تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە تور تاكسىسى 8953كە يەتتى

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇ دامىن) ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، ئۈرۈمچىدە 8953 تور تاكسىسى بار بولۇپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 200 مىڭ ئەتراپىدا زاكاز قوبۇل قىلىدىكەن.

9- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى جۇڭخەي. يۈندىڭ داگۇەن 6- قارار ئەتراپىدا، بىر تور تاكسىسى يولدا كېتىۋاتماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى

    تور تاكسىسىنى توردا باشقۇرۇش سۇپىسى بولغان گۇاڭجوۋ چىچېن پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئۈرۈمچى شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ ۋېنجيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىركەتتە ھازىر 1000دىن ئارتۇق تور تاكسىسى بار، ھەر كۈنى 10 مىڭدىن ئارتۇق زاكاز قوبۇل قىلىنىدۇ، ھەر بىر زاكاز ئوتتۇرا ھېساب بىلەن توققۇز كىلومېتىر يول يۈرىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇش قىلىنغان رايون كۆلىمى چوڭ، شەرق- غەرب ۋە جەنۇب- شىمال يۆنىلىشىدىكى ئارىلىقى ئۇزۇن بولۇپ، تور تاكسىسى خېرىدارلارنى ئېلىپ ئاز بولغاندا نەچچە كىلومېتىر، كۆپ بولغاندا 10 كىلومېتىردىن 20 كىلومېتىرغىچە يولنى ماڭىدۇ. تور تاكسىسىغا ئولتۇرىدىغانلار ئىچىدە، ئاساسلىقى 40 ياشتىن تۆۋەن ياشلار كۆپرەك بولۇپ، تاكسىغا ئولتۇرغانلارنىڭ %80ىنى ئىگىلەيدۇ.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە، پۈتۈن شەھەر بويىچە 15 سۇپا تور تاكسىسى تىجارەت ئىجازىتىگە ئېرىشكەن، تور سىرتىدا ھەمكارلاشقان تاكسى باشقۇرۇش شىركىتىدىن 70ى بار بولۇپ، 8953 تور تاكسىسى «توردا ئالدىن كېلىشىدىغان تاكسى تىرانسپورت گۇۋاھنامىسى»گە ئېرىشكەن، پۈتۈن شەھەر بويىچە «ئايلىنىپ يۈرىدىغان + توردا زاكاز قىلىنىدىغان» تاكسىنى 10 مىڭ كىشىنىڭ ئىگە بولۇش نىسبىتى 54.66 يۈرۈشكە يېتىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك قوبۇل قىلىنغان ئومۇمىي تالون مىقدارى 200 مىڭ ئەتراپىدا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سائەتلىك تىجارەت كىرىمى 38 يۈەن بولغان، «تور تاكسىسى قوشۇنى بارغانسېرى زورىيىپ، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشىدىكى مۇھىم قاتناش شەكلىگە ئايلاندى».

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.