تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرايلى، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرەيلى، ياخشى يۈرۈشتۈرەيلى

​− مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز

□خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش. بۇ يىل مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ شانلىق مۇساپىسىنى ئەسلەپ، خۇلاسىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشى يۈرۈشتۈرۈش جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي ئېغىشماي مېڭىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى تەشكىللەش ۋە سەپەرۋەر قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

1954 - يىلى 9 - ئاي، 1 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ئېچىلىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ماقۇللاندى، بۇ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ بۇ تۈپ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ رەسمىي ئورنىتىلغانلىقىدىن دېرەك بەردى. 70 يىلدىن بۇيان، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ ۋە راۋاجلىنىپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىش مۆجىزىسى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش مۆجىزىسى يارىتىشىنى مۇھىم تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تۇنجى قېتىم مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، مۇھىم قانۇن چىقىرىش ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدىكى مۇھىم ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ ئالغا سىلجىتتى، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدى، تېخىمۇ تۇراقلاشتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئىلغار سىياسىي ئىدىيە، روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ خاراكتېرىنى نامايان قىلىدىغان، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ياخشى تۈزۈم.

تۈزۈم مۇقىم بولسا دۆلەت مۇقىم بولىدۇ، تۈزۈم كۈچلۈك بولسا دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا تىرەك بولىدىغان تۈپ سىياسىي تۈزۈم، پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنسانلارنىڭ سىياسىي تۈزۈم تارىخىدا ياراتقان ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تەرەققىيات تارىخىدا، ھەتتا دۇنيانىڭ سىياسىي تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە يېپيېڭى سىياسىي تۈزۈم. بۇ تۈزۈم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزملىق دۆلەت تەلىماتىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى؛ دۆلەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى خەلققە مەنسۇپ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ تىنچلىق - قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش - خارابلىشىشتىن ئىبارەت تارىخىي دەۋرىيلىكتىن بۆسۈپ چىقىشىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى؛ دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلارنى بىرتۇتاش يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەشكىللىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ ھەم ھاياتىي كۈچكە تولۇشى ھەم تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدىن ئىبارەت تارىخىي تۈگۈندە تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرگەندە، چوقۇم پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

يېڭى دەۋردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە دائىر بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى. يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن - سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دۆلەت خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ جەزمەن تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ جەزمەن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار بويىچە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ۋە تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ جەزمەن دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلارنى بىرتۇتاش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەشكىللەپ ئالغا سىلجىتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇش، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ جەزمەن دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى، ئەڭ كەڭ، ئەڭ چىن، ئەڭ ئەسقاتىدىغان دېموكراتىيە. جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىشتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر تەجرىبە − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە كونكرېت، رېئال گەۋدىلەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلغاندا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋاملىق خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئارقىلىق دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى خەلقنىڭ قولىغا مەھكەم تۇتقۇزۇشىمىز كېرەك.

70 يىلدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يېڭى مۇساپە كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتكەندىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى پاراخوتى چوقۇم دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى چوقۇم گۈزەل رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.