□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋېي يۇڭگۇي، جاڭ تىڭ
9 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى سائەت 14تە، ئالتاي شەھىرىنىڭ قىزىلتاش بازىرى «قۇرجالىقلار» مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىدىن كۈلكە ئاۋازلىرى ئۈزۈلمەي تارالدى.
ئۈزۈم بارىڭى يېنىدىكى ئاق قېيىن دەرىخى ئاستىغا قويۇلغان ئۇزۇن ئۈستەلگە يۆبىڭ، ساڭزا، قۇرۇت، مۇراببا، ئۈزۈم، ئالمىلار لىق تىزىلغان بولۇپ، ئەتكەنچاينىڭ خۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلاتتى. قىزىلتاش بازىرىدىكى 30 نەچچە ئاھالە ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرۇپ قىزغىن پاراڭغا چۈشكەنىدى. قورۇنىڭ ئايال ئىگىسى لى خۇڭشيۇ ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.
«بۈگۈن بىز <قۇرجالىقلار>نىڭ يەنە بىر مەيدان جۇڭچيۇ بايرىمىلىق ئائىلە زىياپىتى ئۆتكۈزۈلدى.» 69 ياشلىق لى خۇڭشيۇ مۇنداق دېدى: «بۇ مەيدان ئائىلە زىياپىتىگە <قۇرجالىقلار>دىن ساۋ، جىڭ، جاڭ، ياڭ، لى، يۈن قاتارلىق ھەرقايسى فامىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى كەلدى. كۆپچىلىك بىر تەرەپتىن بايرام ئۆتكۈزگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن قانداق قىلغاندا <قۇرجالىقلار>نىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى قازغىلى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە كېڭەشتى».
«قۇرجالىقلار» قانداق «ئائىلە»؟ قولىدا بىر پىيالە ئەتكەنچاينى تۇتقان «قۇرجالىقلار»نىڭ ياڭ فامىلىلىك ئەۋلادى، 78 ياشلىق ياڭ زىجى ئەسلىمىلەر ئىچىگە چۆكتى.
«ئەجدادلار ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن <قۇرجالىقلار>نىڭ تارىخىنى ئەڭ بۇرۇن 1861 ـ يىلىدىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ.» ياڭ زىجى مۇنداق دېدى: ئەينى يىلى شەنشى، گەنسۇ، سەنشىدىن كەلگەن ئەجدادلار ئاچارچىلىق ۋە ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، يول بويى غەربكە قاراپ مېڭىپ، جيايۈگۇەندىن ئۆتۈپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ قومۇل، گۇچۇڭ، ساۋەن قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ كېلىپ، ئاخىرىدا ھازىرقى قىزىلتاشقا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان، دەسلەپتە ئۇلار 40 ئائىلىلىكلا ئىدى. «قۇرجالىقلار» ئالتايدىكى قازاق مىللىتى ئاممىسىنىڭ كۆچۈپ كەلگەن بۇ ئائىلىلىكلەرنى ئاتىشى بولۇپ، «دېھقانچىلىقنى بىلىدىغان، يەر تېرىشنى بىلىدىغان دېھقان» دېگەن مەنىدە، بۇ نام 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە.
«<قۇرجالىقلار>نىڭ ئەجدادلىرى دېھقانچىلىق تېرىقچىلىقىنى ئاساسىي كەسىپ قىلىپ، ئالتاينىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىشقا تۈرتكە بولغان» دېدى ياڭ زىجى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، «قۇرجالىقلار»نىڭ تۇرمۇشى كۈندىن ـ كۈنگە ياخشىلاندى. 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، ھەر قېتىملىق كاتتا جۇڭچيۇ بايرىمىدا، «قۇرجالىقلار»نىڭ ھەرقايسى جەمەتلىرى ئىچىدە ئائىلە زىياپىتى ئۆتكۈزۈش، بىرنەچچە ئائىلە ئارىسىدا ئائىلە زىياپىتى ئۆتكۈزۈش ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىدى. 2009 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، ياڭ زىجى، ساۋ جۇڭيى، لى ۋېنگاۋ، يۈن چاڭپۇ قاتارلىق تۆت كىشىنىڭ تەكلىپى بىلەن، «قۇرجالىقلار» بىر مەيدان دەرىجىدىن تاشقىرى ئائىلە زىياپىتى ئۆتكۈزدى، ھەرقايسى ئائىلە ۋەكىللىرى قاتناشتى، ئادەم سانى300دىن ئاشتى.
سائەت 15تە، ئائىلە زىياپىتى باشلاندى. «قۇرجالىقلار»نىڭ ھەرقايسى فامىلىلىك ئائىلىسىدىكىلەر تەييارلىغان مەززىلىك تائاملار ئۈستەلگە قاتار ـ قاتار تىزىلدى، پىششىق گۆش، دۈملەپ پىشۇرۇلغان بېلىق، جۇۋاۋا، فېنتاڭ، كاۋاپ، داپەنجى، پولۇ... شىنجاڭنىڭ ھەر خىل مەززىلىك تائاملىرى كۆزنى قاماشتۇردى.
«بىز <قۇرجالىقلار> جۇڭچيۇ بايرىمىلىق جەم بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، بۈگۈنكى ياخشى كۈنلىرىمىز ئۈچۈن قەدەھ كۆتۈرەيلى» دېدى لى خۇڭشيۇ.
«ھەر مىللەت دوستلار ئۇسسۇلغا چۈشەيلى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېھىر ـ مۇھەببىتىمىز قويۇق...»
سائەت 16لەردە، ئالتاي شەھىرىدىن ئائىلە زىياپىتىگە ئالايىتەن ئۈلگۈرۈپ كەلگەن «قۇرجالىقلار»نىڭ ساۋ فامىلىلىكلەر ئەۋلادى ساۋ شۈرۇڭ ياڭراتقۇنى قويدى، «قاراجورغا» ناخشىسىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، كۆپچىلىك شادىيانە ئۇسسۇلغا چۈشتى.
«قاراجورغا»دىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ شوخ، قىزغىن ئۇسسۇل مۇزىكىسى قويۇلدى، ئارقىدىنلا مەيدان ئۇسسۇلى مېلودىيەسى ياڭرىدى. قورۇ خۇشاللىق دېڭىزىغا ئايلاندى. ئۇسسۇل ئارىلىقىدا، يېشى 60تىن ئاشقان لى گېنرۇڭ كەينى ـ كەينىدىن بىرنەچچە شىنجاڭ خەلق ناخشىسىنى ئېيتتى.
«مەن شىبە مىللىتىدىن، ئۇ قازاق مىللىتىدىن، ئۇ خۇيزۇ مىللىتىدىن.» بىر ناخشىنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، لى گېنرۇڭ يېنىدىكى قۇدىسيار ئەنۋەر بىلەن ئاسىيە باقچارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «<قۇرجالىقلار> 160نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش جەريانىدا شۇ جايدىكى قازاق مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى، موڭغۇل مىللىتى، شىبە مىللىتى قاتارلىق ھەر مىللەت ئامما بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، بۇرۇنلا بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندى».
«مېنىڭ ئانامنى كونا <قۇرجالىقلار>دىن ساۋ گۇاڭيوۋ بېقىۋالغان ئىكەن، ساۋ گۇاڭيوۋ مېنىڭ بوۋام. مەنمۇ <قۇرجالىقلار>نىڭ ئەۋلادى» دېدى ئاسىيە باقچار.
ناخشا ـ ئۇسسۇل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كۆپچىلىك ئۈستەل ئالدىغا قايتىپ كېلىپ، «قۇرجالىقلار»نىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى قانداق قېزىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش توغرىسىدا پاراڭلاشتى.
«ئىلگىرى، بىزنىڭ <قۇرجالىقلار>دىن نۇرغۇن نەمۇنىچى شەخسلەر چىققانىدى. ھازىر <قۇرجالىقلار> كۆپىيىپ 3000 كىشىدىن ئاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن، كۆپچىلىك ياخشى ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك» دېدى ياڭ زىجى.
ياڭ زىجى قازاق تىلى تەرجىمە خىزمىتى بىلەن 20 نەچچە يىل شۇغۇللانغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «قۇرجالىقلار» ئۇزاقتىن بۇيان شۇ جايدىكى ئامما بىلەن ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللاندى ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلدى، نۇرغۇن كىشى قازاق تىلىنى پىششىق بىلىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، «قۇرجالىقلار»دىن 50 نەچچە قازاق تىلى تەرجىمانى بارلىققا كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە جۇ باۋچۇەن، يۈن چاڭمىڭ مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ قازاق تىلى تەرجىمانى بولدى. لى ۋېنلياڭ مەركىزىي مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ، ماركسىزم ـ لېنىنىزم ئەسەرلىرى ۋە سىياسەت ـ ھۆججەتلەرنى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشتى. «نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، <قۇرجالىقلار>دىن چىققان تەرجىمانلار ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھۆرمىتىگە ئېرىشتى».
«قۇرجالىقلار»دىن باشقا ساھەلەردىمۇ تۈركۈم ـ تۈركۈم تالانت ئىگىلىرى بارلىققا كەلدى.
«قۇرجالىقلار» مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىنى لى خۇڭشيۇ 2012 ـ يىلى باشلامچى بولۇپ قۇرغان، ھويلىدا «قۇرجالىقلار» خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى سارىيى بار. سارايدىكى سۈرەتلەر تېمىدا «قۇرجالىقلار»دىن چىققان قەھرىمان ـ نەمۇنىچى شەخسلەرنىڭ سۈرەتلىرى يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرىدۇ: جىڭ يۈەنگۇڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئالتاي ۋىلايىتىدىكى تۇنجى خەنزۇ ئاقىن؛ لى چېڭلى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى؛ گو گۇييىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار خىزمەتچى؛ دۇڭ چىكەي گوۋۇيۈەننىڭ ھۆكۈمەت ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان پوچتا ئىنژېنېرى...
«يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندا، كېيىنكى ئەۋلادلاردىنمۇ نۇرغۇن ئىختىساسلىقلار يېتىشىپ چىقتى، بىز ھازىر ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە سۈرەتلىرىنى توپلاۋاتىمىز» دېدى لى خۇڭشيۇ.
«قاراڭ، بۇ مېنىڭ نەۋرە ئاكام ساۋ جۇڭشيەن. ئۇ ماۋ جۇشى ۋە جوۋ زۇڭلى بىلەن كۆرۈشكەن» دېدى ساۋ شۈرۇڭ سۈرەت تېمى ئالدىدا قەدىمىنى توختىتىپ ئۈستى تەرەپتىكى بىر پارچە ئۇزۇن رەڭسىز سۈرەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
بۇ سۈرەتكە 1957 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى تارتىلغان دەپ ئېنىق ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، ماۋ جۇشى، جوۋ زۇڭلى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەندە بىرلىكتە چۈشكەن سۈرەت ئىدى. «ئاكام ساۋ جۇڭشيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قازاق تىلى تەرجىمانى بولۇپ، بىللە سۈرەتكە چۈشۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان.» ساۋ شۈرۇڭ مۇنداق دېدى: سۈرەتتىكى ئاق كاستۇم ـ بۇرۇلكا كىيگەن كىشى دەل ساۋ جۇڭشيەن.
ساۋ جۇڭشيەن بوۋاي بۇ يىل 96 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئالتاي شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان. ئۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئالتاي ۋىلايىتىدىكى تۇنجى قازاق تىلى تەرجىمانى.
مۇخبىرلار سۈرەتكە زەن قويۇپ قارىغىنىچە، يان تېلېفونىدىن ئالدىنقى كۈنى ساۋ جۇڭشيەن بوۋاينى زىيارەت قىلغان چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ئىزدەپ تاپتى: بوۋاي كىتاب ئۈستىلى ئالدىدا بىر قولىدا قەغەزنى بېسىپ تۇرۇپ، بىر قولىدا قەلەم تۇتۇپ، «بەخت ـ سائادەتتىمۇ، جەبىر ـ جاپادىمۇ بىللە بولۇش» دېگەن تۆت چوڭ خەتنى ئاستا ھەم ئېنىق قىلىپ يازدى. ئارقىدىن، يەنە ئاستا ـ ئاستا بۇ سۆزنىڭ قازاق تىلىدىكى تەرجىمىسىنى يېزىپ چىقتى...
بۇ سىننى كۆرۈپ، خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقان كىشىلەر چوڭقۇر تەسىرلەندى. بىرنەچچە بوۋاينىڭ كۆز چاناقلىرى نەملەشتى. «بەخت ـ سائادەتتىمۇ، جەبىر ـ جاپادىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات ـ ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇش»تىن ئىبارەت بۇ جۇلالىنىپ تۇرغان 16 خەت كىشىلەر قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا ئورناپ، «قۇرجالىقلار»نىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسىنى يورۇتتى.
ئائىلە زىياپىتىدە بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشكەندە، كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ قەلب ساداسىنى ياڭراتتى: «قىزىلتاش بازىرىدىكى <قۇرجالىقلار> ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ».