ئەتىدىن باشلاپ ئۈچ كۈنلۈك جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشنى كۈتۈۋالىمىز. قاتناش ۋە سەپەرگە چىقىش ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟ بىرلىكتە بىلىپ باقايلى
تۆمۈريولدا جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى توشۇش بۈگۈن باشلاندى
مۇخبىرنىڭ دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى بەش كۈنلۈك تۆمۈريول تىرانسپورتى بۈگۈن (9-ئاينىڭ 14- كۈنى) باشلانغان بولۇپ، 9-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريولدا 74 مىليون ئادەم (قېتىم) يولۇچى توشۇش مۆلچەرلەنگەن.
پويىز بېلىتىنى ئالدىن سېتىش ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھىنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىشىچە، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى تىرانسپورت مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريوللاردا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 14 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلىدىكەن، 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللە كۈنى بولۇپ، شۇ كۈنى تەخمىنەن 16 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلىدىكەن.
بۈگۈن (9-ئاينىڭ 14-كۈنى) تاشيول تورى قاتناش مىقدارىدا ئەڭ يۇقىرى قىممەت يارىتىلىشى مۆلچەرلەندى
تاشيول جەھەتتە، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى يول تورى مەركىزى ئېلان قىلغان سەپەرگە چىقىش ئەسكەرتمىسىگە ئاساسلانغاندا، بۈگۈن (9-ئاينىڭ 14-كۈنى) سائەت 14 تىن باشلاپ ئاپتوموبىلل ئېقىمى تەدرىجىي كۆپىيىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، سائەت 17 دىن 20 گىچە بولغان ۋاقىت بايرامدىن بۇرۇنقى يۇقىرى پەللە ۋاقىت بۆلىكى ئىكەن.
بۈگۈن دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە 15 مىڭ قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسى ئىجىرا قىلىشى پىلانلاندى
بۈگۈن، دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە 15 مىڭ قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى پىلانلانغان بولۇپ، يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ 1 مىليون 780 ئادەم قېتىم بولۇشى مۆلچەرلەنگەن. چېگرادىن كىرىش-چىقىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە 2300 قېتىمدىن ئارتۇق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ 240 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇشى مۆلچەرلەنگەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى