توغراپ تەييارلىۋالغان توخۇ گۆشى پارچىسىنى چالا قورۇۋېلىپ، پىياز، زەنجىۋىل، سامساق، قۇرۇتۇلغان لازا قاتارلىق خۇرۇچلار سېلىنىپ تەملەندۈرۈلىدۇ
ياڭيۇنى سېلىپ دۈملەپ يۇمشىتىلىدۇ، توخۇ گۆشى پارچىسى ۋە ياڭيۇ تولۇق پىشقاندىن كېيىن، سۈزۈپ ئېلىپ سوۋۇتىلىدۇ
داپەنجى سوۋۇغاندىن كېيىن، خۇاسىڭ مېغىزى، گازىر مېغىزى قاتارلىق قاتتىق پوستلىق مېۋىلەرنى ئېزىپ سالغاندىن كېيىن ئىلەشتۈرۈلىدۇ
ئاشپەز تەييارلىۋالغان داپەنجى قىيمىسىنى يۆبىڭنىڭ جىلتىسىغا سالغاندىن كېيىن، يېنىك بېسىپ، شەكلى ئۆلچەملىك بولغان ھەربىر يۆبىڭنى تەدرىجىي شەكىلگە كەلتۈرىدۇ
قاقلاپ پىشۇرۇلغاندىن كېيىن، سىرتقى ئېتى ئالتۇن رەڭدە، چۈرۈك، ئىچىدىكى قىيمىسى مول، شىرنىلىك، تەمى يېڭى، مەززىلىك، ئاچچىق-چۈچۈك بولىدۇ
يېڭى پىشقان داپەنجى يۆبىڭ
ھەم يۆبىڭنىڭ چۈرۈك جىلتىسىگە ھەم داپەنجىنىڭ مەززىلىك تەمىگە ئىگە بولۇپ، سىزگە يېپيېڭى تەم سەزگۈسىنى ھېس قىلدۇرىدۇ
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى