تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بايرام بولدى! يۆبىڭ ياساش، تېپىشماق تېپىش... ئۈرۈمچى شەھەرلىك 9-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ جۇڭچيۇ بايرىمى مەنىلىك بولدى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ خەۋەر قىلىدۇ) ئۆز قولى بىلەن مەززىلىك يۆبىڭ ياساش، ساۋاقداشلار بىلەن بىللە تېپىشماق تېپىش...9-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 9-ئوتتۇرا مەكتەپ «جۇڭچيۇدىكى تولۇنئاي جىلۋىسى  جەم بولۇشقا باغلانغان مېھىر رىشتىسى» تېمىسىدىكى جۇڭچيۇ بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ئوقۇغۇچىلار كۈلكە سادالىرى ئىچىدە جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلىپكارلىقىنى ھېس قىلدى.

  9-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 9-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يۆبىڭ تەييارلىماقتا. ما شىنياۋ فوتوسى

   يۆبىڭ تەييارلاش نەق مەيدانىدا، ئۈستەللەرگە ھەر خىل قىيمىلار ۋە يۆبىڭ تەييارلاشقا كېرەكلىك سايمانلار تىزىلغانىدى.

   «ئالدى بىلەن خېمىرنى سىلىق، يۇمشاق قىلىپ يۇغۇرۇپ، ئاندىن قىيمىنى كىچىك شارچىغا ئايلاندۇرۇپ، خېمىرنىڭ ئىچىگە ئاستا بېسىپ كىرگۈزۈپ، ئاندىن قېلىپقا سېلىپ بىر باسىسىلا، مۇشۇنداق چىرايلىق يۆبىڭ بولۇپ شەكىللىنىدۇ.» پىدائىيلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۆبىڭ تەييارلاشقا بولغان قىزىقىشى تولۇپ تاشتى. ئۇلار ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، خېمىر يۇغۇردى، قىيما تۈگدى، قېلىپقا باستى... ئۇزاق ئۆتمەي، شەكلى ھەر خىل، ئىجادىيلىققا تولغان يۆبىڭلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىدا «دۇنياغا كەلدى».

   بەزى يۆبىڭلارنىڭ ئۈستىگە نەپىس نەقىشلەر بېسىلغان، بەزىلىرىنىڭ شەكلى ئۆزگىچە بولۇپ، ھەر بىرىگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستايىدىللىقى ۋە تىلىكى مۇجەسسەملەنگەنىدى. «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز قولۇم بىلەن يۆبىڭ تەييارلىشىم، ئۆزۈم تەييارلىغان يۆبىڭنى يەپ بەكلا خۇشال بولدۇم»، دېدى تولۇق ئىككىنچى يىللىق سەككىزىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى دىلنۇر ئابلىمىت ھاياجانلانغان ھالدا.

  9-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 9-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرى تەييارلىغان يۆبىڭنى تېتىماقتا. ما شىنياۋ فوتوسى

   پانۇس تېپىشمىقى تېپىش رايونىدا، ھەر بىر پانۇسنىڭ ئاستىغا تېپىشماق ئېسىلغان ئىدى، تېپىشماقلار ئادىمىيەت تارىخى، تەبىئىي پەن قاتارلىق كۆپ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەم ئەقىل-پاراسەتنى سىنىغىلى بولاتتى ھەم خۇشاللىق بېغىشلايتتى. ھەر بىر تېپىشماقنى تاپقاندا، نەپىس كىچىك بىر سوۋغاتقا ئالماشتۇرغىلىمۇ بولاتتى.

   ئوقۇغۇچىلار ئۈچ-تۆت بولۇپ توپلىشىپ، ياكى يالغۇز پىكىر يۈرگۈزدى.

   «جۇڭچيۇ بايرىمىدا جۇخار گۈلىنى تاماشا قىلىش دېگەن مىسراغا بىر تۇراقلىق ئىبارىنى تەدبىقلاپ بېقىڭ» ،«مېنىڭچە بۇنىڭ جاۋابى گۈل ئېچىلدى، ئاي تولدى». بەزى ساۋاقداشلار دەرھال تېپىۋالدى. «بېشىنى كۆتۈرۈپ تولۇن ئايغا قاراش دېگەن مىسراغا جۇڭيى دورىلىرىدىن بىرنى مىسال كەلتۈرۈڭ»، بىر ئوقۇغۇچى يۇقىرى ئاۋازدا جاۋاب بەردى: «كىرەش» ھەر قېتىم تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تېپىۋالغاندا، كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ۋە قىزغىن چۇقانلىرى ياڭرايتتى.

  9-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 9-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى پانۇس تېپىشمىقى تاپماقتا. ما شىنياۋ فوتوسى

   «جۇڭچيۇ بايرىمى باھار بايرىمى، چىڭمىڭ، دۇەنۋۇ بايرىمى بىلەن بىللە جۇڭگونىڭ تۆت چوڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى دەپ ئاتىلىدۇ.» «جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ يەنە كۈزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بايرام، ئايغا ئېھتىرام بىلدۈرىدىغان بايرام، جەم بولۇش بايرىمى قاتارلىق ناملىرىمۇ بار.»... ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ جۇڭچيۇ بايرىمى تېمىسىدىكى سىنىپ يىغىنىدا، سىنىپ مەسئۇلى يەنە ئوقۇغۇچىلارغا جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ مەنىسى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى، خەلق ئارىسىدا تارقالغان ھېكايىلەر، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈردى، جۇڭچيۇ بايرىمىغا مۇناسىۋەتلىك قەدىمىي شېئىرلارنى بىرلىكتە ئوقۇدى.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك 9-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىجرائىيە مەكتەپ مۇدىرى لى جىگۇي مۇنداق بىلدۈردى: بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇش داۋامىدا كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىگە تولغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش روھىغا ئىگە يېڭى دەۋر كىشىلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.