9 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ بىر كۈنلۈك يۈك ـ پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 1058 توننىغا يېتىپ، 2019 ـ يىلىدىن بۇيانقى بىر كۈنلۈك يۈك ـ پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى تۇنجى قېتىم 1000 توننىدىن ئاشتى.
ھازىر دەل مېۋە ـ چېۋىلەرنىڭ مول ھوسۇل پەسلى، مېۋە ـ چېۋىلەرنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ۋاقتىدا، بىخەتەر توشۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدىكى يۈك توشۇش ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلدى، 3 ـ پەسىلگە كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ كۈندىلىك يۈك ـ پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 778 توننىغا يېتىپ، 2019 ـ يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.6 ئاشتى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %57 ئاشتى.
9 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ 2024 ـ يىلىدىكى جەمئىي يۈك ـ پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 146 مىڭ توننىدىن ئېشىپ،2019 ـ يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.3 ئاشتى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48 ئاشتى. خەلقئارا يۈك تىرانسپورتى جەھەتتە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى بۇ يىل يېڭىدىن نۇرغۇن خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ، ياۋروپا ـ ئاسىيا خەلقئارا شەھىرىدىن ئالتىنى تۇتاشتۇردى، خەلقئارا يۈك ۋە پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇش مىقدارى جەمئىي 15 مىڭ توننا بولۇپ، 2019 ـ يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %107.4 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %451.5 ئېشىپ، يەرلىكنىڭ تاشقى سودا ئېكسپورتىنىڭ ئېشىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.
«خەلق گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى