ئانار بۇلۇت
ھازىر قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى ئۇرۇقلۇق قوناقلار مول ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىگە كىردى. 9-ئاينىڭ 2-كۈنى، ۋۇگۇڭتەي بازىرىنىڭ ۋۇگۇڭتەي كەنتىدىكى خېبېي «شۈنتيەن» يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ كۆممىقوناق ئۇرۇقى يېتىشتۈرۈش ئېتىزىدا، چوڭ تىپتىكى قوناق كومبايىنى ئېتىزلار ئارىسىدا ئۆتۈشۈپ، قوناق ئۈزۈش، قوناق ئاقلاش، شاخ-شۇمبىلارنى يانجىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ يىل ۋۇگۇڭتەي بازىرى 7000 مودىن ئارتۇق ئۇرۇقلۇق قوناق تېرىپ، «كارخانا + دېھقان ئائىلىسى»، «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى» قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئۈچ ئۇرۇقچىلىق كارخانىسى بىلەن زاكاز ئىمزالاپ، ئۇرۇقلۇق قوناق كەسپىنىڭ كۆلەملىشىش، ئۆلچەملىشىش، ماشىنىلىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.
(ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ يۇڭچىڭ، مۇ يالى، لى يۈشىن)
يىغىۋېلىنغان قوناقلار توشۇش ماشىنىسىغا تۆكۈلمەكتە.
توشۇش ئاپتوموبىلى ئۇرۇقلۇق قوناقنى كارخانىنىڭ پىششىقلاش زاۋۇتىغا توشۇماقتا.