تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

پوسكام ناھىيەسىنىڭ «گۈل ماكانى» ماركىلىق 140 توننا ئۇنى قاراماي شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى

    پوسكام ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

    9-ئاينىڭ 9-كۈنى، «گۈل ماكانى» ماركىلىق  140 توننا ئۇن لىق بېسىلغان تۆت چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى پوسكام ناھىيەسىنىڭ كۈيباغ يېزىسى سايئېرىق كەنتىدىن يولغا چىقىپ، قاراماي شەھىرى مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى، بۇ، مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتى ھەمدە ئۇنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشقانلىقىنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتى بولۇپلا قالماي، يەنە «گۈل ماكانى» ماركىسىنىڭ يېزا-كەنتلەردىن چىقىپ، تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلىنىشتە مۇھىم بىر قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    9-ئاينىڭ 9-كۈنى كۈيباغ يېزىسى سايئېرىق كەنتىنىڭ كەنت كومىتېتى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، «گۈل ماكانى» ماركىلىق 140 توننا ئۇن لىق بېسىلغان تۆت چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى يولغا چىقىشقا تەييارلاندى. يولغا چىقىش مۇراسىمىدا، پوسكام ناھىيەسى گۈل يۇرتى يېزا ئىگىلىكى-دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۇن زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى نۇرمەمەت بارات مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتىنىڭ سايئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىگە لەۋھە تەقدىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ چەكسىز غەمخورلۇقى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. بىر بۇيرۇق بىلەن، تۆت چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى ئاستا-ئاستا قوزغالدى، لىققىدە ئۈمىد ۋە ئارزۇ قاچىلانغان ئۇن مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتىگە بارىدىغان سەپەرگە ئاتلاندى.
    نۇرمەمەت بارات مۇنداق دېدى: «كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ چاقىرىقى بىلەن، بۇ قېتىم مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتى بىزگە ياردەم بېرىش-يۆلەش ئۈچۈن، بۇ 140 توننا ئۇننى ئالاھىدە سېتىۋېلىپ، بىزنىڭ ئۇن سېتىشىمىزغا ياردەم بېرىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى».
    2023-يىلى 5-ئايدا، مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتىنىڭ سايئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ سەپەرۋەرلىك قىلىشى ۋە يېتەكلىشىدە، كەنتتىكى 75 ئائىلىلىك ئامما ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ توپلاپ، گۈل يۇرتى يېزا ئىگىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى، گۈل يۇرتى ئۇن زاۋۇتى قۇرۇپ، ئاممىنى بۇغداي سېتىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، كۆپچىلىكنىڭ كۈندىلىك ئۇن سېتىۋېلىش ئېھتىياجىغا قولايلىق ياراتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە شۇ جايدىكى ئالتە ئاممىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەمدە 100دىن ئارتۇق ئاممىنىڭ ۋاقىتلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلدى.
    كۈيباغ يېزىسى سايئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى يۈسۈپقادىر مەخمۇت مۇنداق دېدى: «ئۇن زاۋۇتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئائىلىمىز تېرىغان بۇغداينى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئېلىپ بېرىپ ساتالايدىغان بولدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇن سېتىۋېلىشىمىزمۇ ناھايىتى قولاي بولدى، بىز يەنە بۇغدايغا ئۇن تېگىشەلەيمىز، ئۆزىمىزنىڭ بۇغدىيىنى يېسەكمۇ خاتىرجەم بولىمىز».
    پوسكام ناھىيەسى گۈل يۇرتى يېزا ئىگىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۇن زاۋۇتىنىڭ خىزمەتچىسى يۈسۈپجان ئەخمەت مۇنداق دېدى: «ئۆيۈم مۇشۇ كەنتتە، زاۋۇت قۇرۇلغاندىن بۇيان مەن مۇشۇ يەردە ئىشلەۋاتىمەن، بىر ئايلىق مۇقىم كىرىمىم 2000 يۈەن، بەزى ۋاقىتلاردا كۆپ ئىشلىسەم، بىزگە نورمىدىن سىرت مۇكاپات بېرىدۇ. بىزنىڭ ئۇننىڭ سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى بولماقتا، ھازىر ناھىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ-كىچىك تاللا بازارلىرىدا بىزنىڭ ئۇنلىرىمىزنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ زاۋۇتنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ ئالاھىدە ئىشەنچىم بار».
    ئاممىنى يېتەكلەپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئۇن زاۋۇتى قۇرغاندىن سىرت، 2015-يىلىدىن بۇيان، مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتىنىڭ سايئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى جەمئىي 10 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەنت كومىتېتى بازىسىنى ئۆزگەرتتى، 10 كىچىك دۇكان ۋە كەنت مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى سالدى، نۇرغۇن يوللارنى ياسىدى، يەنە يۇندى تۇرۇبا تورىنى ئۆزگەرتىش، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارنى تېمىتىپ سۇغىرىش، سۇ سىڭمەس ئۆستەڭلەرنى ئۆزگەرتىش، ئاساسلىق غول يول مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ھويلا-ئاران مۇھىتىنى تۈزەش، مەكتەپ مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى سېتىۋېلىپ، كۆممىقوناق پىششىقلاش زاۋۇتى قاتارلىقلارنى قۇردى. بۇ تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشى كەنتنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپلا قالماي، يەنە كەنت كوللېكتىپى ۋە ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.
    مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتىدىن سايئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى ئەخمەتجان زۇلپىشا مۇنداق دېدى: «بىز كېلەر يىلى ئەسلىدىكى كۆممىقوناق پىششىقلاش زاۋۇتى ئاساسىدا، 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يەنە بىر يەم-خەشەك پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇپ، بۇغداي ۋە قوناقنىڭ پوستىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئىشلىتىپ، يەم-خەشەك قىلىپ پىششىقلىغاندىن كېيىن سېتىپ چىقىرىشنى پىلانلىدۇق. يەنە كەنتتىكى ئېتىزلارغا تېمىتىپ سۇغىرىش تۇرۇبىسى ئورنىتىپ، سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ قاتارلىقلارنى ياساپ، زىرائەتلەرنىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنى خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش، ئېتىز پەرۋىشىگە قولايلىق يارىتىش ھەمدە تۇپراق مۇھىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە يېتىشكە قولايلىق يارىتىپ، كەنتىمىزنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. كەنت پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، كەنت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىغا كۆپرەك ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، كەنت كوللېكتىپى ۋە ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىمىز».

 (پوسكام ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ئاسىمگۈل تۇرغۇنجان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.