تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«مەن چوڭ بازاردا جۇڭچيۇ بايرىمى ئۆتكۈزىمەن» تېمىسىدىكى ئېسىل پائالىيەت سىزنى كۈتمەكتە

  تىيانشان تورى − شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي خەۋەر قىلىدۇ) ياغاچ ئاياغ ئويۇنىنى كۆرۈش، غايەت زور يۆبىڭنى تېتىش، گۈزەل ئاينى، پانۇسلارنى تاماشا قىلىش...بۇ جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا بىر قاتار ئېسىل پائالىيەتلەر سىزنى كۈتمەكتە. 

   9-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا كوچا ئېچىش مۇراسىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، «مەن چوڭ بازاردا جۇڭچيۇ بايرىمى ئۆتكۈزىمەن» يۈرۈشلۈك باش تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى. 9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا نۇرغۇن مول، قىزىقارلىق پائالىيەت ھالقىلىرى تەسىس قىلىنىپ، جۇڭچيۇ خاس مەززىلىك تائاملىرىنى نامايان قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىلىپ، قالتىس نومۇرلار كۆرسىتىلىپ، ساياھەتچىلەرگە قويۇق جۇڭچيۇ بايرىمى كەيپىياتى ھېس قىلدۇرۇلىدۇ.

9-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا، «مەن چوڭ بازاردا جۇڭچيۇ بايرىمى ئۆتكۈزىمەن» يۈرۈشلۈك باش تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى. تىيانشان تورى − شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ دۇڭمېي فوتوسى

9-ئاينىڭ 13-كۈنى، ياغاچ ئاياغ ئويۇنى ئۈرۈمچى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىغا كىردى. تىيانشان تورى − شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ دۇڭمېي فوتوسى

   چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا ھەر كۈنى تۆت مەيدان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئويۇنى، ناخشا-ئۇسسۇل، دېكلاماتسىيە قاتارلىق نومۇرلار ئورۇنلانغاندىن سىرت، يەنە غايەت زور يۆبىڭنى نەق مەيداندا تەييارلاش ۋە كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. غايەت زور يۆبىڭنىڭ دىيامېتىرى ئالتە مېتىر بولۇپ، ئالتە خىل قاتتىق پوستلۇق مېۋە ۋە تۆت خىل قۇرۇق مېۋىنىڭ مېغىزىدىن تەييارلىنىدۇ، ئېغىرلىقى 2024 كىلوگىرامغا يېتىدۇ.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تىيانشان رايونى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك ئەنئەنىۋى بايراملارغا چۆكۈش شەكلىدىكى ھېس قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرگە چوڭ بازارنىڭ قىزغىنلىققا ۋە ئاۋاتلىققا تولغانلىقىنى، گۈزەل شىنجاڭنىڭ قىزغىنلىقى ۋە مېھماندوستلۇقىنى، شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن ۋە تىنچلىقىنى ھېس قىلدۇرغان.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.