قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى (چىڭسىخوزا بازىرى)غا جايلاشقان شىنجاڭ خېڭتەي توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىگە كىرگەندە، تولۇق ئاپتوماتىك رەت - رەت پاختا يىپ پەلەي توقۇش ماشىنىلىرى تېز سۈرئەتتە مەشغۇلات قىلىۋاتقان بولۇپ، 2 مىنۇت 3 سېكۇنتلۇق سۈرئەت بىلەن بىر جۈپ پەلەينى ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى. شىنجاڭ خېڭتەي توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى تۈرلۈك ئەمگەك مۇھاپىزەت پەلىيى، رېزىنكە پەلەي، ئەمگەك مۇھاپىزەت مەھسۇلاتى، پاختا يىپ، دىلۇن يىپ ئىشلەپچىقىرىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدىكى شىركەت بولۇپ، بۇ يىل 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدا رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، نۆۋەتتە تولۇق ئاپتوماتىك پاختا يىپ پەلەي توقۇش ماشىنىسىدىن 600ى ۋە تولۇق ئاپتوماتىك رەقەملىك كونترول قىلىنىدىغان رېزىنكە پەلەي ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن ئىككىسى بار بولۇپ، كۈنىگە 300 مىڭ جۈپ پەلەي ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، مەھسۇلاتلىرى دۆلىتىمىز ئىچىدە غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا ۋە چەت ئەل بازارلىرىغا سېتىلىدىغان بولۇپ، زاكاز كېلەر يىلىغىچە تىزىلىپ بولدى. 9 - ئاينىڭ بېشىدا، شىركەت يېڭىدىن تۆت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كۆپەيتتى، ھەممىسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن يىلىغا 300 مىليون جۈپ پەلەي ئىشلەپچىقىرىپ، توقۇمىچىلىق ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش ۋە توقۇمىچىلىق تەييار مەھسۇلاتلىرىنى ياساش كارخانىلىرىنىڭ توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.