ھازىر، قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى 4200 مو يەردىكى شياڭفېي تاشئالمىسى مول ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىگە كىردى، قىپقىزىل شياڭفېي تاشئالمىسى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «ئالتۇن مېۋە»گە ئايلاندى. يېقىندا، قۇتۇبى ناھىيەسى تيەنفۇمياۋمۇ دېھقانلار تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى شياڭفېي تاشئالما ئۆستۈرۈش بازىسىدا، قىپقىزىل، چىرايلىق پىشقان شياڭفېي تاشئالمىسى شاخلارغا لىق تولغان بولۇپ، ئىشچىلار باغ ئارىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، شياڭفېي تاشئالمىسىنى ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر مۇ يالى، ۋاڭ يۇڭچىڭ، لى يۈشىن)
شياڭفېي تاشئالمىسىنىڭ تەمى بەكمۇ چۈچۈمەل ئەمەس، تاتلىق بولسىمۇ كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ، چۈچۈمەل تەم بىلەن تاتلىق تەمنىڭ نىسبىتى دەل جايىدا بولغاچقا، ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.
ھوسۇل ئېلىنغان شياڭفېي تاشئالمىسى ئايرىش، ئوراپ قاچىلاش ئارقىلىق، پات ئارىدا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىدۇ. نۆۋەتتە، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى شياڭفېي تاشئالمىسىنى زاكازلىق سېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى