− يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيانقى پەن - تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ چۇەن، ۋېن جىڭخۇا
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، دۇنيادىكى مۇھىم تەسىر كۈچكە ئىگە پەن - تېخنىكا چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى يادرولۇق ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ تېز ئىلگىرىلىدى.
دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلىندى
ئاينىڭ ئارقا يۈزىگە قونۇش، ئەۋرىشكىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلىش، ئۇچۇش - قايتىش...ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئەھۋالدا، دۆلىتىمىزنىڭ چاڭئې 6 - نومۇر ۋەزىپىسى ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىشتەك ئىجادىيەتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 1935.3 گىرام ئاي شارى ئەۋرىشكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ قايتتى. بۇ ھەم جۇڭگو ئالەم قاتنىشى تارىخىدىكى ھازىرغىچە تېخنىكا سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئاي شارىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى ھېسابلىنىدۇ.
«دۇڭفاڭخۇڭ 1 - نومۇر» سۈنئىي ھەمراھىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشىدىن جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا سەيلە قىلىشىغىچە؛ جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇپ پۈتۈپ چىقىشىدىن ئاينى تەكشۈرۈش، مارسنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغىچە، جۇڭگو ئالەم قاتنىشىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىياتى دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكا ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.
پەن - تېخنىكا گۈللەنسە مىللەت گۈللىنىدۇ، پەن - تېخنىكا كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز باشتىن - ئاخىر پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندا، پەن - تېخنىكا ئاساسى يوق دېيەرلىك ئىدى، مەخسۇس ئىلمىي تەتقىقات ئاپپاراتىدىن ئاران 30 نەچچىسى بار بولۇپ، چوڭ تىپتىكى پەن تەتقىقات ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلىرى يوق دېيەرلىك ئىدى. يېڭى جۇڭگودا «ئىلىم - پەنگە يۈرۈش قىلىش» بۇرغىسىنىڭ چېلىنىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكا قىيىن ئۆتكەللىرىنى ئارقا - ئارقىدىن بۆسۈپ ئۆتتى، بۇ، گۈللىنىش يولىدىكى مۇھىم تىرەككە ئايلاندى.
«ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ»تىن يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىغىچە، چىڭخاۋسۇدىن شالغۇت شالغىچە، نېفىتنى گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن 10 مىڭ توننىلىق غايەت زور پاراخوتنىڭ دېڭىزغا چۈشۈشىگىچە، دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا باشتىن - ئاخىر دىققەتنى دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز يېڭى تىپتىكى پۈتۈن دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى.
− ئۇل ئالدىنقى قاتار تەتقىقاتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى.
«جۇڭگو تيەنيەن»، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز ئالەم بوشلۇقى سىزىقى كۆزىتىش پونكىتى قاتارلىق «چوڭ دۆلەت مۇھىم جابدۇقلىرى» ئارقا - ئارقىدىن دۇنيا دەرىجىلىك بايقاشلارغا ئېرىشتى؛ كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا كىراخمال قىلىپ بىرىكتۈرۈپ، «تېخنىكىلىق ئىجادىيەت» ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ دۆلىتىمىز ئالىملىرى كىۋانت پەن - تېخنىكىسى، ھاياتلىق ئىلمى، ماددا ئىلمى، بوشلۇق ئىلمى قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم زور ئىجادىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
− ئىستراتېگىيەلىك يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدە يېڭى ھالقىش كۈتۈۋېلىندى.
«چاڭئې» ئاينى چارلىدى، «تيەنخې» بوشلۇقتا تۇردى، «تيەنۋېن» مارسنى تەكشۈردى، «دىچياۋ 1 - نومۇر» يەرشارىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا كىردى، «فېندوۋجې» ناملىق چۆككۈ 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىزنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدەندى، يەرشارى بويىچە تۇنجى 4 - ئەۋلاد يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى سودا تىجارىتى بويىچە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
− دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا سۈپەت ئۆستۈرۈلۈپ سۈرئەت تېزلىتىلدى.
دۆلىتىمىزدە پەن - تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلار، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى تەدرىجىي شەكىللەندى. 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، دۆلىتىمىز يەرشارى بويىچە 100 كۈچلۈك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توپىنىڭ سانى جەھەتتە دۇنيا بويىچە باش ئورۇنغا ئۆتتى، نۆۋەتتە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ سانى 463 مىڭغا يەتتى.
2023 - يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىيات خىراجىتى چىقىمىنىڭ كۆلىمى دۇنيا بويىچە مۇقىم 2 - ئورۇندا تۇرۇپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىلەن بولغان نىسبىتى %2.64 بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتتى؛ 2024 - يىلى 6 - ئايغىچە، دۆلىتىمىزدە دۆلەت ئىچىدىكى كەشپىيات پاتېنتىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇش مىقدارى 4 مىليون 425 مىڭ پارچىغا يېتىپ، ھەر 10 مىڭ نوپۇسنىڭ يۇقىرى قىممەتكە ئىگە كەشپىيات پاتېنتىغا ئىگە بولۇش مىقدارى 12.9 پارچىغا يەتتى.
دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان يەرشارىۋى يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچىدە كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بويىچە ئۇنىۋېرسال رەت تەرتىپى 2012 - يىلىدىكى 34 - ئورۇندىن ئۆرلەپ 2023 - يىلى 12 - ئورۇنغا ئۆتۈپ، ئالدىنقى 30 ئورۇندا تۇرغانلار ئىچىدىكى بىردىنبىر ئوتتۇراھال كىرىملىك ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى.
يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى
ئۇزۇنلۇقى 323.6 مېتىر كېلىدىغان، ئېگىزلىكى 24 قەۋەتلىك بىنادىن ئېگىز بولغان، 5246 يولۇچى سىغىدىغان، دۆلىتىمىزدە ياسالغان تۇنجى چوڭ تىپتىكى پوچتا پاراخوتى «ئەيدا . مودۇ ناملىق» پاراخوت خۇددى «دېڭىز ئۈستى شەھىرى»گە ئوخشايدۇ. بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تۇنجى قاتنىغاندىن بۇيان، «ئەيدا . مودۇ ناملىق» پاراخوت 60 نەچچە قېتىم قاتناپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى 250 مىڭغا يېقىن ساياھەتچىگە مۇلازىمەت قىلدى.
كەسىپ زەنجىرى ئۇزۇن، يېتەكلەشچانلىقى كۈچلۈك بولغاچقا، پوچتا پاراخوتى ياسىمىچىلىقىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش نىسبىتى 1:14كە يېتىدۇ. كۆپ يىللىق پەن تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىز چەت ئەلنىڭ تېخنىكا مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، «ئەيدا . مودۇ ناملىق» پاراخوتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ، كېمىسازلىق سانائىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.
پەن - تېخنىكا بىلەن كەسىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ھاسىل قىلىدۇ. 75 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز «نامرات، ئارقىدا قالغان» يېزا ئىگىلىك دۆلىتىدىن مۇستەقىل، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان سانائەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشقىچە، يەنە دۇنيادىكى 1 - چوڭ سانائەت دۆلىتىگە ئايلىنىشقىچە، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى سىجىل ئۆستۈردى، ھەربىر قەدەم پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تېرەك بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا پەن - تېخنىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تىرەك قىلىشقا تايىنىش كېرەك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىلدۈرۈشكە تايىنىش كېرەك.» پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى.
− پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى موتورىنى بەرپا قىلدى.
توپلاشما توك يولى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى يەرشارىۋى دەل جايىدا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭ تىپتىكى ئايروپىلانلار سودا خاراكتېرلىك ئۇچۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل يەرشارىۋى ئاپتوموبىل كەسپىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. 2013 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئايرىم - ئايرىم %8.7، %10.3 ئېشىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يېتەكلەيدىغان مۇھىم موتورغا ئايلاندى.
− ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش «چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى»نى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.
فۇشىڭ ناملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ تەتقىق قىلىپ ياسىلىشى دۆلىتىمىزنىڭ رېلىس جابدۇقلىرى كەسىپ سىستېمىسىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى؛ «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، غەربىي قىسىمدىكى بارغانسېرى كۆپ شەھەرلەر رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى؛ گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى قۇرۇلۇشنىڭ شېنجېن - جۇڭشەن يولى جۇجياڭ دەرياسى ئېغىزىنىڭ شەرق - غەرب ئىككى قىرغىقىدىكى شېنجېن شەھىرى بىلەن جۇڭشەن شەھىرىنىڭ «يېرىم سائەتلىك تۇرمۇش چەمبىرىكى»گە كىرىشىگە كۈچ قوشتى... ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىز بىر تۈركۈم «چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى»نى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
− يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بەس - بەستە مەيدانغا كېلىپ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىلدى.
يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تېلېۋىزور، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھاۋا تەڭشىگۈچ، يەر سۈپۈرىدىغان ماشىنا ئادەم قاتارلىقلار ئائىلە بۇيۇملىرىدا باش رولچىغا ئايلاندى؛ يېزا ئىگىلىكىدە سورت يېتىشتۈرۈش ئۆتكىلىگە سىجىل ھۇجۇم قىلىنىپ، پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلى تېخىمۇ موللاشتى؛ يېڭى دورا تەتقىق قىلىپ ياساشتا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، كۆپ تۈرلۈك يۇقىرى دەرىجىلىك داۋالاش جابدۇقلىرىنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىشى تېزلىتىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشقا كۈچ قوشۇلدى؛ ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش تېخنىكىسىدا تېز بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، كۆپچىلىك ئۈچۈن سۈزۈك سۇ، كۆك ئاسمان قوغدالدى.
ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى
10 مىڭ 909 مېتىر! بۇ، «فېندوۋجې» ناملىق چۆككۈ ياراتقان دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك چوڭقۇر چۆكۈش رېكورتى. ئىنتايىن ناچار بولغان چوڭقۇر دېڭىز مۇھىتى چۆككۈنىڭ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى، كونترول قىلىش ئىقتىدارى، خەۋەرلىشىش سىستېمىسىنى سىنايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنيا دەرىجىلىك پەن - تېخنىكىدىكى قىيىن مەسىلە.
خىرىس ئالدىدا، دۆلىتىمىز 100گە يېقىن پەن تەتقىقات ئورنى، ئالىي مەكتەپ، كارخانىدىكى 1000غا يېقىن پەن تەتقىقات خادىمىنى ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، بىر قاتار ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلدى، «فېندوۋجې»ناملىق چۆككۈ زاپچاسلىرىنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىش نىسبىتى %96.5تىن ئېشىپ، يېڭى تىپتىكى پۈتۈن دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكىنى جانلىق ئىزاھلاپ بەردى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى، يېڭى تىپتىكى پۈتۈن دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم مەزمۇن.
دىققەتنى «تۆتكە يۈزلىنىش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پۈتۈن زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، پۈتۈن ساھەنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، كىۋانت تېخنىكىسى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىيوتېببىي دورا، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق يېڭى مۇسابىقە يولى ۋە ئىستراتېگىيەلىك جەزمەن تالىشىدىغان ساھەلەرنى تېز ئورۇنلاشتۇردى.
يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم يول ئىختىساسلىقلارغا ئېرىشىشتە. دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئارقىلىق، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قويۇپ بەردى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندا، مەملىكەت بويىچە پەن - تېخنىكا خادىملىرى 50 مىڭدىن ئاشمايتتى، پەن تەتقىقات خىزمىتى بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنىدىغان خادىم ئاران 600 نەچچە كىشى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنىڭ مىقدارى، سۈپىتى تەڭ ئېشىپ، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئومۇمىي ۋاقىت ئېكۋىۋالېنتى ئۇدا نەچچە يىل دۇنيا بويىچە باش ئورۇندا تۇرۇپ، يەرشارى بويىچە ئەڭ مۇكەممەل پەن سىستېمىسى ۋە ئەڭ كەڭ كۆلەمدىكى ئىختىساسلىقلار سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.
باغلاقنى بوشىتىش، يۈكنى يېنىكلىتىش ئارقىلىق پەن تەتقىقات خادىملىرى پۈتۈن زېھنى بىلەن پەن تەتقىقاتقا ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى؛ «قابىللار باشلامچى بولۇش» «ئات بەيگىسى تۈزۈمى» قاتارلىقلار ئارقىلىق مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىلدى؛ دىققەت تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى كۈچەيتىش، ياش ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى تېزلىتىش، يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلارنى يۆلەشنى زورايتىش قاتارلىق مەزمۇنلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئېلان قىلىنىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، نەتىجە يارىتىش ھاياتىي كۈچى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇلدى.
يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. كەلگۈسىدە، دۆلىتىمىز زور پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەشكىلىي مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ كۈچەيتىش، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پەن - تېخنىكا پىلانىنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاش، تەشكىللىك ئاساسىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.
2035 - يىلى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقايلى! ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، نىشان ئالدىمىزدا. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرى مۇقەررەر يەنە يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)