□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى
9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 - يىغىنى گوۋۇيۈەن قاراپ چىقىشقا سۇنغان قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە دائىر تەكلىپ لايىھەسىنى قاراپ چىقتى. پېنسىيە يېشى نېمە ئۈچۈن كېچىكتۈرۈلىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ مۇخبىر كۆپ تەرەپتىن نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلدى.
«پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش ياشانغانلار كۆپىيىشكە پائال ھازىرلىق كۆرۈش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان مۇھىم ئىسلاھات بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا ياردىمى بار» دېدى جۇڭگو ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىلمىي تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى مو رۇڭ.
دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشى ئەر ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ 60 ياش، ئايال كادىرلارنىڭ 55 ياش، ئايال ئىشچىلارنىڭ 50 ياش.
«بۇ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرى شۇ چاغدىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى، ئەمگەك شارائىتى، ئادەم ئىشلىتىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلگەن. 70 نەچچە يىل ئىلگىرىكى ئەھۋالغا سېلىشتۇرغاندا، ھازىرقى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى، تەربىيەلىنىش يىل چېكى، نوپۇس قۇرۇلمىسى ھەم ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تەمىنلەش - ئېھتىياج مۇناسىۋىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى.» مو رۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: پېنسىيە يېشىنى مۇناسىپ كېچىكتۈرۈشنى بىر خىل مۇقەررەر يۈزلىنىش، دېيىشكە بولىدۇ.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىزدە ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 40 ياش ئۆپچۆرىسىدىن ھازىرقى 78.6 ياشقا يەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەمگەكچىلەرنىڭ تەربىيەلىنىش يىل چېكى زور دەرىجىدە ئېشىپ، خىزمەتكە قاتنىشىش ۋاقتى كۆرۈنەرلىك كەينىگە سۈرۈلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلىتىمىزدە 16 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇس سانى داۋاملىق تۆۋەنلەۋاتىدۇ، 60 ياش ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ياشانغانلار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ.
«پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئەھمىيىتى ئادەم كۈچى بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ جانلىقلىقى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە» دېدى جۇڭگو نوپۇس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، نەنكەي داشۆ ئىقتىساد شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى يۈەن شىن.
ئامما پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتىنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىگىمۇ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. بىر تەرەپتىن، بەزىلەر پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، رىقابەت بېسىمىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، چوڭ ياشتىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى تېخىمۇ قىيىنلىشامدۇ؟
«ئاممىۋى سىياسەتنى تەڭشەشتە بىر ئاساسىي پىرىنسىپ بار، ئۇ بولسىمۇ جەمئىيەتكە بولغان زەربە ۋە داۋالغۇش قانچە كىچىك بولسا شۇنچە ياخشى، پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈشمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. تەدرىجىي ئىلگىرىلەش شەكلىدىكى ئالغا سىلجىتىش قىسقا مۇددەت ئىچىدە جەمئىيەتكە قويۇپ بېرىلىدىغان ئەمگەك كۈچى كۆلىمىنىڭ ئانچە چوڭ بولمايدىغانلىقىدىن، ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن چەكلىك بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى يۈەن شىن.
«ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنىڭ تەمىنلىشىدىن قارىغاندا، ئارزۇسى بار، شارائىتى يار بېرىدىغان بىر قىسىم چوڭ ياشتىكى خادىملارنىڭ داۋاملىق خىزمەت قىلىشىغا يول قويۇپ، بىر قىسىم ئازايغان ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇسنى تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ.» جۇڭگو خەلق داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى دۇڭ كېيۇڭ مۇنداق قارىدى: ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈشمۇ ئەمگەككە قاتنىشىش نىسبىتىنى ساقلاشقا پايدىلىق.
ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنىغا قارىتا، دۇڭ كېيۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ ئاساسلىقى ساقلانما مىقدارغا ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېشىش مىقدارىغا تايىنىپ تەمىنلىنىدۇ. «ياشلار بىلەن چوڭ ياشتىكى ئەمگەكچىلەر ياقتۇرىدىغان ساھەلەر گىرەلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۈستىلىنىش دەرىجىسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. ياشلار ئالاقە تورى، رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ قاتارلىقلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تېخىمۇ خالايدۇ».
«چوڭ ياشتىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىدە، <+ 35> ياش شەرتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تېخىمۇ ئادىل ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى يارىتىش زۆرۈر» دېدى دۇڭ كېيۇڭ.
ئەمەلىيەتتە، ئامما ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويۇلماقتا.
يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار ئارقا - ئارقىدىن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاشكارا تەكلىپ قىلىشىنى ياخشىلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى كەمسىتىش قىلمىشىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلغانلارنى جازالاش سالمىقىنى زورايتىش؛ تەكلىپ قىلىشتا كەمسىتىش خاراكتېرلىك، نىشانلىق ھەمدە نامۇۋاپىق چەكلىمە خاراكتېرلىك شەرتلەرنى تەسىس قىلماسلىق، مۇناسىۋەتلىك نامزات ئۈچۈن تەييارلانغان تەكلىپ قىلىش شەرتى ياكى ئىش ئورنى، ئادەمگە قاراپ ئىش كۆرۈش، يېقىن تۇغقانلىرى كۆپىيىپ كېتىش قاتارلىقلارنى قەتئىي توسۇش تەلەپ قىلىندى.
«شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئەگەر پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتى قارارى قاراپ چىقىپ ماقۇللانسا، ئالاقىدار تارماقلار يەنە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەكلىپ قىلىش بازىرى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئەمگەكچىلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېدى يۈەن شىن.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)