تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ 22 تۈرلۈك تەدبىر ئېلان قىلىپ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇردى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى باشلامچى بولۇپ «2024 - يىلى كېيىنكى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە تەدبىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بىر قانچە تەدبىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقىتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان بىرىنچى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى.

ئىگىلىنىشىچە، «بىر قانچە تەدبىر»دە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى يولغا قويۇشقا دائىر ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى (2022 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەش جەھەتتىكى 22 تۈرلۈك تەدبىر ئارقىلىق ئىسلاھاتنى تۇتۇپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ قولايلىق يارىتىشنى ئاشۇرۇش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرۇش، قانۇنچىللىقنى كۈچەيتىپ كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن زەنجىرلىك كۈچەش، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ قوغداش ئارقىلىق، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادچانلىقى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئۇرغۇتۇلۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

بۇنىڭ ئىچىدە، تىجارەت - سودا مۇھىتىدىكى «توسۇق نۇقتا» «قىيىن نۇقتا» مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش چۆرىدىلىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھات مەخسۇس ھەرىكىتى يولغا قويۇلىدۇ. يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ساھەلەرنىڭ بازارغا كىرىش ئىجازىتى سىجىل قويۇۋېتىلىپ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتىكى «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش»كە تۈرتكە بولۇنۇپ، ئادىل رىقابەتلىشىشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈزۈم توسالغۇلىرى تۈگىتىلىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىلىپ، باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتى سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك پۈتتۈرۈش» قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرگە تۈرتكە بولۇنۇپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

تىجارەت سۇبيېكتى ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر كۈچەپ ھەل قىلىنىپ، مۇھىم ئامىل مۇھىتىنى ياخشىلاش مەخسۇس ھەرىكىتى يولغا قويۇلىدۇ. سۇ ئىشلىتىش، گاز ئىشلىتىش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، تورغا ئۇلاش مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كىرېدىتى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش مۇلازىمەت كاپالىتى كۈچەيتىلىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك مۇھىم ئامىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

دىققەت قانۇننى قاتتىق، ئۆلچەملىك، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتى يولغا قويۇلىدۇ. سىغدۇرۇشچان، ئېھتىياتچان نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، تۇنجى قېتىم خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالىماسلىق تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش» ئالغا سىلجىتىلىپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار ھەق ئېلىش ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ھەقنى ئېنىقلاپ يۈكنى يېنىكلىتىش خىزمىتى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا لەۋزىدە تۇرماسلىقنى تۈزەش كۈچەيتىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا لەۋزىدە تۇرماسلىق خاتىرىسى ۋە جازالاش تۈزۈمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىدۇ، ئۆستۈرۈلىدۇ.

كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداش چىڭ كۆزلىنىپ، ھوقۇق - مەنپەئەتنى كاپالەتلەندۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتى يولغا قويۇلىدۇ. ھۆكۈمەت كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈزەش سالمىقى زورايتىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بويىچە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچەيتىلىپ، سودا مەخپىيەتلىكىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش، تەقلىد قىلىپ ئارىلاشتۇرۇۋېتىش قاتارلىق ناتوغرا رىقابەت قىلمىشلىرىغا قارىتا قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقى زورايتىلىپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار دەۋا دېلولىرىغا «يېشىل يول» ئېچىلىپ، دەۋادا يەڭگەن تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋاقتىدا نەقلەشتۈرۈلۈپ، كارخانىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ھۆكۈمەت بىلەن سوت مەھكىمىسى ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «تىجارەت - سودا مۇھىتىدا ئەڭ ياخشىسى بولمايدۇ، پەقەت تېخىمۇ ياخشىسى بولىدۇ» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىرقانچە تەدبىر»دىكى تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.