9-ئاينىڭ 12-كۈنى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ ئىچىدە قاتنايدىغان، شىنجاڭدىن چىقىدىغان ۋە خەلقئارالىق ئالاھىدە ئېتىبارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى تۈجۈپىلەپ تاللاپ، كۈزلۈك ساياھەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا كۈچ قوشىدىكەن.
ئالاھىدە ئېتىبارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بۈگۈندىن باشلاپ 9-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ بېلەت باھاسى 300 يۈەندىن 700 يۈەنگىچە، شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ بېلەت باھاسى 480 يۈەندىن 1200 يۈەنگىچە، خەلقئارالىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ بېلەت باھاسى 1407 يۈەندىن 4469 يۈەنگىچە ھەر خىل بولىدىكەن.
شىنجاڭ ئىچىدىكى ئالاھىدە ئېتىبارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى
↓↓↓
شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئالاھىدە ئېتىبارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى
↓↓↓
خەلقئارالىق ئالاھىدە ئېتىبارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى
↓↓↓
شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىزكى، يۇقىرىقى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ باھاسىدا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ھۆكۈمەت تورى، APPسى، ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسى قاتارلىق ھۆكۈمەت تەرەپ يوللىرى ئارقىلىق ئەمەلىي سۈرۈشتۈرۈش نەتىجىسى ئۆلچەم قىلىنىدىكەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى