سىكاننېرلاپ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر سىياسەتلىرىنى كۆرۈڭ
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېسىپ تارقاتقان «يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا، «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سىياسەت كۆرسەتمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «كۆرسەتمە» دېيىلدى) ئېلان قىلىندى.
«كۆرسەتمە»دە ئاپتونوم رايون قاتلىمى ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سىياسىتى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىن «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى»نى كىرگۈزۈش پىلانى يولغا قويۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، باشلامچى ئىختىساسلىقلار مەخسۇس تۈرى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان، يېڭىدىن گۈللەنگەن پەنلەرگە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى تولۇق ۋەزىپىلىك كىرگۈزۈش؛ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇتەخەسسىسلەر مەخسۇس تۈرى چوڭقۇر ئىلمىي بىلىمگە ئىگە، كەسىپداشلار ئېتىراپ قىلغان پەن باشلامچىلىرى، دوكتور يېتەكچىسى، مۇنەۋۋەر ئىنژېنېر قاتارلىق مۇتەخەسسىس تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى جانلىق كىرگۈزۈش بولۇپ، ئۇلار ھەر يىلى شىنجاڭدا تۆت ئايدىن ئارتۇق مۇلازىمەت قىلىدۇ؛ ياش دوكتورلار مەخسۇس تۈرى بىرقەدەر ياخشى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ۋە مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە دوكتور ۋە دوكتور ئاشتىلارنى تولۇق ۋەزىپىلىك كىرگۈزۈش؛ جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس كەسپىي ئىختىساسلىقلار مەخسۇس تۈرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان ياكى كۆرۈنەرلىك ئىقتىساد، جەمئىيەت ئۈنۈمى ھاسىل قىلالايدىغان تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى تولۇق ۋەزىپىلىك كىرگۈزۈش بولۇپ، كونكرېت شەرت قويۇلمايدۇ، بۇ، ھەقىقىي قابىلىيەتلىك، بىلىملىك ئىختىساسلىقلارنى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ. تاللانغاندىن كېيىن، 200 مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگىچە بىر قېتىملىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى ۋە ھەر يىلى 300 مىڭ يۈەندىن 1 مىليون يۈەنگىچە خىزمەت خىراجىتى مەبلىغى ياردىمى بېرىلىدۇ، خىزمەت خىراجىتىگە ئادەتتە ئۇدا ئۈچ يىل مەدەت بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر يىلى يەنە ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش - تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ تاللاپ تەكلىپ قىلىش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئېھتىياجى بار ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە يۈزلىنىپ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش - تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىنىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر بىردەك قاتناشسا بولىدۇ.
ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ھەم ياردەم ئۆسۈم سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تۈرىگە بەلگىلىمە بويىچە بىر قېتىملىق ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ. شەخسلەر ئىلتىماس قىلغان 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزى، رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەرەپكە ئېرىشكەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى، ئىگىلىك تىكلەش كارخانىلىرى ئىلتىماس قىلغان ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى باھالاپ بېكىتكەن، ئىناۋەتلىك قەرز پۇل تارقىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەخسلەر ياكى كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئىلتىماس قىلغان ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلىغا قارىتا، تىجارىتى مۇقىم، لەۋزىدە تۇرىدىغان ئىككىنچى قېتىم ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپى ئىلتىماس قىلغان ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى، شۇنداقلا مەملىكەتلىك ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ياكى ئىناۋەتلىك مەھەللە (يېزا - كەنت) تەۋسىيە قىلغان ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرىدىن يۇقىرىقى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىگە پىرىنسىپ جەھەتتىن قارشى كېپىللىك بىكار قىلىنىدۇ. مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىككى يىل ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەردىن جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلىرىغا بەلگىلىمە بويىچە جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.
پۈتۈن بىر يىلدا 10 مىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا ئورنى ھازىرلىنىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىككى يىل ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشمىغان 3000 نەپەر ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر پىراكتىكا قىلىشقا تەشكىللىنىپ، بەلگىلىمە بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن تەشەببۇسكار ئۇدۇللىشىپ، بەلگىلىك ساندىكى پىراكتىكا ئىش ئورنى يارىتىلىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر پىراكتىكا قىلىشقا قوبۇل قىلىنىدۇ. پىراكتىكا قىلىدىغان ئورۇن شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ %50ىدىن كەم بولمىغان ئۆلچەمدە پىراكتىكا قىلىدىغان خادىملارغا ئىش ئورنى ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىدۇ. پىراكتىكا مۇددىتى توشمىغان پىراكتىكانت خادىملار بىلەن ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان ھەمدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغان بولسا، ئېشىپ قالغان مۇددەتكە قارىتا پىراكتىكا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلسە بولىدۇ، سىياسەت 2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
بىر قېتىملىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى بىلەن بىر قېتىملىق ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش ياردەم پۇلى سىياسىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ يولغا قويۇلىدۇ. ئوقۇش پۈتكۈزگەن يىلى ھەم مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىككى يىل ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ھەم 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان تىزىمغا ئالدۇرغان ئىشسىز ياشلارنى قوبۇل قىلىپ، ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان ھەم بەلگىلىمە بويىچە ئۈچ ئايدىن يۇقىرى (ئۈچ ئاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇق تاپشۇرغان كارخانىلارغا قوبۇل قىلغان ھەربىر ئادەم ئۈچۈن 1500 يۈەن ئۆلچەم بويىچە بىر قېتىملىق ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. سىياسەت 2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر قاتلىمىدىن، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئايرىم - ئايرىم ماكانلىشىش خىراجىتى، تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسى، تۇرالغۇ ياردەم تولۇقلىمىسى، ئۆي سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، كىرگۈزۈلگەن ئىختىساسلىقلارنى تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ. قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش، ئۇنۋان، ئىش ھەققى قاتارلىق جەھەتلەردە كىرگۈزۈلگەن ئىختىساسلىقلارغا مايىللىشىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش تەدبىرلىرىدە كىرگۈزۈلگەن ئىختىساسلىقلارنى پەن تەتقىقات تۈرى خىراجىتى بىلەن قوللاشنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.