تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك بولدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ئىستېمال بازىرىدا تەمىنلەش يېتەرلىك، باھا مۇقىم، پائالىيەتلەر مول، ئىستېمال جانلىق، بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشتەك ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولۇپ، سودا تارماقلىرى نۇقتىلىق كۆزىتىپ ئۆلچىگەن پارچە سېتىش، يېمەك ـ ئىچمەك كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان سېتىش سوممىسى 146 مىليون يۈەن بولغان.

سودا مىنىستىرلىقى زۆرۈر تۇرمۇش بۇيۇملىرى سۇپىسىدىكى نۇقتىلىق تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدا زۆرۈر تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك، تاۋار تۈرلىرى مول، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان. تۇخۇم، گۆش تۈرلىرى، قۇش تۈرلىرىنىڭ باھاسى بايرامدىن ئىلگىرىكى باھا بىلەن تەڭلەشكەن، كۆكتات، ئاشلىق، يېمەكلىك يېغى، سۇ مەھسۇلاتلىرى، مېۋە ـ چېۋىلەرنىڭ باھاسى ئازراق ئۆرلىگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت، بازارنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى بايرامدىن ئىلگىرى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى سودا تارماقلىرىدىن ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ «كۆزنەك مەزگىلى»نى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە كۆپ خىل شەكىلدىكى ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى خەيئېر جىجيا پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ «ئاپتونوم رايون بويىچە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش . ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش ئالتۇن كۈز سەپىرى» «كۆڭۈلدىكىدەك تۇرمۇش . يېڭىغا ئالماشتۇرۇش سەپىرى» قاتارلىق باش تېمىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر كۆپ خىل شەكىلدىكى تاۋارلارنى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، يېمەك ـ ئىچمەك، مەززىلىك تائاملار، مەدەنىيەت ـ ساياھەت، ئىستىراھەت قاتارلىق پائالىيەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتتى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى «ئالتۇن كۈزدە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش» ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، مەبلەغ سېلىپ تەييار ماي، تۈرلۈك ماللارنى پارچە سېتىش، قونالغۇ، يېمەك ـ ئىچمەك قاتارلىق ساھەلەردە ئالتۇن كۈز ئىستېمال بېلىتى تارقاتتى؛ قاراماي شەھىرى جيالې مال سېتىۋېلىش مەيدانىنى 100دىن ئارتۇق داڭلىق ماركا كارخانىسى بىلەن بىرلىكتە «كاتتا مەرىكىدىن قانغۇچە بەھرىلىنىش . مېھىر ـ مۇھەببەتكە تولغان جۇڭچيۇ بايرىمى» باش تېمىسىدىكى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى يولغا قويۇشقا تەشكىللىدى، بۇ، شادلىق سوۋغات بېلىتىنى كەڭ كۆلەمدە يەتكۈزۈش، جۇڭچيۇ بايرىمىدىكى شادلىق يىغىلىشى . ئارزۇ كىچىك سەھنىسى، ئاتا ـ ئانىلار ۋە بالىلار قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى «جاھاندىكى ئەڭ شېرىن تەم − جەم بولۇش» 2024 ـ يىللىق شىنجاڭ جۇڭچيۇ بايرىمىلىق ئەدەبىيات ـ سەنئەت كېچىلىكىنى تەشكىللىدى، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر باش تېمىسى روشەن، شەكلى كۆپ خىل ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىدىن 28 مەيدان ئۆتكۈزدى؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ناھىيەلەردىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى، چوڭ تىپتىكى سودا ساراي، تاللا بازارلىرى، تەييار ماي كارخانىلىرى بىلەن بىرلىكتە، قوش بايرامنى ئورتاق تەبرىكلەش، ئورتاق بەھرىلىنىش، جەم بولۇش . بەخت سوۋغىسى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، جەم بولۇش كاتتا بايرىمى . ياخشى سوۋغاتنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش بويىچە بەلگىلەنگەن سوممىغا يەتسە پۇلنى كېمەيتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.