تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇم پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى

  9-ئاينىڭ 9-كۈنى

  قاغىلىق ھەممىباب ئايرودۇرۇم تۈرى پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىپ قوزغىتىش يىغىنى

  قاغىلىق ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى

  بۇ مۇھىم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ

  ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ

  قاغىلىق ھەممىباب ئايرودرومى. مەنبەسى: شىنجاڭ ئايروپورت ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى

  يىغىندا

  قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن

  قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى تەپسىلىي دوكلات قىلدى

  تەكشۈرۈش، لايىھىلەش، قۇرۇلۇش قىلىش، تەكشۈرۈش-ئۆلچەش، نازارەت قىلىش قاتارلىق

  ھەرقايسى ھالقىلاردىكى ۋەكىل ئورۇنلار

  ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى ئايرىم-ئايرىم دوكلات قىلدى

  بۇ قېتىمقى پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىپ قوزغىتىش يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقى

  قاغىلىق ھەممىباب ئايرودۇرۇم تۈرىنىڭ

  پات ئارىدا ئەڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش باسقۇچىغا كىرىدىغانلىقىدىن

  رەسمىي تىجارەت ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ

  قاغىلىق ھەممىباب ئايرودۇرۇمى. مەنبەسى: شىنجاڭ ئايروپورت ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى

  قاغىلىق ھەممىباب ئايرودۇرۇمىدا

  2022-يىلى 4-ئايدا ئىش باشلانغان بولۇپ

  A1 تۈردىكى ھەممىباب ئايرودۇرۇم قىلىپ بېكىتىلگەن

  يېڭىدىن بىر ئۇچۇش يولى، تىك لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلغان ئىككى ئۇچۇش يولى

  ئايروپىلان سۇپىسىدا 12 مۇقىم قاناتلىق ئايروپىلان توختىتىش ئورنى

  ئۈچ تىك ئۇچار ئايروپىلاننى توختىتىش ئورنى تەسىس قىلىنغان

  تۈر پۈتكەندىن كېيىن

  شۇ جايدىكى ھاۋا يۈك تىرانسپورتى

  ئورمانلارنى مۇھاپىزەت قىلىپ چارلاش، بوشلۇق ساياھىتى قاتارلىق

  ئالاھىدە ئۇچۇش ۋەزىپىلىرىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ

  ھەممىباب ئاۋىياتسىيە كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ

  رايون مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ

  شۇ جاينىڭ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرىدۇ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.