تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەرەپ ـ تەرەپكە يول ئالدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي

شېرىن تەملىك كورلا نەشپۈتى، يەنجىنىڭ قۇرۇتۇلغان قىپقىزىل لازىسى، كىشىنىڭ يېگۈسىنى كەلتۈرىدىغان «قىز قۇۋار» ماركىسىدىكى سۈرلەنگەن كالا گۆشى... ئالتۇن كۈزدىكى 9 ـ ئايدا، شىنجاڭ تۇپرىقىنىڭ ھەممە يېرى مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەنىدى. شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق تەرەپ ـ تەرەپكە يول ئالدى.

مول ھوسۇل قەيەردە؟

تور دارېنلىرىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىشىدە. ئۈمىدكە تولغان بۇ مول ھوسۇل پەسلىدە، مىڭلىغان ـ ئونمىڭلىغان تور دارېنلىرى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى پۈتۈن مەملىكەت ھەتتا دۇنيا ئالدىدا نامايان قىلدى.

دوۋيىن، كۇەيشوۋ قاتارلىق سىن سۇپىلىرىنى ئاچقاندا، «پىنۋېي شىنجاڭ» ياخشى مەھسۇلاتلارنى تەۋسىيە قىلغۇچى خې جياۋلۇڭ، شىنجاڭلىق ئالىم، ئۈزۈمچى بالا، شىنجاڭلىق ما ھەدە، گۇەن شۇجى قاتارلىق نۇرغۇن توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش دارېنلىرى بەس ـ بەستە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەم مىليون مەستانىسى بار بولغان توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش داڭلىق شەخسلىرى بار، ھەم كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، يېزا ـ كەنتلەردىن كەلگەن ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدىكى رىياسەتچىلەرمۇ بار. مەستانىلىرىنىڭ سانى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار يۇرتىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە مول ھوسۇل شادلىقىنى قەلبىگە پۈكۈپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشقا پائال ئاتلاندى.

خې جياۋلۇڭ «پىنۋېي شىنجاڭ»دا ياخشى مەھسۇلاتلىرىنى تەۋسىيە قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە كەسپىي تونۇشتۇرۇشىغا تايىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شىنجاڭلىق ئالىم ئۆزىگە خاس بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۇسلۇبى بىلەن، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى جانلىق نامايان قىلدى. ئۈزۈمچى بالا دىققىتىنى شىنجاڭنىڭ ئۈزۈمىنى كېڭەيتىشكە قاراتتى، توق، شىرنىلىك ساپاق ـ ساپاق ئۈزۈملەر ئۇنىڭ كامېراسىدا كىشىنى ئالاھىدە جەلپ قىلاتتى. گۇەن شۇجىمۇ بوش كەلمىدى، ئۇ ئاددىي ـ ساددا تىلى ۋە سەمىمىي پوزىتسىيەسى بىلەن كۆرۈرمەنلەرگە شىنجاڭنىڭ قەغەز ياڭىقى، كورلا نەشپۈتىنى تونۇشتۇردى.

بۇ تور دارېنلىرىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىشى ئىستېمالچىلارنى شىنجاڭنىڭ مول ھوسۇل نەتىجىلىرىنى بىۋاسىتە كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن يېڭى سېتىش يوللىرىنى ئېچىپ بەردى. ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئالما، ئۈزۈم، نەشپۈت قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يۈزلەندى، ھەتتا چەت ئەللەرگە سېتىلدى.

ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش كامېراسىدا، كۆرۈرمەنلەر شىنجاڭنىڭ بىپايان ئېتىزلىرىدا، رەڭگى توق چىلانلارنى شېخى كۆتۈرەلمەي قالغانلىقىنى، قىپقىزىل لازىلارنىڭ ئاپتاپقا سېلىش مەيدانىغا يېيىتىلغانلىقىنى كۆرەلەيدۇ.

تور دارېنلىرىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشى بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشى شىنجاڭنى چۈشەندى، شىنجاڭنى ياقتۇرۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈۋالدى، مول ھوسۇل شادلىقى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە يەتكۈزۈلدى.

مول ھوسۇل قەيەردە؟

ئېلېكتىرونلۇق سودا تور سۇپىسىدىكى خاس دۇكانلاردا.

تاۋباۋ تور سۇپىسىنى ئاچسىڭىز، شىنجاڭنىڭ مول يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرۈپ ئۈلگۈرەلمەيسىز. پوستى نېپىز، ئېتى قېلىن قوغۇندىن كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان شېرىن پۇراق تارقىلىپ تۇرىدۇ؛ پارقىراق ھەم سۈزۈك ساپاق ـ ساپاق ئۈزۈملەر كىشىنى خۇددى ياقۇت دېڭىزىدا تۇرغاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ.

دۇڭفاڭ جېنشۈەن تور سۇپىسىمۇ شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى. كورلا نەشپۈتى، پەيزاۋات شىنمېيسى قاتارلىق پەسىللىك مېۋىلەر نۇرغۇن ئىستېمالچىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

جىڭدۇڭ تور سۇپىسىغىمۇ ئوخشاشلا شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپلانغانىدى. يېڭى مېۋىلەردىن قۇرۇق مال، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرگىچە، خاس سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر بۇيۇملىرىغىچە، ئىستېمالچىلار بۇ يەردە شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئاسانلا تاللاپ سېتىۋالالايدۇ.

ھەرقايسى چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاساسىي ئېقىم سۇپىلىرىدا، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشى ئىنتايىن قىزىپ كەتتى. ئىستېمالچىلارنىڭ ساغلام، يېشىل يېمەكلىككە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەبىئىي، بۇلغانمىغان، سۈپىتى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن، كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

«نەشپۈت بازارغا سېلىنغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە، شىركىتىمىز توردا ۋە تور سىرتىدا تەخمىنەن 70 مىڭ يېشىك نەشپۈت ساتتى، سېتىش سوممىسى 3 مىليون يۈەندىن ئاشتى» دېدى 9 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى بايىنغولىن ئوبلاستى جياڭتاۋ نۇڭگې ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى تاۋ دېڭفېڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

مول ھوسۇل قەيەردە؟

نەپىس، ئىنچىكە پىششىقلانغان خاس مەھسۇلاتلار ئىچىدە. بىز كۆڭۈل قويۇپ مول ھوسۇل ئىزنالىرىنى ئىزدىگىنىمىزدە، خۇشاللىق بىلەن شۇنى بايقىدۇقكى، ئۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى دۇكىنىنىڭ ئاۋاتلىقىدىلا ئەمەس، يەنە نەپىس ئورالغان، ئىنچىكە پىششىقلانغان خاس مەھسۇلاتلاردا ئىكەن.

شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ بىپايان ھەم سىرلىق تۇپراقتا، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىر قېتىملىق كۆركەم ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئېتىز باشلىرىدىكى مول نەتىجىلەردىن زاۋۇت سېخلىرىدىكى ئىنچىكە پىششىقلاشقىچە، ھەربىر ھالقىغا ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەجرى مۇجەسسەملەندى.

دۆربىلجىن ناھىيەسى قىز قۇۋار قولدا تىتىلىپ قۇرۇتۇلغان كالا گۆشى ئۆزگىچە ھۈنەر ـ سەنئىتى ۋە ئېسىل تەمى بىلەن نۇرغۇن ئىستېمالچىنىڭ مەززىلىك تائامىغا ئايلاندى؛ ئالتاي ساۋۇر لىمون تەملىك ھەسەل سۈيى تەبىئەتنىڭ شېرىنلىكى بىلەن ساپلىقىنى مۇكەممەل يۇغۇردى؛ جىڭ ئالقىتىنىڭ يېڭى مېۋە شىرنىسى ئۆزىنىڭ ساپ سۈپىتى ۋە مول ئوزۇقلۇقى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ چەكسىز يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى...

ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىكى دۇكانلاردا، شىنجاڭنىڭ ئىنچىكە پىششىقلانغان خاس مەھسۇلاتلىرى ھەرقايسى جايلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇلار خام ماتېرىيالنىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ قېلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى پىششىقلاش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مەھسۇلاتقا تېخىمۇ كۆپ قىممەت ۋە جەلپكارلىق قوشتى.

دۆربىلجىن ناھىيەسى شىندا تۇڭچۇاڭ بىيو قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى چۆچەك ـ دۆربىلجىن ئويمانلىقىنىڭ چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يېمەكلىكنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى ئاساس قىلىپ، كالا ـ قوي گۆشىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتىدىن كۆپ مەنبەلىك تاۋارغا ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. «شىركىتىمىز قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەر ـ سەنئىتىنى قوللىنىپ سۈرلىگەن قىز قۇۋار يۈرۈشلۈك قۇرۇتۇلغان كالا گۆشى ئىستېمالچىلارنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، بۇ يىلدىن بۇيان، شىركىتىمىز سېتىش سوممىسىنى 10 مىليون يۈەنگە يەتكۈزدى» دېدى دۆربىلجىن ناھىيەسى شىندا تۇڭچۇاڭ بىيو قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يۆ جيەنپىڭ.

مول ھوسۇل مانا مۇشۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى ۋە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيلىرىدە، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان مەھسۇلارتلاردا، تېرىقچىلىق قىلىۋاتقان دېھقانلار، كۈرەش قىلىۋاتقان كارخانىچىلار، قىزغىن بىۋاسىتە كۆرسەتكۈچىلەر شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ قالتىس سەھىپىسىنى ئورتاق سىزىپ چىقتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.