تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تارىم دەرياسىغا يەنە بىر قېتىم پۈتۈن لىنىيە بويىچە سۇ باشلاندى!

   9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى سائەت 11دە، تارىم دەرياسىغا 25 - قېتىملىق مەركەزلىك ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈلۈپ، داشىخەيزى سۇ ئامبىرىنىڭ كەلكۈن قويۇۋېتىش چۈشۈرگىسى ئارقىلىق تۆۋەن ئېقىنغا سۇ تولۇقلاندى، جەمىي 105 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇپ بېرىلدى، ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈشتىكى سۇ بېشى تېتىما كۆلىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىپ بېرىپ، تارىم دەرياسىغا يەنە بىر قېتىم پۈتۈن لىنىيە بويىچە سۇ يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

   ھازىرغىچە، جەمئىي 27 مىليارد 700 مىليون كۇب مېتىر سۇ كەلدى، يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ 16 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىرغا، توغراقلىققا كەلكۈن باشلاپ تولۇقلىنىدىغان سۇ 1 مىليارد 550 مىليون كۇب مېتىرغا، سۇ ئامبارلىرىدا ساقلانغان سۇ 4 مىليارد 900 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 274 مىليون كۇب مېتىر كۆپ بولدى، ۋادىدىكى سۇغىرىش رايونلىرىدا سۇغىرىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق سۇغىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.