جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى يول تورىنى كۆزىتىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى 2024-يىللىق جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدىكى تاشيول قاتنىشى، سەپەرگە چىقىش مۇلازىمەت كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلدى، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يەتتە كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن يول ھەققى كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ.
قاتناش، سەپەرگە چىقىش مۇلازىمەت كۆرسەتمىسىدە ئەسكەرتىلگىنىگە ئاساسلانغاندا، 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاممىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلاش، شەھەر ئەتراپىغا ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتىگە چىقىش، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئىچىدىكى ئوتتۇرا، قىسقا مۇساپىلىك سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى يەنىمۇ ئاشىدىكەن، ئۆلكە يولى ۋە مەنزىرە رايونى ئەتراپىدىكى يوللاردا قاتناش بېسىمى ئادەتتىكى كۈنلەردىكىدىن سەل ئاشىدىكەن. ئىلگىرىكى يىللاردىكى جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى تاشيول تورىنىڭ يۈرۈشۈشىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇمات تەھلىلىگە بىرلەشتۈرگەندە، جۇڭچيۇ بايرىمىدىكى ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە تاشيوللىرىدا قاتناش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 9 مىليون 600 مىڭ ئاپتوموبىلغا، كۈنلۈك ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارىنىڭ 3 مىليون 200 مىڭ ئاپتوموبىلغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتناش ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 2 مىليون 550 مىڭ ئاپتوموبىل، كۈنلۈك ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارى 850 مىڭ ئاپتوموبىل ئەتراپىدا بولىدىكەن، ئاپتوموبىل ئېقىمى ئادەتتىكىدىن %14 ئەتراپىدا ئاشىدىكەن، سەپەرگە چىقىش ئۇسۇلىدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش، ئاپتوموبىل تىپى جەھەتتە كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ئاساس قىلىنىدىكەن.
تاشيول قاتنىشىنىڭ قانۇنىيىتى، دەم ئېلىش ۋاقتى، ھاۋا رايى ئەھۋالى، كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈش ھەققىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنماسلىقى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلاشقاندا، پۈتكۈل دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئېقىم مىقدارى چوققا قىممىتىنىڭ دەم ئېلىشنىڭ بىرىنچى كۈنى ۋە ئەڭ ئاخىرقى كۈنى (جۇڭچيۇ بايرىمى)دە كۆرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە. 9-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 18دىن باشلاپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا سەپەرگە چىقىش مىقدارى تەدرىجىي ئېشىشقا باشلايدۇ. 9-ئاينىڭ 15-كۈنى سەپەرگە چىقىشنىڭ تۇنجى كىچىك يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلىدۇ، ئاساسلىقى سائەت 10دىن سائەت 12گىچە، سائەت 15تىن سائەت 18گىچە بولىدۇ، تۇنجى يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ ماڭغاندا، سەپەرگە چىقىش تېخىمۇ راۋان بولىدۇ. 9-ئاينىڭ 16-كۈنى قاتناش مىقدارى سەل تۆۋەنلەيدۇ، قايتىش يۇقىرى پەللىسى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 18 دىن سائەت 20گىچە كۆرۈلىدۇ، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا ھەقسىز يۈرۈش يولغا قويۇلمىغاچقا، ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدا قاتناش بېسىمى تېز ئېشىپ، ئاسانلا ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئاستا مېڭىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا مۇددەتتىن بۇرۇن سەپەرگە چىقىپ، يۇقىرى پەللىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ قايتىشقا توغرا كېلىدۇ. 9-ئاينىڭ 18-كۈنى كۈندىلىك سەۋىيە تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىدۇ.
جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ھەمدە ھەرقايسى ناھىيە، رايونلاردىكى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كۈزلۈك ساياھەت لىنىيەلىرى ئادەم ۋە ئاپتوموبىل ئېقىمى يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋېلىپ، ئاپتوموبىل ئېقىمى زىچ بولۇشى مۇمكىن.
بايرام مەزگىلىدە، سەپەرگە چىققۇچىلار ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات ۋە يول ئەھۋالى ئۇچۇرىغا ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ، سەپەرگە چىقىش لىنىيەسى ۋە سەپەرگە چىقىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق تاللاپ، سەپەرگە چىقىشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى ۋە ئاسان قىستاڭچىلىق بولىدىغان يول بۆلەكلىرىدىن ئايلىنىپ مېڭىشى، مەجبۇرىي يانداپ ئۆتمەسلىكى، ئاپتوموبىللار ئارا مەجبۇرىي ئۇچراشماسلىقى، مەجبۇرىي ھالدا يول ئىگىلەپ يۈرمەسلىكى، قاتناش قىستاڭچىلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. تۇيۇقسىز ئەھۋالغا يولۇققاندا، 12122 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇتقۇزۇش تېلېفونى، 12328 قاتناش تىرانسپورتنى نازارەت قىلىش مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى، 96200ETC خېرىدارلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون بەرسە بولىدۇ.