تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا بۇ «يېڭى مال»لار ئۇدۇللا تاماق ئۈستىلىڭىزدە ھازىر بولغۇسى

   جۇڭچيۇ بايرىمىدا، ئالدى بىلەن ئويلىشىدىغىنىمىز يۆبىڭ، يۆبىڭ يېيىشتىن باشقا، بۇ يىل ئۆيىڭىزدىكى تاماق ئۈستىلىدە يەنە قانداق «يېڭى مال»لار ھازىر بولىدۇ؟ كامېراغا  ئەگىشىپ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

   ئاۋۋال سۇدا ئۆسىدىغان كۆكتاتلارنى كۆرۈپ باقايلى. 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، سانجى شەھىرى بىڭخۇ بازىرى يىڭفېڭ كەنتىدە، دېھقانلار نېلۇپەر غولى يىغىۋاتاتتى، نېلۇپەر غوللىرىنىڭ بىر تال - بىر تالدىن يىغىلىشىغا ئەگىشىپ، دېھقانلارنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق كۈلكىلىرى جىلۋە قىلدى.

   ئەمدى «راك، قىسقۇچپاقا»لارغا قاراپ باقايلى. 9 - ئاينىڭ بېشىدا، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ دافېڭ بازىرى چىجياخۇ كەنتىدە، دېھقانلار باققان قىسقۇچپاقىلار بەس - بەستە «يېڭى» پېتىلا بازارغا سېلىندى. بۇ يەرنىڭ قىسقۇچپاقىسى سېمىز ھەم يوغان بولۇپ، بازارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

   يېقىندا، شىخو شەھىرى چىگىشور بازىرى شىڭكې دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ كۆلچەك راك باقمىچىلىق بازىسىدا باقمىچى دېھقانلار جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋىن راكىنى سۈزۈۋالدى. ئەسلىدە ئىسسىق بەلباغ دېڭىز تەۋەلىكىگە تەۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى بۈگۈنكى كۈندە شىخۇ شەھىرىنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىدىكى يارقىن ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى.

   بايراملىق تاماق ئۈستىلىدە، قانداقمۇ بېلىق كەم بولسۇن. ھازىر، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئارائۆستەڭ بازىرى كۆتەرمە كەنتىدە ئاق ئامۇر بېلىقى، كارپ بېلىقى، چىپار ئاق لاققا بېلىقى تەڭلا بازارغا سېلىنىپ، تاماق ئۈستىلىنى تېخىمۇ موللاشتۇرىدىغان بولدى.

   يەنە بار تېخى. 9 - ئايدا، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ شىيۇەن بازىرى ئاياغ چارەك كەنتىدە، پىشقان چىلانلار خۇددى قاتار ـ قاتار پانۇسلارغا ئوخشاش، مېۋە شاخلىرىنى ئەگدى. بۇ يەردە ئۆستۈرۈلگەن «چىيۆشيەن» چىلىنىنىڭ يەككە دانىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 29.8 گىرام كېلىدۇ.

   بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تونۇدىڭىزمۇ؟ ھازىر، ماناس ناھىيەسىدىكى 4500 مو يەردىكى شياڭفېي تاشئالمىسىدىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، كۆپلەپ بازارغا سېلىندى.

   قاراڭ، خوشۇت ناھىيەسى تاغارچى بازىرى ئارۋىن دېرۋىن كەنتىدىكى خولۇڭگولارمۇ پىشتى. رەڭگى قىپقىزىل، ئېتى تاتلىق، يېيىشلىك بولغان بۇ مېۋىنى نۇرغۇن سودىگەر سېتىۋالدى.

   9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، كېرىيە ناھىيەسى لەڭگەر يېزىسى ئۈژمىلىك كەنتىنىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا، باغۋەنلەر پىشقان ئۈزۈملەرنى ئەپچىللىك بىلەن ئۈزمەكتە. بۇ يەردە ئۆستۈرۈلگەن 38 مىڭ مو يەردىكى ئۈزۈمنىڭ تەمى تاتلىق، سۈپىتى ياخشى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ھەرقايسى جايلاردا داڭق چىقاردى.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.