تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭچيۇنى ئۆزگىچە ئۆتكۈزۈش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

بۇ قۇتلۇق كۈندە، يىلدا بىر كېلىدىغان جۇڭچيۇ يېتىپ كەلدى. شىنجاڭ تۇپرىقىنىڭ ھەممىلا يېرىدە گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى، ھەممىلا جاي شاد - خۇراملىققا چۆمدى.

بىللە يۆبىڭ تەييارلاش، بىللە ناخشا ئېيتىش، بىللە غىزالىنىش، بىللە سەيلە قىلىش، بىللە ئاي تاماشاسى قىلىش... بۇ پەيتتە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى كەنتتە تۇرۇۋاتقان كادىرلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ھەم ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان ئەمگەكچىلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىللە، جەم بولۇش شادلىقىنى ئۆزگىچە شەكىلدە ھېس قىلدى.

يۆبىڭدىن جەم بولۇش شادلىقىنى ھېس قىلىش

9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسى شاقى مەھەللە كەنتىدە يۆبىڭنىڭ مەززىلىك ھىدى تارالدى.

«ئالدى بىلەن ياڭاق مېغىزى، قۇرۇق ئۈزۈم، گۈلقەنت، ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلاپ، ئاندىن ئۇنى يۆبىڭ جىلتىسى بىلەن تۈگكەندىن كېيىن، قېلىپقا سېلىپ يېنىك باسساقلا، يۆبىڭ تەييار بولىدۇ.» شاقى مەھەللە كەنتىگە جايلاشقان خوتەن ئەل شادلىقى يېمەكلىك پىششىقلاش چەكلىك شىركىتىدە، پىشۇرۇق ئۇستىسى ئايشەم ھەبىبۇللا كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرىگە يۆبىڭ تەييارلاش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىۋاتاتتى.

خوتەن ئەل شادلىقى يېمەكلىك پىششىقلاش چەكلىك شىركىتىنى شىنجاڭ سانائەت - قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى 2019 - يىلى ياردەم بېرىپ قۇرغان. جۇڭچيۇنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىركەت 80 مىڭ يۈەنلىك زاكاز قوبۇل قىلىپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ يۆبىڭ ئىشلەپچىقاردى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى شۈ خۇڭشياڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى، «تۆت پېشقەدەم»لەر بىرلىكتە كارخانىنىڭ يۆبىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەملىشىپ، جۇڭچيۇ بايرىمىنى ئۆزگىچە ئۆتكۈزۈش چارىسىنى ئويلاپ تاپتى.

«يۆبىڭ تەييارلاش جەريانىدا، كۆپچىلىك پاراڭلاشقاچ قول سېلىپ ئىشلەپ، سېغىنىش ھېسسىياتىنى خېمىرغا مۇجەسسەملەپ، بەخت تىلىكىنى قىيمىغا سىڭدۈردى، بۇ بىر قېتىملىق ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە تەسىرات بولدى، تەييارلانغان يۆبىڭلار تېخىمۇ مەززىلىك ۋە يېيىشلىك بولدى» دېدى شۈ خۇڭشياڭ.

شۇ كۈنى، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ قوبۇقسار بازىرى باغىس مەھەللىسىدىن شادىيانە ناخشا - ئۇسسۇل ساداسى ئاڭلاندى، 30دىن ئارتۇق داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلىرى، ئاھالىلەر ۋەكىللىرى «قويۇق مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان جۇڭچيۇدا ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا پاراڭلىشىش، قوشنىلار خۇشال - خۇرام جەم بولۇپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» تېمىسىدا جۇڭچيۇلۇق پائالىيەت ئۆتكۈزۈۋاتاتتى.

ياڭ لىنچى غەربىي رايون پىلانى پىدائىيسى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ جۇڭچيۇ بايرىمىنى شىنجاڭدا 2 - قېتىم ئۆتكۈزۈشى ئىدى، «يۆبىڭ يۇرتۇمغا بولغان سېغىنىشىمنى ئىپادىلەيدىغان ئەڭ بىۋاسىتە ۋاسىتە بولۇپ قالدى.» ئۇ مۇنداق دېدى: مەھەللە ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە يۆبىڭغا ئېغىز تېگىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، جۇڭچيۇنى تېخىمۇ بەختىيار، خۇشال ئۆتكۈزدۈم، شۇنداقلا ئائىلە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدىم.

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى لياۋنىڭ ئۆلكىلىك كومىتېتى ئۆسمۈرلەر بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى كادىرى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى لو مەن شىخو شەھىرىدىكى ياش - ئۆسمۈرلەر بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن جۇڭچيۇنى ئۆزگىچە ئۆتكۈزدى. «بۇ قېتىم شىخو شەھىرىگە كېلىپ، شىخو شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتى، پىيونېرلار خىزمەت كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە <سىز ئۆيىمىزگە كېلىپ ساڭزىغا ئېغىز تېگىڭ، مەن ئۆيىڭىزگە بېرىپ يۆبىڭغا ئېغىز تېگەي> تېمىسىدىكى مېھىر - مۇھەببەتنى يۇغۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق، بۇ، ماڭا شىنجاڭ بالىلىرىنىڭ سەمىمىيلىكىنى ھېس قىلدۇردى، كۆپچىلىك بىرلىكتە بىر - بىرىنىڭ مەززىلىك تائاملىرىغا ئېغىز تېگىپ، ھەمتۈرتكىلىك ئويۇن ئويناپ، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش قويۇق كەيپىياتىنى ياراتتى» دېدى لو مەن.

گۈزەل شىنجاڭدا جۇڭچيۇ ئۆتكۈزۈش

9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا ئادەملەر ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمەيتتى. ھېيتگاھ مەيدانىنى بويلاپ شەرققە قاراپ ماڭغاندا، باغچى كوچىسىدىكى ئائىلىۋى مېھمانخانا كوچىسىنىڭ بىر تەرىپىدىكى قېنىق قوڭۇر رەڭلىك ياغاچ ئىشىك كىشىلەرنى جەلپ قىلدى. مىڭبىر كېچە لايىھەلەش ئۇستىسى ناملىق بۇ ئائىلىۋى مېھمانخانىدا، خۇ يۈپېڭ جۇڭچيۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

«توققۇز ئېغىز ياتاقنىڭ ھەممىسى زاكاز قىلىنىپ بولدى.» خۇ يۈپېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ياتاقلىرىمىز مۇشۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇسلۇبى بويىچە بېزەلگەن، ئادەتتىكى كۈنلەردە بىز ھەربىر ياتاققا قۇرۇق مېۋە ۋە پېچىنە - پىرەنىك تىزىپ قويىمىز، جۇڭچيۇلۇق دەم ئېلىشتىكى بۇ بىرنەچچە كۈندە، بىز بىر قىسىم ئۆزگىچە يۆبىڭلارنى سېتىۋېلىپ ياتاققا تىزىپ، مېھمانلارغا ئائىلە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرىمىز.

خۇ يۈپېڭ مىڭبىر كېچە لايىھەلەش ئۇستىسى ئائىلىۋى مېھمانخانىسىنىڭ ئاساسلىق باشقۇرغۇچىسى. 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرى، بېيجىڭدا ئىزچىل مۇزىكا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خۇ يۈپېڭ دوستلىرى بىلەن ئۆزلىرى ئاپتوموبىل ھەيدەپ قەشقەر شەھىرىگە كېلىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى بىر ئائىلىۋى مېھمانخانىدا تۇردى، ئۇ كۈچلۈك مىللەتلەر خاسلىقىغا ئىگە ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرى ۋە بۇ شەھەرنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى جەلپكارلىقىغا مەپتۇن بولۇپ، قەشقەردە قېلىپ ئائىلىۋى مېھمانخانا ئېچىشنى قارار قىلدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا بۇ ئائىلىۋى مېھمانخانا تىجارەت باشلىدى.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقان خۇ يۈپېڭ ئۆزىنى بۇ جاينىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدى. «جۇڭچيۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بىز يەنە ئائىلىۋى مېھمانخانىدا كىچىك تىپتىكى ناخشا كېچىلىكلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭچيۇ بايرىمىنى تېخىمۇ مول مەزمۇنغا، رەڭدار تۈسكە ئىگە قىلماقچى بولۇۋاتىمىز» دېدى ئۇ.

بۇ قېتىمقى جۇڭچيۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، يەنە ھەرقايسى جاي تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغان نۇرغۇن ساياھەتچى شىنجاڭغا كېلىپ جۇڭچيۇ بايرىمى ئۆتكۈزۈشنى تاللىدى.

9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى سەھەردە، چىڭخەيلىك ساياھەتچى گو چىڭلەن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە كەلدى. «بىز 20 نەچچە كۈنلۈك ساياھەت ئۆمىكىگە قاتناشتۇق، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭغا بارىمىز، جۇڭچيۇ بايرىمىنى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈش ھەقىقەتەن قالتىس ئىش.» گو چىڭلەن مۇنداق دېدى: بىز سايرام كۆلى، قازانچى خەلق ئۆرپ - ئادىتى ساياھەت رايونىغا بېرىپ، ناخشا - ئۇسسۇللاردىن ھۇزۇرلىنىپ، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇق، «گۈزەل شىنجاڭ ساياھەت قىلىشقا تولىمۇ ئەرزىيدىكەن».

خىزمەت ئىش ئورنىدا تۆھپە قوشۇش

جۇڭچيۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ھەممە ئائىلىنىڭ خاتىرجەم بايرام ئۆتكۈزۈشى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئەمگەكچىلەر، قوغدىغۇچىلاردىن ئايرىلالمايدۇ...

«جۇڭگونىڭ غەربىي قۇتۇپى» بولغان ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ ئەركەشتام پورتى باغچە رايونىدىكى شىنجاڭ خەنجيې ياسىمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ موتوسىكلىت قۇراشتۇرۇش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، بىرتۇتاش خىزمەت كىيىمى كىيگەن ئىشچىلار قولىغا ئەسۋاب ئېلىپ گاھ زوڭزىيىپ، گاھ ئۆرە تۇرۇپ، موتوسىكلىت گەۋدىسىگە تۈرلۈك زاپچاسلارنى ئورنىتىۋاتاتتى.

«بۇ تۈركۈمدىكى 480 موتوسىكلىتنى ئۆزبېكىستان زاكاز قىلغان، 100دىن ئارتۇق موتوسىكلىت يولغا چىقىپ بولدى، قالغىنىنى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن قۇراشتۇرۇپ يولغا سالىمىز. بۇنىڭدىن باشقا، 1000دىن ئارتۇق يەنە بىر تۈركۈم دالا موتوسىكلىتى زاكازى بار، زاپچاس يېتىپ كەلگەن ھامان چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپچىقىرىمىز.» شىنجاڭ خەنجيې ياسىمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خې جيەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى جۇڭچيۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىمىز.

بۇ شىركەت ئەركەشتام پورتى باغچە رايونىدا 2023 - يىلى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرۇپ قۇرۇلغان، موتوسىكلىت قۇراشتۇرۇش، موتوسىكلىت زاپچاسلىرىنى ياساش، بالون ياساش ھەم توكسىكلىت ياساشنى ئاساس قىلغان كارخانا. «ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە ماكانلىشىشتا، دەل بۇ جاينىڭ پورت ئەۋزەللىكىنى كۆزدە تۇتتۇق، يەرلىك ھۆكۈمەتمۇ ناھايىتى ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى، نۆۋەتتە ئىككى ياسىمىچىلىق كارخانىسىنى قۇردۇق.» خې جيەن مۇنداق دېدى: جۇڭچيۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۇ ئىككى تۈركۈمدىكى زاكازىنى ياخشى تاماملاپ بولۇشىمىز كېرەك.

نۇقتىلىق قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا كۈرەش قىلىۋاتقان قۇرۇلۇشچىلار، چوڭ - كىچىك كوچىلاردا چېپىپ يۈرگەن تېز يەتكۈزگۈچىلەر، قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈشىنى تەكشۈرۈش ئىشچىلىرى... جۇڭچيۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بۇلار ئەڭ تەسىرلىك مەنزىرىگە ئايلاندى.

دۇربۇن بىلەن تۆمۈر مۇناردىكى ۋېنتا، سىم قىسقۇچلارنى كۆزىتىپ، مۇنار ماتېرىيالىنىڭ مۇستەھكەم ئۇلانغان - ئۇلانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش... دۆلەت ئېلېكتىر تورى خوتەن توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى توك يەتكۈزۈش - يۈرۈشۈشنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى ۋۇ فۇفا ۋە خىزمەتدىشى ئالىمجان مەتتۇرسۇن جۇڭچيۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈشىنى تەكشۈرىدۇ. «بۇ لىنىيە خوتەن شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، خوتەن شەھىرىنىڭ غەربى ۋە شىمالىنى توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇھىم لىنىيە، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئالاھىدە نازارەت قىلىش خىزمىتى ئىنتايىن مۇھىم» دېدى ۋۇ فۇفا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.