تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇش، بىرىكمە كۈچ توپلاش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8 - يىغىنى يېپىلدى

شىنجاڭنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇش، بىرىكمە كۈچ توپلاش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8 - يىغىنى ئۈرۈمچىدە يېپىلدى، يىغىندا «رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو (شىنجاڭ)ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش» يىغىن قارالمىسى قىلىنىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرى چوڭقۇر كېڭىشىلدى، مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش تېمىسى، مۇھىم پىرىنسىپى، مۇھىم تەدبىرى، تۈپ كاپالىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، قەتئىي بوشاشماي ئومۇمىي يىغىن روھى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرۋاقىت ئۆلچەمگە، تەلەپكە توغرىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى»نى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ دەل جايىدا، ئەمەلىي بولغان، ئەسقاتىدىغان تەدبىر - تەكلىپلەرنى بېرىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىرىنچى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىش، تاشقى سودىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى خاس كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرگە كۈچ قوشۇپ، مەدەت بېرىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يىغىندا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى باشقۇرۇش چارىسى ماقۇللاندى؛ ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرى ماقۇللاندى.

يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۈەن تەكلىپ بويىچە «شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك غەربكە ئېچىۋېتىشنى پائال ئالغا سىلجىتايلى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، ياڭ يۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن، پۇ شۆمېي، شۈ شيەنيى، ھەسەنجان ئەخمەت، جىن جىجېن، باتۇ، گاۋ جياڭخۇەي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.