تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ قانداق قىلىپ خەلقئارا ساياھەتچىلەر ئالقىشلايدىغان جايغا ئايلاندى

بۇ يىل 1 ـ ئايدىن 8 ـ ئايغىچە، شىنجاڭ بويىچە كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 210 مىليون 849 مىڭ 100 ئادەم قېتىم، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 242 مىليارد 202 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %14.49 ۋە %23.89 ئاشتى. شىنجاڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچىلەرنى كېلىپ ئىزدىنىشكە، ھېس قىلىشقا جەلپ قىلماقتا

شىنجاڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئادىمىيەت ئاساسىغا ئىگە بولۇپ، دۇنيا دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىلگاھى قۇرۇشتىكى يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە جاي ھېسابلىنىدۇ. خەلقئارا ساياھەتچىلەر توپى ئارىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان قىزىقىشمۇ شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى پەرقلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى

كەسپىي، يۇمۇرىستىك ھەم كۆپ خىل تىلغا پىششىق بولغان ساياھەت يېتەكچىلىرى ساياھەتچىلىكتىكى كەمچىل بايلىق ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ ئىچىدە كۆپ خىل تىلنى بىلىدىغان ساياھەت يېتەكچىسى ئىختىساسلىقلىرى كەمچىل، كېيىن داۋاملىق تۈردە ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ كەسپىي ساپاسى، مۇلازىمەت ئېڭى ۋە مەدەنىيەت ھالقىغان ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ خەيبو

9 ـ ئايدىكى شىنجاڭ دەل كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان پەسىلگە كىرگەن بولۇپ، 9 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنىدىن 10 ـ كۈنىگىچە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، شىۋېيتسارىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ساياھەت سودىگەرلىرى ۋەكىللىرى شىنجاڭدا نەق مەيداندا تەكشۈرۈشتە بولدى. ساياھەت لىنىيەسى تاللاش ئۆمىكىدىكىلەر يول بويى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، پامىر ئېگىزلىكى، يارغول قەدىمكى شەھىرى، بۇيلۇق، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار قاتارلىق جايلارنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ، ھەمكارلىق يولى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى. بۇ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىق ۋە تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا ماكانلىشىشىغا كۈچ قوشۇپ، «ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىش»قا تۈرتكە بولىدۇ.

چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش دولقۇنى كۈچلۈك بولماقتا

ئەنگلىيە يۆيەن چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋىليام لۇنارد ھەربىر مەنزىرە رايونىغا بارغاندا، Vlog تارتىپ، تورداشلارغا شىنجاڭنىڭ خاسلىقىنى قىزغىنلىق بىلەن تونۇشتۇردى. «شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن!» ۋىليام لۇنارد ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ھەمتۈرتكە بولغاندا شۇنداق بەھرىلىدى: «كۆپچىلىك شىنجاڭدا نېمە يېيىش، قەيەردە قونۇشقا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، بۇ جاي ناھايىتى قولايلىق ئىكەن، مەسىلەن، چەت ئەل پۇلىنى مېھمانسارايدىلا ئالماشتۇرغىلى بولىدىكەن، يەنە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى بىزنى تېز سۈرئەتتە جۇڭگوغا كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ھازىر جۇڭگوغا كېلىپ ساياھەت قىلىش ئاسانلا ئىش بولۇپ قاپتۇ».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت ۋە ئۇل ئەسلىھە جەھەتتىكى سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ناھايىتى ياخشى سەيلە ـ ساياھەت قىلىش تەسىراتىغا ئىگە قىلدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 ـ ئايدىن 8 ـ ئايغىچە، شىنجاڭ بويىچە كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 210 مىليون 849 مىڭ 100 ئادەم قېتىم، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 242 مىليارد 202 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %14.49 ۋە %23.89 ئاشقان. شىنجاڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچىلەرنى كېلىپ ئىزدىنىشكە، ھېس قىلىشقا جەلپ قىلماقتا.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى بىر ناۋايخانا ئالدىدا، ئىتالىيە ئاسىيا سەپىرى ساياھەت كوپىراتىپى جۇڭگو بازىرىنىڭ مەسئۇلى پاۋىل پېگولوت ئەنئەنىۋى نان يېقىش ھۈنىرىنى زور قىزىقىش بىلەن كۆرۈۋاتاتتى. سارغىيىپ پىشقان چۈرۈك، ئىسسىق ھور چىقىپ تۇرغان تۇنجى نان تونۇردىن چىقىپ، ئەتراپنى ناننىڭ مەززىلىك ھىدى قاپلىدى، پاۋىل پېگولوت يان تېلېفونىنى چىقىرىپ چىقىم قىلىش ئىككىلىك كودىنى سىكاننېرلىدى، «تىرىڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ پۇل تۆلەندى، ئۇ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ناننى ھەمراھلىرىنىڭ بىرلىكتە تېتىپ بېقىشىغا سۇندى.

جۇڭگو يولغا قويغان چېگرادىن ئۆتكۈزۈش بويىچە 144 سائەتلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ پايدىسىدا، شىنجاڭدا چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش بازىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك بولدى، يەنە «ھېچكىمنى يات كۆرمەيدىغان» چىقىم قىلىش تەسىراتى خەلقئارا ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭ ساياھىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئاچقۇچلۇق ھالقىغا ئايلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ چېگرا سىرتىدا بانكا كارتىسى ئارقىلىق چىقىم قىلىشنى پائال كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك مېھمانساراي، A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قاتارلىقلارغا چەت ئەل كارتىسى سۈركەيدىغان POS ئاپپاراتى سەپلىگەن ھەم چەت ئەل پۇلىنى ئالماشتۇرۇش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، خەلقئارا ساياھەتچىلەرنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش، لازىمەتلىكلەر جەھەتتە قولايلىق بولۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ساياھەت تەسىراتىنى ئاشۇرغان.

دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ ساياھەت مۇتەخەسسىسى مارى پىئېر مودى مۇنداق بىلدۈردى: «مەيلى قىسقا مۇساپىلىك ساياھەت ياكى ئۇزۇن لىنىيەلىك ساياھەت بولسۇن، كىيىم ـ كېچەك، يېمەك ـ ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناشنىڭ ھەممىسى خەلقئارا ساياھەتچىلەر ئويلىشىشقا تېگىشلىك ئىش، ئېنىقكى، جۇڭگو بۇ جەھەتتە بارغانسېرى ياخشى قىلىۋاتىدۇ، ياۋروپالىق ساياھەت سودىگەرلىرى دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن يەنە شىنجاڭنىڭ قولايلاشقان مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى خېرىدارلىرىغا تونۇشتۇرىدۇ».

دەل جايىدا قىلىنغان زاكاز رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردى

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كوللېكتىپ ساياھەت ئىزچىل خەلقئارا ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىشتىكى ئاساسلىق تاللىشى بولۇپ كەلدى، لېكىن بۇ يىل ئۆز ئالدىغا ساياھەت قىلغۇچىلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچى ئەركىن سەپەرگە چىقىشقا مايىللاشتى.» شىنجاڭ مېيچېڭ زەيشيەن خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ لىچىن مۇنداق دېدى: 9 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2024 ـ يىللىق ياۋروپا دۆلەتلىرى ساياھەت سودىگەرلىرى شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت لىنىيەسى تاللاش ئۆمەكلىرىنىڭ بايلىق ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىدا، مەن شىنجاڭ ئىچىدىكى كۆپلىگەن ساياھەت سودىگەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ياۋروپالىق ساياھەت سودىگەرلىرىگە مول ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلدۇق، بۇ مەھسۇلاتلار قىسقا مۇساپىلىك سەيلە ـ ساياھەت قىلىشتىن ئۇزۇن لىنىيەلىك ئالاھىدە ساياھەت قىلىشقىچە بولغان ھەر خىل شەكىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۇنىڭدا خەلقئارا ساياھەتچىلەرنىڭ خاسلاشقان ۋە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش بازار ئېھتىياجىغا قارىتا تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرمەكتە.

خەلقئارا ئۆي ئاپتوموبىلى ھەم دالا لاگېرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىلار فىلىپ كۇت ئىلگىرى ياۋروپالىق ۋە ئامېرىكىلىق ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىپ ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلىشقا تەشكىللەپ، قومۇل داخەيداۋدىن يولغا چىقىپ، ئاندىن تۇرپان، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرغان. «شىنجاڭنىڭ ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ئىزچىل خەلقئارا ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلدى، بۇ، بىر تەرەپتىن شۇ جاينىڭ يەر شەكلىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ بىرقەدەر مۇكەممەل بولغانلىقىدىن؛ يەنە بىر تەرەپتىن، شىنجاڭ قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم يول بولۇپ، يول بويىدىكى قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى، تارىخىي ھېكايىلەرنىڭمۇ ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتىگە تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت تەسىراتى قوشقانلىقىدىن بولغان» دېدى ئۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن مەنزىرە رايونى، باغچىلار ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتىدە ئاپتوموبىلنى ھەقسىز توختىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، كىرىش بېلىتىدە ئېتىبار بېرىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت قىلىش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن مەنزىرە رايونلىرىدا، ساياھەت تاشيولى لىنىيە بويلىرىدا يەنە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ھاجەتخانا، ئاشخانا قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىنىپ، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتىگە چىققان ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ساياھەت تەسىراتىغا ئىگە قىلدى.

«چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىز ياۋروپالىق ۋە ئامېرىكىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ لىنىيەسىگە ئالاھىدە قىزىقىدىغانلىقىنى بايقىدۇق، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيالىق ساياھەتچىلەر شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرە لىنىيەسىگە تېخىمۇ مايىللاشقان» دېدى جۇڭگو ياشلار ساياھەت كوپىراتىپى شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش تىجارەت مەسئۇلى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور مەدەنىيەت خېلىل تەھلىل قىلىپ.

خەلقئارا ساياھەتچىلەر توپى ئارىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان قىزىقىشمۇ شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى پەرقلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. «بىز يەنە بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تاغقا چىقىش، پىيادە مېڭىش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىق ئالاھىدە ساياھەت تۈرلىرىنى ھېس قىلىشنى تاللىغانلىقىغا دىققەت قىلدۇق، بۇ تۈردىكى خەلقئارا ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تەلىپى تېخىمۇ خاسلاشقان، كەسىپلەشكەن، شۇڭا رىقابەت خاراكتېرى، ئىزدىنىش خاراكتېرى، بىخەتەرلىك بىر گەۋدىلەشكەن ئالاھىدە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ» دېدى مەدەنىيەت خېلىل.

جۇڭگو ساياھەت دەرسلىكى تورى خەلقئارا ساياھەت سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭگو ساياھىتىنى چۈشىنىشىنى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىدى، خەلقئارا ساياھەت سودىگەرلىرى تور بېكىتىدىكى مەزمۇنغا ئاساسەن، ئۇنى ئاسان چۈشەنگىلى بولىدىغان، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك بولغان ساياھەت لىنىيەلىرى لايىھەسىگە ئايلاندۇرۇپ، تېز سۈرئەتتە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى زاكاز قىلىدۇ. جۇڭگو ساياھەت دەرسلىكى تورىنىڭ سىن دەرسلىكى رېژىسسورى ۋاڭ مى مۇنداق دېدى: «ياۋروپا دۆلەتلىرى ساياھەت سودىگەرلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت لىنىيەسى تاللاش ئۆمىكى پائالىيىتىنى مىسالغا ئالساق، بىز سىن ئارقىلىق خاتىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئۆرپ ـ ئادەتلىرىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن نامايان قىلىپ، دەرسلىك تورغا چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئىنگلىز تىل ـ يېزىقى، فىرانسۇز تىل ـ يېزىقى، گېرمان تىل ـ يېزىقى ھەم ئىسپان تىل ـ يېزىقى قاتارلىق كۆپ خىل تىللاردا تارقىتىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇشتۇرىمىز».

شىنجاڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئادىمىيەت ئاساسىغا ئىگە بولۇپ، دۇنيا دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىلگاھى قۇرۇشتىكى يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە جاي ھېسابلىنىدۇ.

ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق بولۇپ، ئىچكى ماھارەتنى ياخشى يېتىلدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ

«يارغول قەدىمكى شەھىرى قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار...» 9 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، ساياھەت لىنىيەسى تاللاش ئۆمىكىدىكىلەر تۇرپان شەھىرىنىڭ يارغول قەدىمكى شەھىرى، بۇيلۇق، كارىز قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىغا كەلدى، ئۇلار ساياھەت يېتەكچىسى ئەخمەت قادىرنىڭ جانلىق، كەسپىي چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق، بۇ مەنزىرە رايونلىرىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئۇنىڭغا دائىر قىزىقارلىق ئىشلار توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدى، ياۋروپا ساياھەت سودىگەرلىرى ئەخمەت قادىرنى كەسىپنى قەدىرلەيدىغان ساياھەت يېتەكچىسى ئىكەن، دەپ توختىماي ماختىدى.

كەسپىي، يۇمۇرىستىك ھەم كۆپ خىل تىلغا پىششىق بولغان ساياھەت يېتەكچىلىرى ساياھەتچىلىكتىكى كەمچىل بايلىق ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ جۇڭگو ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ئىچىدە كۆپ خىل تىلنى بىلىدىغان ساياھەت يېتەكچىسى ئىختىساسلىقلىرى كەمچىل، كېيىن داۋاملىق تۈردە ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ كەسپىي ساپاسى، مۇلازىمەت ئېڭى ۋە مەدەنىيەت ھالقىغان ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.» ھازىرقى بۇ ھالەت ساياھەت بازىرىنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق ساياھەت يېتەكچىسىگە بولغان ئېھتىياجىنى گەۋدىلەندۈردى.

شىنجاڭ جۇڭمېي خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى جىڭ مۇنداق دېدى: «ساياھەتچىلەر ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىپ ساياھەت قىلىش ئەندىزىسىمۇ خەلقئارا ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىشنىڭ بىر يولى، لېكىن ھازىر شىنجاڭنىڭ خەلقئارا ساياھەت بازىرىدىكى ساياھەتچىلەر ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىپ ساياھەت قىلىش ماركېتىڭى يەنىلا ئاجىز، بولۇپمۇ چەت ئەللەردىكى بىۋاسىتە ئالدىن زاكاز قىلىش يوللىرى كەمچىل، كۆپ ساندىكى خەلقئارا ساياھەتچىلەرنىڭ يەنىلا 3 ـ تەرەپ ۋاكالەتچى سودىگەر ياكى تور ساياھەت سۇپىسى ئارقىلىق ۋاسىتىلىك ئالدىن زاكاز قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ».

بۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ بىرقەدەر ئاز بولۇشىمۇ خەلقئارا ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشىنى چەكلەپ تۇرماقتا. فىرانسىيە CTS ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «ئارىلىق جەھەتتىن قارىغاندا، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ جۇڭگوغا بېرىشتا، شىنجاڭ ئەڭ قولايلىق. ھالبۇكى، ھازىر ياۋروپادىن شىنجاڭغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار قىس بولغاچقا، نۇرغۇن خەلقئارا يولۇچىلار ئالدى بىلەن بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنى ئۆتەڭ بېكەت قىلىپ تاللاپ، ئارقىدىن يەنە نەچچە سائەت ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ شىنجاڭغا كېلىشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ، بۇ، ساياھەتچىلەرنىڭ ۋاقىت تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋەتتى».

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بارغانسېرى كۆپ خەلقئارا ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ خەلقئارالىشىش قەدىمى تېزلەشمەكتە. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى جەمئىي 27 خەلقئارا يولۇچى توشۇش لىنىيەسىنى يولغا قويۇپ، كەلگۈسىدە خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.

«مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئالدىن كېلىشىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، كۆپ خىل تىلدا توردا ئالدىن كېلىشىشنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەم ھۆكۈمەت تەرەپ سۇپىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پاسپورت ۋە باشقا ساياھەت گۇۋاھنامىلىرى بىلەن ئالدىن كېلىشىپ بېلەت سېتىۋېلىشنى قوللاش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلەت تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرگە ئوخشاش مەنزىرە رايونلىرىغا ئاسانلا كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەدەنىيەت ـ ساياھەت مەيدان ـ سورۇنلىرىدا كۆپ تىللىق بەلگە ۋە ماتېرىياللارنى كۆپەيتىپ، چەت ئەل تىلىدا مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچىلەرنىڭ تەسىراتىنى بېيىتىش كېرەك» دېدى شىنجاڭ ساياھەت كوپىراتىپلىرى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ۋۇ فېڭ تەكلىپ بېرىپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.