ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ) مۆلچەرلىنىشىچە، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى (9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە)دە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئۆتكۈنچى ھۆل-يېغىن كۆپ كۆرۈلگەندىن سىرت، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا بىر قەدەر ياخشى بولىدىكەن، تېمپېراتۇرا يېقىشلىق بولۇپ، مەنزىرە كۆرۈشكە، ئاي تاماشاسى قىلىشقا باب كېلىدىكەن، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلاشقا ۋە ساياھەتكە چىقىشقا بىر قەدەر پايدىلىق ئىكەن.
سۈرەت مەنبەسى: جۇڭگو ھاۋارايى تورى
ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 15-كۈنى كۈندۈزدىن 16-كۈنى كۈندۈزگىچە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدىكەن)، بۇنىڭ ئىچىدە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇراھال، قاتتىق يامغۇر ياكى قار ياغىدىكەن؛ بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىدا 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق قۇم ئۇچۇش ياكى قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.
9-ئاينىڭ 16-كۈنى كېچىدىن 17-كۈنى كېچىگىچە، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدىكەن)، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەرياسى ۋادىسى، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ياكى قار ياغىدىكەن؛ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.
بايرام مەزگىلىدە، جەنۇبىي شىنجاڭ تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 24 سېلسىيە گىرادۇستىن 29 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 15سېلسىيە گىرادۇستىن 20 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن؛ شىمالىي شىنجاڭ تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 15 سېلسىيە گىرادۇستىن 25 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 5 سېلسىيە گىرادۇستىن 15 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بايرام مەزگىلىدە ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق بولىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 18 سېلسىيە گىرادۇستىن 21 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 8 سېلسىيە گىرادۇستىن 11 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن، شامال كۈچى ئۈچ بال بولىدىكەن.
شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: 9-ئاينىڭ 15-كۈنى كۈندۈزدىن 17-كۈنى كېچىگىچە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئۆتكۈنچى ھۆل-يېغىن كۆپ كۆرۈلىدىكەن، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئوتتۇرا ۋە ئېگىز بولغان تاغلىق رايونلاردا يامغۇر يېغىپ قارغا ئۆزگىرىدىكەن، قار-يامغۇرلۇق ھاۋارايىدا يوللار تېيىلغاق بولۇپ، قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە مۇز تۇتۇپ، كۆرۈش دەرىجىسى ناچار بولۇپ، ساياھەت ۋە قاتناش، سەپەرگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدىكەن، ساياھەت مەنزىرە رايونى ۋە مايتاغ-كۇچا تاشيولى قاتارلىق ساياھەت لىنىيەلىرىدە بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاممىنىڭ ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىلىرى ئۇدۇللۇق ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئاڭلاش-كۆرۈشكە دىققەت قىلىپ، ساياھەت ۋە سەپەرگە چىقىش پىلانىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەسكەرتتى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى