تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بويىچە نىزام چىقىرىش نەق مەيدان يىغىنى شىنجاڭدا ئېچىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بويىچە نىزام چىقىرىش نەق مەيدان يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئورگان ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش چۆرىدىلىپ، ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بويىچە نىزام چىقىرىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى، مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى. دۆلەت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شۈ يۇڭشېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

شۈ يۇڭشېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بويىچە نىزام چىقىرىش خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك، ئورگان ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، بولۇپمۇ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بويىچە نىزام چىقىرىش تېخىمۇ روشەن دەۋر قىممىتىگە ئىگە بولدى. ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بويىچە نىزام چىقىرىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، مۈلۈك باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان ئورگان ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ قانۇنچىللىق كۈچى قوشۇش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلەت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر «قانۇنچىللىقنى ئاساس قىلىش، ئۆلچەم ئارقىلىق سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، رەقەملىك كۈچ قوشۇش»نى پىرىنسىپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىسلاھاتتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، يېڭىلىق يارىتىشتىن ھاياتىي كۈچ قوبۇل قىلىپ، زامانىۋى ئورگان ئىشلىرى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى، بۇ قېتىمقى نەق مەيدان يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئورگان ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

دۆلەت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، مەملىكەت بويىچە قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ھەمدە مۇتەخەسسىس، ئالىملار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.