تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

باركۆلدە خاس سۇ مەھسۇلاتلىرىدىن خۇشاللىنارلىق مول ھوسۇل ئېلىندى

  

   جۇڭچيۇ بايرىمىدىن بۇرۇن، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سوغۇق سۇ بېلىقى، سوغۇق سۇ قىسقۇچپاقىسى قاتارلىق خاس سۇ مەھسۇلاتلىرى مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى. 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، بۇ ناھىيەنىڭ داخې بازىرى ۋەنچۈەن سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق مەيدانىدا، تىمەن ئوسېتر بېلىقى سۈپسۈزۈك بېلىق كۆلچىكىدە ئۈزۈپ يۈرەتتى، ئىشچىلار بېلىق ئايرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر چېڭ شىخەي، لى كەي)

بۇ باقمىچىلىق مەيدانى ئېقىن سۇ باقمىچىلىقى ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، 4-ئايدا قويۇپ بېرىلگەن بېلىجانلار ھازىر ناھايىتى ياخشى چوڭ بولۇپ، بازارنىڭ ئىنتايىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

شىرىنزا يېزىسىنىڭ گاۋجياخۇ كەنتىدە، يەتتە ئاي بېقىلىش ئارقىلىق، بۇ يەردە بېقىلغان قىسقۇچپاقىلار بازارغا سېلىش ئۆلچىمىگە يەتتى. سۈرەتتە باقمىچىلىق ئائىلىسى قىسقۇچپاقا يىغماقتا.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.