مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن
«شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدىن تاللانما» پۈتۈن ئارمىيەگە بېسىپ تارقىتىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، جۇڭشياۋدىن يۇقىرى ئوفىتسېرلارنىڭ شى جۇشىنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش، يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش تەدبىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، يېڭى مۇساپىدە ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدىن تاللانما» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تاللانما» دېيىلدى)نى تۈزۈپ بېسىشقا تەشكىللىدى، يېقىندا رەسمىي نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
«تاللانما»غا يولداش شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت يىغىنىدا قىلغان سۆزى باش ماقالە قىلىنغان، باشقا ماقالىلەر ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تىزىلغان بولۇپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش توغرىسىدىكى جەمئىي 89 پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش تەدبىرىنىڭ تەرەققىيات تومۇرى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، دەۋر تەلىپى ۋە ئەمەلىيەت يولى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن ئارمىيەدىن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تاللانما»نى ئۆگىنىش، ئىشلىتىشنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپى بويىچە ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، دىققەتنى «پارتىيەگە قەتئىي ساداقەتمەن بولۇپ سادىقلىقنى تاۋلاش، بىر مەقسەتتە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ بۇرچنى زىممىگە ئېلىش»قا مەركەزلەشتۈرۈپ تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. «تاللانما»نى ئۆگىنىشنى پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، قىسىمنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەسى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتۇشىغا كىرگۈزۈپ، قاتلاملارغا بۆلۈپ كادىرلارنى نەزەرىيە جەھەتتىن نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش، سىياسىي كادىرلارنى مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلەشكە تەشكىللەش قاتارلىقلاردا بۇ دەرسلىكنى مۇھىم مەزمۇن سۈپىتىدە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. كەڭ نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى شى جۇشىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش تەدبىرىنى تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيەنىڭ ئاخبارات تاراتقۇلىرى ئاخبارات تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەپ، رەھبىرىي كادىرلار ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى تەتبىقلاپ ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە لېكسىيە سۆزلەش، كونسۇلتاتسىيە قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كەيپىياتىنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك. ئىدىيەنى ئۆزگەرتىشتە ئاڭلىق ۋە ئۈزۈل - كېسىل بولۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئاۋۋال تەربىيە ئېلىش، ھەقىقىي تەربىيە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە يىلتىزى مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشنى مۇستەھكەملەش كېرەك. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈش يۆنىلىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي، ئىقتىدارى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان كۈچلۈك پارتىيە تەشكىلاتىنى تاۋلاپ چىقىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالىدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك.