جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنى:
بۇلتۇردىن بۇيان كىرگۈزۈلگەن ئىختىساسلىقلار سانى ئۆتكەن يەتتە يىلنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىغا تەڭ بولدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تەتقىقات ئورنى» دېيىلدى)نىڭ بىر تەجرىبىخانىسىدا، ليۇ جياكەي بىر تەرەپتىن لازېر نۇردا سىزىپ ئويۇش ئۈسكۈنىسىدە مەشغۇلات قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلىرىنى خاتىرىلەۋاتاتتى.
بۇلتۇر، سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى داشۆسىنىڭ ياش دوكتورى ليۇ جياكەي ئاپتونوم رايوننىڭ «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى» بويىچە شىنجاڭغا كىرگۈزگەن ئىختىساس ئىگىسى بولۇش سۈپىتىدە، ئۇ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى ئەۋرىشىم كىرېمنىينى ئاساس قىلغان بىرىكمە يورۇقلۇق ۋولت ماتېرىيالى ھەم دېتال - زاپچاسلارنى چۆرىدەپ ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرغانىدى. بۇ تەجرىبىخانىدىن بازارغا يۈزلەنگەن بۇ تېخنىكا ئېنېرگىيە ساھەسىدە 300 مىليون يۈەنگە يېقىن ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشقا تۈرتكە بولدى. بۇلتۇردىن بۇيان، ليۇ جياكەينى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تەتقىقات ئورنى كىرگۈزگەن يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار 100 كىشىگە يەتتى، بۇ مەزكۇر تەتقىقات ئورنى ئۆتكەن يەتتە يىلدا كىرگۈزگەن ئىختىساسلىقلار سانىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىغا تەڭ بولدى.
10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ «5 + 2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويدى، تۆت جەھەتتىكى 31 تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار ئىسلاھاتى سىياسىتىنى تۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈردى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىسلاھاتتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويدى. تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان بىرقاتار ئىختىساسلىقلار سىياسىتى شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچى - سىرتىغا يۈزلىنىپ يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشتىكى رىقابەت كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى، شۇنداقلا پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
ئاپتونوم رايوننىڭ ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى ئاساس قىلىپ، شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تەتقىقات ئورنى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «يىپەك يولى ئىختىساسلىقلىرى» پىلانىنى ئىجادىي تەسىس قىلدى.
ئاپتونوم رايوننىڭ «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى»نى كىرگۈزۈش پىلانىدىكى ياش دوكتورلار مەخسۇس تۈرىگە ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلانغان ياش دوكتورلارغا ئۇدا ئۈچ يىل خىراجەت ياردىمى بېرىلدى؛ ئۈچ يىلدىن كېيىن ياش دوكتورلار شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تەتقىقات ئورنىدا ئىشتاتقا كىرگۈزۈلدى، «يىپەك يولى ئىختىساسلىقلىرى» پىلانى كۈچ ئۇلاش تايىقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ياش دوكتورلارنى ھەر يىلى 200 مىڭ يۈەن مائاش ۋە بىر قېتىمدىلا بېرىلىدىغان 300 مىڭ يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلىدى؛ ياش دوكتورلار پەن تەتقىقات تايانچلىرى بولۇپ يېتىلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ «تىيانشان تالانتلىقلىرى» يېتىشتۈرۈش پىلانى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ «غەربىي قىسىم نۇرى» ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانى، دۆلەت كۆزگە كۆرۈنگەن ياشلار ئىلىم - پەن فوندى قاتارلىقلارغا ئىلتىماس قىلىپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى ئۆمۈرلۈك يۆلەشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
«دۆلەتنىڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ھەم شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنىڭ ئۈستىلىنىشى يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇكەممەل زەنجىرىنى بەرپا قىلىشىمىزغا تۈرتكە بولماقتا.» شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تەتقىقات ئورنى كادىرلار - تەربىيەلەش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لىن جيەنبو مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، دىققەتنى ئىمپېرىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى، كورنېل داشۆ، بېيجىڭ داشۆ قاتارلىق نىشان ئاپپاراتلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تەتقىقات ئورنى 800 كىشىدىن ئاشىدىغان ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، كۆڭۈل بۆلۈش تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، يۇقىرى قاتلاملىق باشلامچى ئىختىساسلىقلاردىن 49 كىشىنى كىرگۈزدى، دۆلەت دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش پىلانى بويىچە 14 كىشىنى كىرگۈزدى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 34 ياش.
يۇقىرى سېلىنما ئارقىلىق ئىختىساسلىقلار كىرگۈزۈلۈپ، پەن تەتقىقاتتا يۇقىرى ھاسىلات ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تەتقىقات ئورنى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە كۈچەيتىپ، يېقىنقى ئۈچ يىلدا، يېڭى تىپتىكى كىرىستال ماتېرىيال، مىللەتلەر تېبابىتى يېڭى دورىلىرىنى ياساش، كۆپ تىللىق ئۇچۇرلارنى بىرتەرەپ قىلىشنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ۋە ئىشەنچلىك ھېسابلاش، قاتتىق جىسىم رادىياتسىيە فىزىكىسى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر تۈردە ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى بويىچە ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، سەككىز تۈردە پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئىككى تۈردە تەبىئىي پەنلەر مۇكاپاتى بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، بىر تۈردە تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتى بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە ئىككى تۈردە شىنجاڭ پاتېنت مۇكاپاتى بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. جۇڭگو توشۇغۇچى راكېتا تېخنىكا تەتقىقات ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى لەنجوۋ خىمىيە - فىزىكا تەتقىقات ئورنى، شىنجاڭ داشۆ قاتارلىق ئورۇنلارغا 170كە يېقىن پەن تەتقىقات تايانچىنى يېتىشتۈرۈپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ ۋە شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئەقلىي كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى.