تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

جۇڭچيۇ كاتتا بايرىمىدا شىنجاڭدا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ «ئاينى قوغلىشىش»نىڭ ئەڭ تولۇق تاكتىكىسى كەلدى

   بۇ يىل جۇڭچيۇ كاتتا بايرىمىدا 

  يەنە يەر يۈزىدە تۇرۇپلا ئاي تاماشاسى قىلىپ يۈرمەڭ

  ھەرقايسى چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى «ئاي تاماشاسى نۆۋەتچى ئايروپىلانى»نى يولغا قويۇپ

  شىنجاڭنىڭ 10 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى يۇقىرى بوشلۇقىدا

  تولۇن ئاينى يېقىن ئارىلىقتىن باغاشلاش پۇرسىتى ھازىرلاپ بەردى

خاڭلۈ زۇڭخېڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىدا كۆرسىتىلىشىچە

  بۇ يىل جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئاي تاماشاسى مەزگىلى ئىچىدە

 دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە

ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان 8300 قېتىمغا يېتىدىكەن

 ئاي تاماشاسى نۆۋەتچى ئايروپىلانى دېگەن نېمە؟ 

  «ئاي تاماشاسى نۆۋەتچى ئايروپىلانى» جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدە

  يولغا چىقىش ۋاقتى سائەت 18:00دىن 24:00كىچە بولغان ئارىلىقتىكى نۆۋەتچى ئايروپىلاننى كۆرسىتىدۇ

  بۇ ۋاقىتتا

  ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار ئايروپىلان دېرىزىسى ئارقىلىق

يېقىن ئارىلىقتىن ئاينى تاماشا قىلالايدۇ

   خەلق ئاۋىياتسىيەسى يولۇچىلار ئايروپىلانى ستراتوسفېرا قاتلىمىدا ئۇچقاچقا

  بۇ ئېگىزلىكتە ھاۋادىكى دانچە ماددىلار ۋە بۇلۇت قاتلىمى ئاز بولغانلىقتىن

  كۆرۈش دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ

  ئادەتتىكى ئەھۋالدا يامغۇر، تۇمان قاتارلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ

  ئۇنىڭ ئۈستىگە 10 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى يۇقىرى بوشلۇقتا چاڭ - توزان يوق

  ئەتراپىدا توسىدىغان قالايمىقان نۇر ۋە ئىمارەتلەر بولمايدۇ

  ئاينىڭ نۇرى تېخىمۇ كۈچلۈك، رەڭگى، شەكلى تېخىمۇ ھەقىقىي ھالەتتە كۆرۈنىدۇ

 شىنجاڭدا ئاي تاماشاسى قىلىشتا تەۋسىيە قىلىنىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار 

  خەينەن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تەۋسىيە قىلىنىدىغان ئاي تاماشاسى نۆۋەتچى ئايروپىلانى:

  تيەنجىن - ئۈرۈمچى HU6276

  غەربىي قىسىم ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تەۋسىيە قىلىنىدىغان ئاي تاماشاسى نۆۋەتچى ئايروپىلانى:

  ئاقسۇ - جېڭجۇ PN6352 ئوڭ تەرەپ يۆنىلىشىتىكى F ئورۇن

  چۈنچىيۇ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تەۋسىيە قىلىنىدىغان ئاي تاماشاسى نۆۋەتچى ئايروپىلانى:

  ئۈرۈمچى - شاڭخەي 9C8866دىكى F ئورۇن

  ئۈرۈمچى ـ شاڭخەي 9C6928دىكى F ئورۇن

  قەشقەر ـ لەنجوۋ 9C6790دىكى F ئورۇن

  جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تەۋسىيە قىلىنىدىغان ئاينى تاماشاسى نۆۋەتچى ئايروپىلانى:

  ئۈرۈمچى - شاڭخەي CZ6997

  چېڭدۇ ـ ئۈرۈمچى CZ6944

  ئۈرۈمچى ـ ئالتاي CZ6845

 ئاي تاماشاسى قىلىدىغان ئورۇننى قانداق تاللاش كېرەك؟ 

  «ئاي تاماشاسى نۆۋەتچى ئايروپىلانى»دا ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش ئۈنۈمىگە يېتىشتە

  ئورۇن تاللاشمۇ بەك مۇھىم

  يولۇچىلار ئورۇن تاللاشتىن بۇرۇن

  ئاي تاماشاسى قىلىشتىكى ئورۇن تاللاش تاكتىكىسىدىن پايدىلانسا بولىدۇ

  يەنى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنىگىچە 19:00دىن 20:30 گىچە بولغان مەزگىلدە

  جەنۇب-شىمال يۆنىلىش (F رەت)

  شىمال-جەنۇب يۆنىلىش (A رەت)

  20:30دىن 22:00گىچە بولغان ئارىلىقتا

  شەرق- غەرب يۆنىلىش (A رەت)

  غەرب-شەرق يۆنىلىش (F رەت)

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا:

جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئۇچقاندا، ئوڭ تەرەپ دېرىزە؛

شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئۇچقاندا، سول تەرەپ دېرىزە؛

شەرقتىن غەربكە قاراپ ئۇچقاندا، سول تەرەپ دېرىزە؛

غەربتىن شەرققە قاراپ ئۇچقاندا، ئوڭ تەرەپ دېرىزە

  ئاي تاماشاسى نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئاۋىياتسىيە شىركىتى كۆڭۈل قويۇپ ئوتتۇرىغا قويغان

ئاسمان گۈمبىزىدىن ھالقىغان بىر مەيدان تولۇنئاي سەپىرى

 بىز بىر مەھەل ئاي بىلەن يېقىن ئارىلىقتىن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ

  ئۇنتۇلغۇسىز ھەم رومانتىك جۇڭچيۇ بايرىمى كاتتا زىياپىتىگە بىرلىكتە قاتنىشايلى

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.