تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«شىنجاڭدىكى ھەربىر جاي ماڭا ئۆزگىچە تەسىرات بېغىشلىدى»

− جۇڭگو خەلق داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭغا كېلىپ تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىشتە بولدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بېي

«يول بويى، بىز شىنجاڭنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە تەبىئىي مۇھىتى، ئۆرپ - ئادىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپلا قالماي، بۇ جاينىڭ كۆپ مەنبەلىك ۋە سىغدۇرۇشچان ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇق. شىنجاڭدىكى ھەربىر جاي ماڭا ئوخشاش بولمىغان تەسىرات بېغىشلىدى!» دېدى شىنجاڭدىكى سەككىز كۈنلۈك تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، جۇڭگو خەلق داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان ۋىيېتناملىق ئوقۇغۇچى رۇەن چيۇڭجى ھاياجانلانغان ھالدا.

8 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە، 16 دۆلەتتىن كېلىپ جۇڭگو خەلق داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان 23 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى، ئىككى چەت ئەللىك ئوقۇتقۇچى ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك ئون ئوقۇغۇچى ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردا «زامانىمىزدىكى جۇڭگونى چۈشىنىش، ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭنى ھېس قىلىش» باش تېمىسىدىكى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار مەنزىرە رايونى، مۇزېي، بازار، كارخانىلارغا بېرىپ، ھەربىر دەقىقىنى چىڭ تۇتۇپ شىنجاڭ توغرىسىدا تەسىراتقا ئىگە بولۇپ، ھەقىقىي شىنجاڭنى چۈشەندى.

شىنجاڭ سەنئەت ئورنى مۇقام سەنئەت ئۆمىكى تىياتىرخانىسىدا، جۇڭگو خەلق داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك ئوقۇغۇچىلار ئېسىل مۇقام نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلاندى. ياڭراق، يېقىملىق ناخشا ساداسى ۋە چالغۇدا ئورۇنلانغان مۇزىكىلار ئۇسسۇلچىلارنىڭ نەپىس، لەرزان ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى بىلەن مۇكەممەل يۇغۇرۇلۇپ، شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇلىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى نامايان قىلدى. «بۇ بىر خىل سەنئەت شەكلى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى تۇرمۇشنى ئىپادىلەشنىڭ بىر خىل شەكلى ئىكەن − ئۇلار مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى يەتكۈزىدىكەن» دېدى جۇڭگو خەلق داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان كورېيەلىك ئوقۇغۇچى جىن لەنجياڭ.

قىزىل مىڭئۆيدە، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار خۇددى زامان - ماكاندىن ھالقىغاندەك تۇيغۇغا كەلدى. ئەگرى - بۈگرى تار يولنى بويلاپ ماڭغاندا، مىڭئۆينىڭ سىرلىق قىياپىتى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى؛ غارغا كىرگەندە، نەپىس تام رەسىملىرىنى كۆرۈپ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي تەرىپلىدى. كۆپچىلىك تام رەسىملىرىدىن ھۇزۇرلانغاچ، تارىخنىڭ مول قىممىتى ھەم سەنئەتنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى. جۇڭگو خەلق داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان تايلاندلىق ئوقۇغۇچى ليۇ جېننى بۇلارغا تولىمۇ مەپتۇن بولدى، تاش غار ۋە تام رەسىمى ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ كۆپ قېتىم ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ 1000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە دۇنيا مەدەنىيەت مىراسىنى ھەقىقەتەن ياخشى قوغداپتۇ!»

شىنجاڭدىكى قۇملۇقلاردىمۇ گۈل ئېچىلامدۇ؟ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار توقسۇ ناھىيەسىدىكى قۇملۇق گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونىدا بۇنىڭ جاۋابىغا ئېرىشتى.

جەزبىدار قىزىلگۈللەر، چىرايلىق ئەتىرگۈللەر، نەپىس نېلۇپەر گۈللىرى قۇملۇق قوينىدا پورەكلەپ ئېچىلىپ، چۈشتىكىدەك خىيالىي گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى. ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار گۈل دېڭىزى ئارىسىدا ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ، گاھ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى، گاھ كۆزىنى يۇمۇپ گۈللەرنىڭ خۇش ھىدىنى پۇرىدى. كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان گۈل دېڭىزىدىن باشقا، قۇملۇق موتوسىكلىتىدا شامالدەك غۇيۇلداپ مېڭىش، تەۋەككۈلچىلىك تۈسىگە ئىگە قۇم تېيىلىشمۇ ئۇلارغا مول، رەڭدار تەسىرات بېغىشلىدى.

«مەن ئىلگىرى قۇملۇق رايوندا تېرىقچىلىق قىلىش تەس دەپ قارايتتىم، لېكىن شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، مۇشۇنداق قۇرغاق رايوندا كەڭ كەتكەن بوستانلىقلارنى كۆردۈم، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى قۇملۇقتا تىمەن ئۆسۈۋېتىپتۇ. شۇنداق دەيمەنكى، بۇ جاي تولىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىكەن!» جۇڭگو خەلق داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان ئۇگاندالىق ئوقۇغۇچى دۇ چۇ مۇنداق قارىدى: شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش ۋە تۈزەش جەھەتتە، ئۆگىنىشكە ۋە ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇرغۇن جايلىرى بار ئىكەن.

شىنجاڭ قانداق رەڭدە؟ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار كۇچا شەھىرىدىكى كۈسەن كوچىسى ۋە تىيانشان سىرلىق چوڭ جىلغىسىغا كەلگەندىن كېيىن، يەنە يېڭى بايقاش، يېڭى خۇشاللىقلارغا ئېرىشتى.

جۇڭگو خەلق داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان ئىراقلىق ئوقۇغۇچى لى نانىڭ نەزەرىدە، شىنجاڭ تولىمۇ رەڭدار. لى نا مۇنداق دېدى: كۇچا شەھىرىدىكى كۈسەن كوچىسىغا كىرگىنىمدە، خۇددى بىر پارچە رەڭدار يۆگىمە رەسىم ئۈستىدە مېڭىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولدۇم، توپا رەڭ تاملاردىن قەدىمىي تۈس چىقىپ تۇرىدىكەن، كۆك رەڭلىك ئىشىك - دېرىزىلەر خۇددى سۈزۈك ئاسماننىڭ كۆزىگە ئوخشايدىكەن. تار كوچىدا، رەڭدار ئەتلەسلەر شامالدا لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەن بولۇپ، قىزىل ئانار گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ كېتىپتۇ.

تىيانشان سىرلىق چوڭ جىلغىسى تەبىئەت سارغۇچ قىزىل رەڭدە سىزىپ چىققان نادىر ئەسەر. قۇياش نۇرى سېپىلگەندە، جىلغىدىكى قىيا تاشلار خۇددى كۆيۈۋاتقان يالقۇنغا ئوخشاش ھەيۋەتلىك ھەم كۆركەم كۆرۈنەتتى. «كۈسەن كوچىسىدىكى تۇرمۇش تۈسى ۋە چوڭ جىلغىنىڭ تەبىئىي رەڭگى ماڭا شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى، بۇ تۇپراقنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئاجايىپ قىياپىتىنى ھېس قىلدۇردى» دېدى لى نا ھاياجانلانغان ھالدا.

«ئارتىسلار بۇ ماھارەتنى قانداق قىلىپ ئورۇنلىيالىدى؟ قانچىلىك ۋاقىتتا ئاندىن بۇ ماھارەتنى يېتىلدۈرەلەيدۇ؟» يېڭىسار ناھىيەسىدىكى دارۋازلىق سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىدە، ئارتىسلارنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ بىلەن ئارغامچىدا مېڭىش، ئارغامچا ئۈستىدە سېرك ماھارىتى كۆرسىتىش قاتارلىق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دارۋازلىق ئويۇنىدىن ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ھاڭ - تاڭ قالدى، ئۇلار ئارتىسلارنىڭ كامالەتكە يەتكەن ماھارىتىگە توختىماي قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

يېڭىسار ناھىيەسىدىكى ساپال بۇيۇملار كەنتىدە، ئوقۇغۇچىلار يەنە ساپال بۇيۇم ياساش خۇشاللىقىدىن بەھرىلەندى. «بۇ جايدىكى قول ھۈنەرۋەنلەر ئەنئەنىۋى ساپال بۇيۇملارنى ياساش ھۈنىرىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ كەپتۇ، بۇ خىل ئىجتىھات مېنى تەسىرلەندۈردى» دېدى جۇڭگو خەلق داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان ۋىيېتناملىق ئوقۇغۇچى رۇەنشى چۈيرۇڭ ساپال بۇيۇملارنى ياساش جەريانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە، بىر مەيدان داغدۇغىلىق شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمى ئوقۇغۇچىلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قەشقەرنىڭ ئۇزاق تارىخى، مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئۇلار ساپال بۇيۇملار، ياغاچ جابدۇقلار، تۆمۈر ئەسۋابلار بازىرىنى ئايلانغاچ، قەدىمىي شەھەرنىڭ ئۆيلىرى خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغان شەھەردىن كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىپ دۆلەت مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرىگە ئايلانغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى.

بۇ ئۇنتۇلغۇسىز تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش سەپىرى ئاخىرلىشىش پەيتىدە، جۇڭگو خەلق داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان ۋۇ يۈنشى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىشىنىمەنكى، كۈسەن ۋېي، جىن سۇلالىلىرى قەدىمىي قەبرىستانلىقى خارابىسى مۇزېيىدىكى چۈشىنىشلىك كۆرگەزمە شەكلىدىن ھەيران قالغانلار يالغۇز مەنلا ئەمەس. كۆپچىلىك تىيانشان سىرلىق چوڭ جىلغىسىدا تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھاياجانلاندۇق، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە <ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا يېڭىلاش>نىڭ ئارقىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى ئىگىلىدۇق...» «ئىنتايىن كۆپ ھاسىلاتقا ئېرىشتۇق، سەپىرىمىز ئەھمىيەتلىك بولدى.» بۇ، بۇ قېتىمقى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ئۆمىكىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ زور تەسىراتى، ئۇلار ئۆزلىرى شىنجاڭدا ھېس قىلغان گۈزەللىك ۋە سەمىمىيلىكنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ھەمبەھرىلەشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.