□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا
خېمىر، قىيما، قېلىپ قاتارلىق ماتېرىياللار ئۈستەلگە رەتلىك تىزىلدى، رىياسەتچى باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلماي تۇرۇپلا، كەنت ئاھالىلىرى تاقەتسىزلىك بىلەن «ئىش باشلاپ كەتتى» − بەزىلىرى جىلتا ئاچسا، بەزىلىرى قىيما قىلدى، يەنە قولى تېخىمۇ چېۋەر بەزىلىرى تەييارلانغان قىيمىنى يۆبىڭ جىلتىسىگە سېلىپ تۈگۈپ يۇمىلاق شەكىلگە كەلتۈرۈشكە مەخسۇس مەسئۇل بولدى... 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئايكۆل بازىرى دۆڭقوتان كەنتىدە بىر مەيدان «قويۇق مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان جۇڭچيۇ بايرىمى، چېۋەر قوللاردا تەييارلانغان يۆبىڭ» تېمىسىدا ھېس قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، كىشىلەر پائالىيەت جەريانىدا جۇڭچيۇ بايرىمىدىكى ئۆرپ - ئادەت ۋە قىزىقارلىق ئىشلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بايرامنىڭ ئىللىقلىقى ۋە خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى.
يەنە بىر جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كەلدى، ئاي تولدى، مېھىر - مۇھەببەت تولۇپ تاشتى، كىشىلەر جەم بولدى. يۆبىڭ تەييارلاش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، ئاينى تاماشا قىلىپ باغ سەيلىسى قىلىش، پانۇس تېپىشمىقى تېپىش، يۈز ئائىلىلىك زىياپەت... ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن جايلار بىر قاتار ئۆزگىچە، مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار پائالىيەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئامما شاد - خۇراملىق بايرام كەيپىياتىغا چۆمۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا دۆلەت مۇھەببىتىنى يېتىلدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.
گۈللەر ئېچىلىپ ئاي تولدى، كاتتا بايرام «رەڭدار» ئۆتكۈزۈلدى
9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى ئاممىۋى تەربىيە پائالىيەت ئۆيىدە كۈلكە - چاقچاقلار ئۈزۈلمىدى، بۇ يەردە «سەنئەت تۈسىنى ئالغان بايرام مەزگىللىرى» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىدىن ئايدىكى تاجدار توشقان پانۇس ياساش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. ئۈرۈمچى ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى لى نانىڭ چۈشەندۈرۈشى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىشىدە كىشىلەر بەس - بەستە قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساش خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى. رەڭگارەڭ مەخمەل سىم ئېگىپ خىلمۇخىل شەكىلگە كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا كىچىك LED چىراغ ۋە بېزەك قەغەز پارچىلىرى ماسلاشتۇرۇلۇپ، خۇددى تىرىكتەك كۆرۈنىدىغان ئاي توشقىنى پانۇسلىرى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئاستا - ئاستا نامايان بولدى.
«بۈگۈنكى پائالىيەت بەك قىزىقارلىق بولدى، ئەنئەنىۋى ۋە زامانىۋى سەنئەتنى بىرلەشتۈرۈپ، بالام مەخمەل سىم بىلەن كۆتۈرۈۋالغىلى بولىدىغان توشقان ياسىدى، مەن پانۇس ياسىدىم، ئەمەلىيەت جەريانىدا جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ھېس قىلدۇق» دېدى پائالىيەتكە قاتناشقان ئائىلە باشلىقى شېن جيەنمېي.
شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى ئاممىۋى تەربىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ياڭ فەن مۇنداق تونۇشتۇردى: يۇقىرىقى پائالىيەتلەردىن باشقا، جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدە، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى پىدائىيلىرى كۆپچىلىككە كۆرگەزمىنى چۈشەندۈرۈپ، كىشىلەرنى سەنئەت ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەر ۋە ئىجادىيەت ئىلھامىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، يەنە «بايرامدىكى گۈزەل سەنئەت سارىيى» يۈرۈشلۈك قىسقا سىن مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ بايرامدىكى شادىمان كەيپىياتنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلدۇق.
شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيى «شىئەن دۇمباق مۇزىكىسى مەخسۇس مەيدان مۇزىكا كېچىلىكى» قاتارلىق ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق يۇغۇرۇلغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، شەھەر ئاھالىلىرى ھەم ساياھەتچىلەرگە بىر مەيدان كۆرۈش - ئاڭلاش كاتتا زىياپىتى ئېلىپ كەلدى؛ خوتەن ۋىلايەتلىك مۇزېي «گۈللەر ئېچىلىپ ئاي تولۇش، جۇڭچيۇ بايرىمىدا بەختكە چۆمۈش» يۈرۈشلۈك باش تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەرنى «مۇزېي خاتىرىسى»گە تولغان گۈزەل بايراملىق دەم ئېلىشنى ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ قەشقەر ۋىلايىتى بىر مەيدان قالتىس بولغان ئالتۇن كۈزدىكى مۇزىكا كاتتا زىياپىتى ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا بولغان گۈزەل تىلەكلىرىنى ئىپادىلىدى... ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن رەڭدار پائالىيەتلەر ھەر مىللەت ئاممىنى ئەنئەنىۋى بايرامنىڭ مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر ھېس قىلىش، ئىللىق ھەم گۈزەل كۈنلەردە جۇڭچيۇ بايرىمىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
كۆڭۈل قويۇپ تەييارلانغان ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئورۇنلاندى، لاي ھەيكەل، تېرە قونچاق قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆرۈش، ھېس قىلىش كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى، پانۇس تېپىشمىقى تېپىش، شېئىر - قوشاق ئېيتىشىش قاتارلىق ھەمتۈرتكە ئويۇنلار كىشىلەرنى ئازادە، خۇشال كەيپىياتتا گۈزەل پەيتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى... 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە، «سىزگە سىياھ رەسىمدىكىدەك تولۇن ئاينى سوۋغا قىلاي» تېمىسىدىكى جۇڭچيۇ بايرىمىلىق باغ سەيلىسى پائالىيىتى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، سەرخىل پائالىيەتلەر نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىنى جۇڭچيۇ بايرىمىنى «ھەر خىل شەكىل»دە ئۆتكۈزۈشكە جەلپ قىلدى.
«بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە شىمىگۇ باغچىسى ئاساسىي پائالىيەت مەيدانى قىلىنىپ، تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسى ۋە موجيې مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ساياھەت باغچە رايونى شۆبە پائالىيەت مەيدانى قىلىنىپ، خەنفۇ كىيىپ باغچىنى سەيلە قىلىش، قەدىمىي شېئىرلارنى ئېيتىشىش، پانۇس تېپىشمىقى تېپىش، ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق قالتىس بولغان بايراملىق كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقى نامايان قىلىندى» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى (مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ ۋېنخۇي.
كىتابخۇملارنىڭ قاپىيەلىرىدە جۇڭچيۇ بايرىمىغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببەت نامايان قىلىندى
«مەي كۆتۈرۈپ باقتىم كۆككە، تولۇن ئاي قاچان كۆرۈلىدۇ؟ بىلمىدىم پەقەت كۆكتىكى تيەنگۇڭدا، بۇ قايسى يىلدىن دېرەك بېرىدۇ...» 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى كەچتە، بىر مەيدان «ئاي»نى باش تېما قىلغان جۇڭچيۇ بايرىمىلىق شېئىر يىغىلىشى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانىدا ئۆتكۈزۈلدى، خەنفۇ كىيگەن 15 دېكلاماتسىيە قىلغۇچى نۆۋەت بىلەن سەھنىگە چىقىپ، «شۇيدياۋ گېتوۋ . تولۇن ئاي قاچان كۆرۈلىدۇ» «جىمجىت كېچىدىكى سېغىنىش» «ئايدىڭدا يالغۇز مەي ئىچىش» «كېچىدە فېڭچياۋدا توختىغاندا» قاتارلىق داڭلىق نادىر شېئىر ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، كىشىلەرنى جۇڭچيۇ بايرىمىلىق شېئىرىي تۇيغۇغا چۆمدۈردى.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانىنىڭ مەسئۇلى ساۋ شيا مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ، كۇتۇپخانىمىز ئۆتكۈزگەن «ئاي تولغان جۇڭچيۇدا <كىتاب ئوقۇش> كىتابخۇمارلار ئۇچرىشىشى» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك كىتاب ئوقۇش - تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى، شۇ كۈنى كەچتە يەنە پانۇس تېپىشمىقى تېپىش، جۇڭچيۇ بايرىمىدا گۈللۈك پانۇس ياساش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى، «يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭچيۇ بايرىمىدىكى ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەتلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
ئالتۇن كۈزنىڭ سالقىن ھاۋاسىدا، كىتابخۇمارلار كىتابنى ھەمراھ قىلدى. جۇڭچيۇ كاتتا بايرىمى مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىكى مەدەنىيەت مەيدان - سارايلىرى كىتاب ئوقۇش يىغىلىشى، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش، توردا كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دەم ئېلىش كۈنىدىكى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنى ھەم 2024 - يىللىق شىنجاڭ كىتاب كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. كىتاب ئوقۇش يىغىنى جۇڭچيۇ بايرىمىغا توغرا كېلىپ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە بىر مەيدان كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتى سۇنۇلدى.
9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا - يىغىن كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ ھەرقايسى كۆرگەزمە ئورۇنلىرىدا، باش تېمىسى روشەن بولغان نادىر كىتابلار، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى، قالتىس بولغان كىتاب ئوقۇش - تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى نۇرغۇن ئاممىنى جەلپ قىلدى. كىتاب تاللاش، كىتاب ئىزدەش، كىتاب ئوقۇشتىن باشقا، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش، تامغا بېسىشمۇ كىشىلەرنىڭ كۆرگەزمىنى ئايلىنىشىدىكى خۇشاللىققا ئايلاندى.
مەھەللىدىكى «يۈز ئائىلىلىك زىياپەت»تە بەخت تەمى تېتىلدى
قىزارتىپ قورۇلغان كالا گۆشى، كاۋاپ، ياغدا پىشۇرۇلغان تاسما بېلىق، داپەنجى... 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتە، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىنىڭ ھويلىسىدا خۇش پۇراق دىماغقا ئۇرۇلاتتى، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر 35 يۇمىلاق ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، «ئاي تولغان جۇڭچيۇدىكى يۈز ئائىلىلىك زىياپەت»كە ئېغىز تېگىپ، بىرلىكتە قىزىق پاراڭلارنى قىلىشتى.
كۈلكە ئاۋازلىرى ئۈزۈلمىدى، ئاھالىلەر تاماق يېگەچ پاراڭلاشتى، پاراڭ تېمىسى كۈندىلىك تۇرمۇش بولدى: قىلىدىغان ئىشىمىز بولمىسا مەھەللە پائالىيەت ئۆيىدە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايمىز، شاھمات ئوينايمىز؛ ياشانغانلار ئەتىگەندە، چۈشتە تاماق ئەتكىمىز كەلمىسە، كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزىگە بېرىپ غىزالىنىمىز، ئەرزان ھەم قولاي؛ ئۇششاق كېسەل ۋە ئاغرىقنى يىراققا قاترىماي مەھەللە دوختۇرخانىلىرىدىلا كۆرسىتىمىز؛ ھەپتە ئاخىرىدا بالىلىرىمىز مەھەللىدە خەتتاتلىق، جىڭجۈي تىياتىرى، ئۇسسۇل ئۆگىنەلەيدۇ...
گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدە 11 ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى بار، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مەھەللىدە ھەر يىلى يۈز ئائىلىلىك زىياپەت ئۆتكۈزۈلۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا تېخىمۇ باب كېلىدىغان ئىناق تۇرمۇش مۇھىتى بەرپا قىلىندى. «ئائىلە زىياپىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتە جەم بولۇش، بەختكە چۆمۈشتىن ئىبارەت گۈزەل مەناسى بار. يۈز ئائىلىلىك زىياپەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھەرمىللەت كادىرلار، ئامما مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىش جەريانىدا قوشنىلار ئارا ھېسسىياتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنىڭ دائىم پورەكلەپ ئېچىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ» دېدى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ ياۋۋېن.
كۆپچىلىك جەم بولۇپ قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە يېگەن بىر قاچا تاماقمۇ ھۇزۇرلۇق بولىدۇ. جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپ خىل شەكىلدىكى مول ۋە رەڭدار بولغان يۈز ئائىلىلىك زىياپەت ۋە قوشنىلار بايرىمى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، ھەر مىللەت ئامما ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، ئېسىل نومۇرلارنى كۆرۈپ، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، ئەڭ قاينام - تاشقىنلىق كەيپىياتقا تولغان شەكىلدە ئەڭ ئىللىق مېھىر - مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى، شاد - خۇراملىق ئىچىدە قوشنىلار ئارا مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، شاد - خۇراملىق ۋە ئىناقلىققا تولغان قويۇق كەيپىياتنى نامايان قىلدى.
يۆبىڭ، ئۈزۈم، بوغۇرساق، داپەنجى، سامسا، جياۋماجى قاتارلىق ھەر خىل مەززىلىك تائاملار كەينى - كەينىدىن ئۈستەلگە تىزىلدى... 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، دۆربىلجىن ناھىيەسى بۇ ناھىيە بازىرىنىڭ دۇڭجيې گوچاۋ كوچىسىدا «تاغ - دەريالاردىن تولۇن ئاي كۆتۈرۈلۈپ، دۇڭجيېدا جەم بولۇش» تېمىسىدا جۇڭچيۇ بايرىمىلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزدى. يۈز ئائىلىلىك زىياپەتتىن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرىكى، شىچۈ تىياتىرى ئورۇنلاشقىچە، خاس مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىسىدىن خەت تېپىش تېپىشمىقى، شېئىرنى ئۇلاپ ئوقۇش شادلىقىغا چۆمۈشكىچە، ئاھالىلەر ۋە ساياھەتچىلەرگە مول مەزمۇنلۇق، كۆپ خىل شەكىلدىكى مەدەنىيەت زىياپىتى بېرىلدى.
«جۇڭچيۇ بايرىمىلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بايرامنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كېيىنكى قەدەمدە، بىز شەكلى كۆپ خىل، ئامما ياقتۇرىدىغان مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى سىجىل قانات يايدۇرىمىز» دېدى دۆربىلجىن ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى سىمبات نۇرشات.