بىزدە «8-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاي تولىدۇ، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق يۆبىڭ مەززىلىك ھەم تاتلىق بولىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. يۆبىڭنىڭ شەكلى جۇڭچيۇ بايرىمىدىكى تولۇن ئايغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ كۈنى بىر يەرگە خۇشال جەم بولۇپ، ئاينى تاماشا قىلىپ يۆبىڭ يەيدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ «جەم بولۇش» مەناسى بار. كاتتا جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر جەم بولغاندا يۆبىڭ كەم بولسا بولمايدۇ. بۈگۈن، كۆپچىلىككە شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە بىرنەچچە خىل يۆبىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئەنئەنە بىلەن يېڭىلىق يارىتىلغان ئۆزگىچە تەمنى ھېس قىلىش بىلەن بىللە، قويۇق قويۇق جۇڭچيۇ بايرىمىلىق كەيپىياتنى ھېس قىلالايسىز.
قايماق يۆبىڭ
شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك سۈت مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىق خۇرۇچ قىلىنىدۇ
كۆڭۈل قويۇپ تاللانغان سۈزمە، سېرىق ماي
سۇ يېغى ۋە يېڭى تۇخۇم قاتارلىقلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ
ياساش جەريانىدا
ئۆزگىچە چۈرۈك قىيما قىلىش ھۈنەر-سەنئىتى قوللىنىلىدۇ
سۇ قوشۇلمايدۇ
بۇنىڭ بىلەن، يۆبىڭنىڭ خىمىرى ۋە قىيمىسى ئەسلىي تەم ئەسلىي پۇراقنى ساقلاپ قالىدۇ
قايماق يۆبىڭنىڭ تەمى تاتلىق
يېڭى سۈت پۇرىقى قويۇق بولۇپ، ساپ ۋە تەبىئىي
ھەربىر چىشلىگەندە قويۇق سۈت پۇرىقىنى
چۈرۈك ۋە مەززىلىك تەمىنى، يۇمشاق، مەززىلىك قىيمىسىنى ھېس قىلالايسىز
ھەقىقەتەن تەملىك
قېتىق يۆبىڭ
قېتىق قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ سىرتىغا خۇايۈن پۇرچىقى قىيمىسى
سېرىق ماي قاتارلىق يېمەكلىك ماتېرىياللىرى قوشۇپ قىيما قىلىنىپ
يۆنىڭ خېمىرىغا ئوراپ دۇخوپكىغا سېلىنىپ
سۇس ئوتتا ئاستا پىشۇرۇلىدۇ
مۇشۇ يېمەكلىك ماتېرىياللىرىغا قاراپلا
ئۇنىڭ قانچىلىك يېيىشلىك ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالىدىڭىزغۇ دەيمەن
پىشىپ چىققان يۆبىڭنىڭ
ئالتۇن رەڭلىك سىرتقى كۆرۈنۈشى ئاستىغا «سىر»لار يوشۇرۇنغان
دانلىق زىرائەتلەر بىلەن سۈتنىڭ مەززىلىك پۇرىقى سىزگە لەززەت بېغىشلايدۇ
تەمى ئىنتايىن ياخشى، تاتلىق ئەمما كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ
سىزگە مول تويۇنۇش تۇيغۇسى
قويۇق شېرىن تەمنىڭ ھۇزۇرىنى ھېس قىلدۇرىدۇ
ماتاڭ يۆبىڭ
ماتاڭ يۆبىڭنىڭ ئىچى ھەر خىل مېغىزلار بىلەن تولدۇرۇلغان
ياڭاق مېغىزى، قۇرۇق ئۈزۈم
بادام، ياۋگو قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ
خۇش پۇرىقى پۈتۈنلەي گەۋدىلىنىپ چىققان بولۇپ
ھەسەل بىلەن قوشۇلۇپ، تاتلىق، چۈرۈك تەمنى بارلىققا كەلتۈرگەن
مېغىزغا تولغان
بىر قاراپلا ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ ئىنتايىن مول ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز
قاتتىق پوستلۇق مېۋىنىڭ خۇش ھىدى
ھەسەلنىڭ تاتلىق تەمى بىلەن قوشۇلۇپ ئىنتايىن ئۆزگىچە تەم ھاسىل قىلغان
بەش خىل مېغىزلىق يۆبىڭ
يېڭى قاتتىق پوستلۇق مېۋە يېمەكلىك خۇرۇچى
مەززىلىك بەش خىل مېغىزلىق يۆبىڭ تەييارلاشنىڭ ئاساسىدۇر
شىنجاڭدا بەش خىل مېغىزلىق يۆبىڭنىڭ قىيمىسى ئىنتايىن مول
خاسىڭ مېغىزى، كۈنجۈت مېغىزى
ياڭاق مېغىزى، چىڭخۇڭسى
قۇرۇق ئۈزۈم، تاڭدۇڭگۇا قاتارلىقلار بار
لىق تولدۇرۇلغان قاتتىق پوستلىق مېۋە قىيمىسى
ئەنئەنىۋى ئۇسۇلغا ئەمەل قىلغان ئاساستا
ماتېرىيالىنىڭ يېڭى
تەمىنىڭ چۈرۈك، تەملىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان، ھەممە ئادەمنىڭ يېيىشىگە ماس كېلىدۇ
چاي بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ
بۇنداق بولغاندا كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ
چاي بىلەن يۆبىڭنىڭ خۇش پۇرىقى بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ
تۇخۇم تۈرمىلى يۆبىڭى
ئادەتتىكى يۆبىڭگە قارىغاندا
تۇخۇم تۈرمىلى يۆبىڭى بىزنىڭ
ئەنئەنىۋى يۆبىڭگە بولغان تونۇشىمىزنى ئۆزگەرتتى
ئۇ خۇددى بىر تال يۇمشاق كىچىك تورتقىلا ئوخشايدۇ
پارقىراق سىرتقى يۈزىگە قارىسىلا
ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايدۇ
ئورالمىسىنى ئاچسىڭىز
بولكىخانا ئىچىدىكى
ئۆزگىچە ئۇسۇلدا قاقلاپ پىشۇرۇلغان بولكا، پىچىنە-پىرەنىكلەرنىڭ پۇرىقى دىمقىڭىزغا ئۇرۇلىدۇ
خىمىرى تورتنىڭ خېمىرىغا ئوخشايدىغان بولۇپ
بىر چىشلىسىڭىزلا
ئېغىزىڭىز يۇمشاق بولكا، تۇخۇم، سۈتنىڭ پۇرىقىغا تولىدۇ
خوتەن يەرلىك يۆبىڭى
خېمىرى ھەسەل، تۇخۇم، ئارىلاشما ئۇن بىلەن يۇغۇرۇلىدۇ
قىيمىسى ياڭاق مېغىزى، گۈلقەنت، كۈنجۈت قاتارلىق
سەككىز خىل يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتتىن تەييارلىنىدۇ
بىر چىشلىسىڭىز قىزىلگۈل
ۋە ياڭاقنىڭ خۇش ھىدى ئېغىزىڭىزغا لىق تولىدۇ
تاتلىق ئەمما كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ
ياڭاق مېغىزىنىڭ مەززىلىك ۋە چۈرۈك تەمى
چۈرۈك يۆبىڭ خېمىرى بىلەن بىرلىشىپ
سىزنى مول تەم قاتلىمىغا ئېلىپ كىرىدۇ
قاتمۇقات بەرگىلىك قىزىلگۈلنىڭ خۇش ھىدى ۋە ھەسەلنىڭ تاتلىق تەمى
يۆنىڭ قىيمىسىغا كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ھىدلارنى قوشقان
كىسلىتول قارا ئاشلىق يۆبىڭى
تۆۋەن قەنتلىك يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ئەۋج ئالغان بۈگۈنكى كۈندە
يۆبىڭمۇ «ساغلام ئورۇقلاپ»
قەنت تەركىبىنى تۆۋەنلىتىش، تاتلىقلىق دەرىجىسىنى ئاجىزلىتىشقا باشلىدى
ئاق شېكەر، سېرىق شېكەرنىڭ ئورنىغا كىسلىتول ئىشلىتىلىپ
قارا ئاشلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇلىدۇ
بۇنداق يۆبىڭ كىشىگە «بېسىم» بەرمەيدۇ، چەكسىز خۇشاللىق بېغىشلايدۇ
چىيا ئۇرۇقى، زىغىر ئۇرۇقى
قارىغاي ئۇرۇقى، كېپەك، بۇغداي بولكىسى تىرىپى قاتارلىق
13 خىل قاتتىق پوستلىق مېۋە ۋە قارا ئاشلىقنى
يۆبىڭ خېمىرىغا ئوراپ تەييارلىنىدۇ
تەمى مەززىلىك
ھالبۇكى، نىلقىنىڭ ئىلى قىچا گۈلى ھەسىلى
قارا ئاشلىق يۆبىڭىنىڭ جېنىدۇر
داپەنجى يۆبىڭ
يېڭىدىن پىشىپ چىققان يۆبىڭنىڭ مەززىلىك ھىدى
خېلى يىراقتىنلا دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ
بىر چىشلىسىڭىز
يۆبىڭنىڭ خېمىرى ناھايىتى چۈرۈك، يېپىشقاق بولۇپ
مەززىلىك قىيمىسىگە چۈرۈك توخۇ گۆشى پارچىسى قوشۇلغان
تەمى مەززىلىك ۋە بىرئاز ئاچچىق-چۈچۈك بولۇپ
يېسىڭىز سىزگە خۇشاللىق بېغىشلايدۇ
لاياقەتلىك «توخۇ يىگۈچى» بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن
داپەنجى يۆبىڭنى يەپ باقمىسىڭىز قانداق بولىدۇ؟
توخۇ گۆشىگە ياڭيۇ بوتقىسى ئارىلاشتۇرۇپ
ئۇنىڭغا يەنە قىزىل لازا قوشۇپ تەييارلىنىدۇ
توخۇ گۆشىنىڭ سۆڭىكى ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ
سۆڭەك چىشلەپ قېلىشتىن ئەنسىرىشىڭىز ھاجەتسىز
شىنجاڭنىڭ بۇ خاس يۆبىڭلىرىنى كۆرۈپ، يېگۈڭىز كەلدىمۇ؟ بۇ جۇڭچيۇ بايرىمىدا، شىنجاڭ يۆبىڭلىرى تاماق ئۈستىلىڭىزدە ھازىر بولسۇن!
سىز شىنجاڭنىڭ قانداق خاس يۆبىڭلىرىنى يەپ باققان؟ قېنى، بىز بىلەن ئورتاقلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز!
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى