تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كوچا جەمئىيەت كۈچلىرىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشى ئۈستىدە ئىزدەندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، لوپ ناھىيەسىنىڭ چارباغ بازىرى كوچائېرىق كەنتى بىر مەيدان مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش بويىچە ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنى كۈتۈۋالدى − چيەنبەيدۇ خەلقئارا پاي كونترول چەكلىك شىركىتى تەشكىللىگەن ئىللىق شامال ھەرىكىتى كىچىك ئەترىتى ئىككى مەكتەپكە 1325 جۈپ تەنھەرىكەت ئايىغى ئىئانە قىلدى.

ئىئانە قوبۇل قىلغان ئىككى مەكتەپ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى توغراغاز يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە لوپ ناھىيەسى چارباغ بازارلىق 1 - ئىزچىل تۈزۈمدىكى مەكتەپ. «بىر ئۈلۈش سەمىمىيىتىمىز ئارقىلىق بىر ئۈلۈش ئىللىقلىق ۋە مېھىر - شەپقەت يەتكۈزىمىز.» ئىئانە قىلىش مۇراسىمىدا، چيەنبەيدۇ خەلقئارا پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى يۈەن جېنخۇا مۇنداق دېدى: تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ ئىئانە قىلىش كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، بۇ مېھىر - مۇھەببەتنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چارباغ بازىرىنىڭ كوچائېرىق كەنتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان مۇھىم ئىسلاھات بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان كەنت بولۇپ، جەمئىيەت كۈچلىرىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا كۈچ قوشۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن، شىنجاڭ كوچا مەدەنىيەت پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ كوچا يېزا - كەنت ئورتاق بېيىش فوندى جەمئىيىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت جەمئىيەتتىكى مېھىر - شەپقەت كۈچلىرىنى لوپ ناھىيەسىدىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم قىلىش - يۆلەشكە قاتنىشىشقا كەڭ سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق، جەمئىيەت كۈچلىرى خوتەن ۋىلايىتىدىكى يېزا - كەنتلەرنىڭ ئورتاق بېيىشىغا كۈچ قوشىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت.

شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، جەنۇبىي شىنجاڭ شاھمات كۆزى. 2020 - يىلى گەرچە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئون ناھىيەدە پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، مۇتلەق نامراتلىق ۋە رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق مەسىلىسى ھەل قىلىنغان بولسىمۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا كەسىپ تەرەققىياتى ئارقىدا قېلىش، جەمئىيەت قۇرۇلمىسى يەككە بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسى يەنىلا ئانچە مۇستەھكەم ئەمەس، سىرتقى كۈچلەرنى كىرگۈزۈپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشى، پۇقرالارنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق، خەيرىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەدەت بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خەيرىيەت ئىشلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى (ئىسلاھات ئىشخانىسى)نىڭ كادىرى ئەكبەرجان ياسىن مۇنداق بىلدۈردى: خوتەن ۋىلايىتىدە تۇنجى كوچا يېزا - كەنت ئورتاق بېيىش فوندى جەمئىيىتى تەسىس قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندۇق، بۇنىڭدا، بىر تەرەپتىن، تېخىمۇ كۆپ جەمئىيەت كۈچلىرىنى خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم قىلىش - يۆلەشكە جەلپ قىلىپ ۋە يېتەكلەپ، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش، داۋالىنىش، مېيىپلەرنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق ياردەم قىلىش - يۆلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىئانىسى قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، «خەيرىيەت + فوند» «خەيرىيەت + كەسىپ» «خەيرىيەت + جەمئىيەت تەشكىلاتى» «خەيرىيەت + تور» «خەيرىيەت + نەق مەيداندا ئىئانە قىلىش» قاتارلىق ئىئانە قىلىش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خەيرىيەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپەيتكىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان تەجرىبىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ.

شىنجاڭ كوچا يېزا - كەنت ئورتاق بېيىش فوندى جەمئىيىتى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىن فوندى جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈرلۈك خەيرىيەت مەبلىغىنى كەڭ كۆلەمدە توپلاپ، تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ھەم باشقا جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىئانىسىنى قوبۇل قىلىدۇ ھەم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ھۆكۈمەت ھاۋالە قىلغان مەخسۇس ئىئانىنى قوبۇل قىلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، بۇ فوندى جەمئىيەت تۈرلۈك ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىئانە قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن كۆپ مەنبەلىك شەكىلدىن ئىجادىي پايدىلىنىپ مەبلەغ توپلاپ، جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، تەسىر كۈچى كەڭ بولغان ئىئانە قىلىش ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى تېخىمۇ ياخشى قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.