تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ قوشىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ سىستېمىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ سىستېمىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كەڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرى مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇش ئۈچۈن پائال كۈچ قوشىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

بۇ، شىنجاڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دەي بىننى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى. دەي بىن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ داشۆ باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشتە قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مائارىپچىلار روھى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقى، مەنپەئەتلىنىشچانلىقى، قولايلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنى مائارىپ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك.

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ گۇيمېي مۇنداق بىلدۈردى: خوتەن ۋىلايىتى خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساس مائارىپنى كېڭەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەكشى تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىدۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى سىجىل كۈچەيتىدۇ.

يەكەن ناھىيەلىك ئالىي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى راھىلە مىجىت مۇنداق دېدى: كەسپىي مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كەسپىي قابىلىيىتىمنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، دەۋرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشقان، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ھازىرلىغان تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشى ئۈچۈن سۇپا ھازىرلايمەن، ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكا تىپىدىكى تولۇق كۇرس ئالىي مەكتىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ پەن - تېخنىكا شۆيۈەنى سىجىل تۈردە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەقلىي كۈچ ۋە ئىختىساسلىقلار مەدىتى قوشتى. شۆيۈەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: مەكتىپىمىز ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىياتتىكى بىرىنچى بايلىق دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاش، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىش تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خاسلىقى روشەن، ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك بولغان يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكا تىپىدىكى داشۆ قۇرۇشنى پۇختا ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي ئورنى، جەمئىيەتتىكى ئورنى، كەسپىي ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىنات كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئوقۇتقۇچىلارنى جەمئىيەتتە يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە قىلىش، بۇ كەسىپنى جەمئىيەت ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىز كەڭ ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان چوڭقۇر غەمخورلۇقنى نامايان قىلدى، بۇ بىزنى ئىلھاملاندۇردى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى، خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش يۈكسەك شان - شەرەپ.» مەملىكەت بويىچە نەمۇنىلىك ئوقۇتقۇچى، غۇلجا شەھەرلىك 17 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى رەھىمە ئاۋۇت مۇنداق دېدى: كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇتۇپ، قېتىرقىنىپ ئادەم تەربىيەلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئۆگىنىدىغان، ئىش قىلىدىغان، ئۈلگە بولىدىغان ياخشى ئۇستاز بولىمەن.

قورغاس ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى فاڭ جې مۇنداق بىلدۈردى: ئالاقىدار تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇنەۋۋەر كىشىلەرنى ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت شارائىتىنى ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلىمىز. ئوقۇتقۇچىلار ئىشتاتىنى ھەل قىلىش، ئۇنۋان باھالاش جەھەتتە، يېزا، چەت - ياقا رايونلاردىكى مەكتەپلەرگە مايىللىشىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، شەرەپ تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەتنىڭ مائارىپنى رەقەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن مەنپەئەتلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش بويىچە ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شىنجاڭ ئوچۇق داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ چاۋخۇا مۇنداق بىلدۈردى: مەكتىپىمىز پائال پىلانلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، دۆلەتنىڭ مائارىپنى رەقەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئۆمۈرلۈك مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشنى مەكتەپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆمۈرلۈك مائارىپ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈرىدۇ، «شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي خەلق ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش - تەربىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش»تىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئاڭلىق زىممىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.