تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاياللار مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاياللار مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاياللار ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پۈتمەكتە. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاياللار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئاياللار «شاڭخەي روھى»غا ئەمەل قىلىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئاياللار كۈچىنى قوشۇپ كەلدى. مۇنبەرنىڭ ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ يېقىن ئۆتۈشى، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقىنى چىڭىتىشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە رەقەملىك كۈچ قوشۇش ئارقىلىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ گۈزەل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ماكانىنى ئورتاق قۇرۇشنى خالايدۇ.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاياللار مۇنبىرى شۇ كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرىدە باشلاندى، بۇ مۇنبەرنى مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق كومىتېتى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.