تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە 100 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى باغراش كۆلى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىدا بەھۇزۇر سەيلە-ساياھەت قىلدى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى باغراش كۆلى ۋە لوپنۇرلۇقلار كەنتى قاتارلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئىككى كۈندىلا، باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونى، باغراش كۆلىنى ئايلىنىدىغان ساياھەت تاشيولى، لوپنۇرلۇقلار كەنتى، كورلا شەھىرى كۆنچى دەرياسى قاتارلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا سەيلە-ساياھەت قىلغانلارنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئاشقان. (تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ لىخۇا فوتوسى، خەۋىرى)

9-ئاينىڭ 17-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى شىڭزو يەنيى ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا قەدىمكى كىيىملەرنى كىيىپ تىياتىر ئورۇنلىماقتا.

9-ئاينىڭ 17-كۈنى، ساياھەتچىلەر باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا گۈزەل مەنزىرىلەردىن بەھرىمەن بولماقتا.

9-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئاپتوموبىللار باغراش كۆلىنى ئايلىنىدىغان ساياھەت تاشيولىدا كېتىۋاتماقتا. بۇ تاشيول 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ھەر كۈنى نۇرغۇن ساياھەتچى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ بۇ تاشيول بويىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدى.

9-ئاينىڭ 17-كۈنى، كورلا شەھەرلىك خەلق ئۆرپ-ئادىتى مەدەنىيەت مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاي تولغان جۇڭچيۇ مۇھەببەتكە تولغان دۇنيا» تېمىسىدىكى جۇڭچيۇ بايرىمىلىق پائالىيەت نەق مەيدانىدا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قەغەز قىيمىسى ۋارىسلىرى قەغەز قىيما ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلماقتا.

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇرلۇقلار كەنتى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا، شۇ جايدىكى ئامما غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بولغان لوپنۇر كەندىرى قول ھۈنەرۋەنچىلىك ھۈنەر-سەنئىتىنى نامايان قىلماقتا.

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر ساياھەت ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ قۇملۇق مەنزىرىسىنى تاماشا قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.