ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىپ يېڭىلاشقا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سالمىقى يەنىمۇ زورايتىلىدۇ
يېقىندا، يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە «خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىپ يېڭىلاشقا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىنى سىجىل ياخشى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى تولۇقلىما ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىپ يېڭىلاشقا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىنى سىجىل ياخشى يولغا قويۇپ، كونا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىپ يېڭىلاشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«تولۇقلىما ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى:
● ھەرقايسى ئۆلكىلەر ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان بىراك قىلىش تولۇقلىمىسى بېرىش دائىرىسى ئاساسىدا، دىققەتنى ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئالتە خىلدىن ئېشىپ كەتمەيدىغان ماشىنا- سايماننى يېڭىدىن بىراك قىلىش تولۇقلىمىسى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى ئۆز ئالدىغا بېكىتسە بولىدۇ. بىراك قىلىنغان 20 ئات كۈچىدىن تۆۋەن تىراكتورنىڭ ھەر بىرىگە بېرىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى بىراك قىلىش ياردەم تولۇقلىمىسى سوممىسى 1000 يۈەندىن 1500 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ؛
● كومبايىن، شال مايسىسى تىكىش ماشىنىسى، ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىنى بىراك قىلىپ ھەمدە يېڭىدىن ئوخشاش تۈردىكى ماشىنا- سايمان سېتىۋالسا، %50تىن ئېشىپ كەتمەسلىك بويىچە بىراك قىلىش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ؛
● پاختا يىغىش ماشىنىسىنى بىراك قىلىپ ۋە يېڭىدىن سېتىۋېلىشتا، ھەر بىر ماشىنىغا بېرىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى بىراك قىلىش ياردەم تولۇقلىمىسى 30 مىڭ يۈەندىن 60 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ يىل 6- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن باشلاپ بىراك قىلىش ياردەم تولۇقلىمىسى ئېلىش ئىلتىماسى سۇنغانلارغا، تەڭشەلگەندىن كېيىنكى بىراك قىلىش ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنىدۇ.
(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى لياڭ لىجۈەن، چېن بو)