ئېلېكترونلۇق ئەمگەك توختامى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى دەستۇرى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش ئارقىلىق، يازما شەكىلدە دەپ قاراشقا بولىدىغان سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئىشەنچلىك ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا بىلەن تۈزۈلگەن ئەمگەك توختامىنى كۆرسىتىدۇ.
قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن ئېلېكترونلۇق ئەمگەك توختامى قانۇنىي كۈچكە ئىگە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئېلېكترونلۇق ئەمگەك توختامىدىكى پۈتۈم بويىچە تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك.