىلدە شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز»، دېدى چۈەن تىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.