تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

جۇڭچيۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بۇ يول بۆلەكلىرى، مۇلازىمەت رايونلىرىدا ئاپتوموبىل ئېقىمى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ

   9-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىنىڭ يول تورىنى كۆزىتىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى 2024-يىللىق جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدىكى تاشيول قاتنىشى سەپەرگە چىقىش مۇلازىمەت كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلىپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكى جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدىكى تاشيول تورىنىڭ يۈرۈشۈشىنى كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەھلىل قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭچيۇ بايرىمىدىكى ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە تاشيوللىرىنىڭ قاتناش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 9 مىليون 600 مىڭغا يېتىپ، كۈندىلىك قاتناش مىقدارىنىڭ 3 مىليون 200 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

  جۇڭچيۇ بايرىمى دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يەتتە كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىدىن يول ھەققى كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ.

جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدىكى تاشيول سەپىرى يۇقىرى پەللە ۋاقىت بۆلىكى مۆلچەرى

   تاشيول قاتنىشى سەپەرگە چىقىش قانۇنىيىتى، دەم ئېلىش ۋاقتى، ھاۋا رايى ئەھۋالى، كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەقسىز يول يۈرمەسلىكى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلاشقاندا، پۈتكۈل دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئېقىم مىقدارى چوققا قىممىتى دەم ئېلىشنىڭ بىرىنچى كۈنى ۋە ئەڭ ئاخىرقى كۈنى (جۇڭچيۇ بايرىمى)دە كۆرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

قاتناش قىستاڭچىلىقى ئاسان كۆرۈلىدىغان يول بۆلەكلىرى، ھەق ئېلىش پونكىتى ۋە مۇلازىمەت رايونلىرى مۆلچەرى
 
   جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ھەمدە ھەرقايسى ناھىيە، رايونلاردىكى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كۈزلۈك ساياھەت لىنىيەلىرى ئادەم ۋە ئاپتوموبىل ئېقىمى يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋېلىپ، سەپەردە ئاپتوموبىل ئېقىمى زىچ بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندىكى يول بۆلەكلىرى، ھەق ئېلىش پونكىتى، مۇلازىمەت رايونىدا ئاپتوموبىللار ئاستا يۈرۈش، ئۆچىرەتتە تۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار ئاسان كۆرۈلىدۇ.  
  
ئاپتوموبىل ئېقىمى بىر قەدەر كۆپ يول بۆلەكلىرى

ئاسان قاتناش قىستاڭچىلىقى كۆرۈلىدىغان ھەق ئېلىش پونكىتلىرى

بىر قەدەر ئالدىراش مۇلازىمەت رايونلىرى

بوران، قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلىدىغان يول بۆلەكلىرى

ئۇزۇن، پەسكە سوزۇلغان يانتۇ يول بۆلەكلىرى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.