تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى كۆپ جايلار ئارقا-ئارقىدىن كۈزلۈك يايلاق كۆچۈش مەزگىلىگە كىردى

   8-ئاينىڭ ئاخىرلىرى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ سانجى ئوبلاستىنىڭ ماناس ناھىيەسىدە 200 مىڭغا يېقىن چارۋىنى كۈزلۈك يايلاققا كۆچۈرۈش ئارقا-ئارقىدىن باشلاندى، ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل يازدا يامغۇر كۆپ ياغقانلىقتىن، بىر قىسىم چارۋا يولى ياكى كۆۋرۈكلەر بۇزۇلۇپ كەتكەن، شۇ جايدىكىلەر ۋاقتىدا ماشىنا تەشكىللەپ يايلاق كۆچۈش پەسلىدىن ئىلگىرى رېمونت قىلىپ مۇستەھكەملەپ، چارۋىچىلارنىڭ يايلاق كۆچۈش يولىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرغان.

9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئالتاي شەھىرىدىكى تولغات يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدا چارۋىچىلار كۈز پەسلىنىڭ مەيىن شامىلىدا كۆچۈش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى.

   9 - ئاينىڭ بېشىدا، شىنجاڭ ئالتاي شەھىرىدە كۈزلۈك يايلاق كۆچۈش ئارقا - ئارقىدىن باشلىنىپ، 500 مىڭغا يېقىن چارۋا يايلاقتىن كۈزلۈك يايلاققا يۆتكەلدى. چارۋىچىلار زور تۈركۈمدىكى قوي - كالىلىرىنى ھەيدەپ، چارۋا يولىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، كەچكى شەپەق نۇرىدا، چارۋىلارنى يايلاققا كۆچۈرۈۋاتقان ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى ئۆزگىچە بىر مەنزىرىگە ئايلاندى.

   يەنە بىر يىللىق يايلاق كۆچۈش پەسلى يېتىپ كەلدى، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن باشلاپ، كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى 699 مىڭ تۇياق چارۋا يازلىق يايلاقتىن كۈزلۈك يايلاققا كۆچۈشكە باشلىدى.

9-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئالتاي چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى ساربۇلاق چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى چارۋىچىلارنىڭ قوي-كالىلىرىنى ھەيدەپ يايلاق كۆچۈشىگە ياردەملەشمەكتە. چۇ جېڭچۈەن فوتوسى 

   9-ئاينىڭ 5-كۈنى، مىڭ يىللىق چارۋا يولىدا، قوي-كالىلارنىڭ مەرەپ، مۆرىگەن ئاۋازى بىلەن چارۋىچىلارنىڭ توۋلىغان ئاۋازى گىرەلىشىپ كەتكەنىدى. ساربۇلاق چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى «ئانارنىڭ دانىسى» مۇلازىمەت شۆبە پونكىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى پۈتۈن مۇساپىدە يايلاق كۆچۈش قوشۇنىنى قوغداپ، قاتناش ۋە كالا، قوي پادىلىرىنىڭ يولىنى راۋانلاشتۇرۇشقا قوماندانلىق قىلدى. (مۇخبىر ياڭ بىن)

   يېقىندا، قورغاس ناھىيەسى داشىگۇ يېزىسى چەت ئاقسۇ كەنتىدىكى چارۋىچىلارنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بارىدىغان كۈزلۈك يايلاق كۆچۈشى ئارقا-ئارقىدىن باشلاندى. يايلاق كۆچۈش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى ئىلى چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى باشىجيەن فاڭزى چېگرا ساقچىخانىسى چەت ئاقسۇ چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى ۋە ساقچى ياردەمچىلىرى «چارۋا قوغداش كىچىك شۆبە ئەترىتى»نى قۇرۇپ، يېمەكلىك، قىشلىق كىيىم-كېچەك، كۈندىلىك ئىشلىتىلىدىغان دورا بۇيۇملىرى قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى ئېلىپ، چارۋىچىلارنىڭ كۈزلۈك يايلاق كۆچۈشىنىڭ پۈتۈن مۇساپىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

   ئۇنداقتا، يايلاق كۆچۈش ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

   _________________________________________________ 

 01 

 يايلاق كۆچۈش دېگەن نېمە؟ 

    شىنجاڭدىكى ئوتلاقلار تاغلىق جايلارنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ بەلباغلارغا ئايرىلىدۇ، شۇڭا چارۋىچىلار ھەر يىلى چارۋىلىرىنى ھەيدەپ قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدىن يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا يۆتكىلىدۇ ياكى يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدىن قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا يۆتكىلىدۇ. پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ يايلاق يۆتكىلىپ چارۋا بېقىش جەريانى «يايلاق كۆچۈش» دېيىلىدۇ.

   يايلاق كۆچكەندە، چارۋىچىلار ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ، تۆگە كارۋىنى بولۇپ تەشكىللىنىپ، چېدىر، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، چارۋىلىرىنى ھەيدەپ بىرلىكتە چوڭ كۆچىدۇ، ئۇلار يول بويى سۇ ۋە ئوت-چۆپلەرنى قوغلىشىپ تۇرار جايىنى توختىماي كۆچۈرىدۇ.

 02 

 نېمىشقا يايلاق كۆچىدۇ؟ 

   شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم چارۋىچىلىق بازىسى بولۇپ، تاغلىق چارۋىچىلىق رايونىغا تەۋە، چارۋىچىلىق رايونلىرى ئاساسلىقى تىيانشاننىڭ شىمالىدىكى شىمالىي شىنجاڭ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلارغا تارقالغان.

   چارۋىچىلىق مەيدانلىرى كىلىماتنىڭ سوغۇق-ئىسسىقلىقى، يەر شەكلىنىڭ يانتۇلۇقى، ئوت-چۆپلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، تۆت پەسىللىك چارۋىچىلىق مەيدانىغا ئايرىلىدۇ، پەسىل بويىچە نۆۋەتلەشتۈرۈپ يايلاق كۆچۈپ چارۋا بېقىش يولغا قويۇلغان.

   بۇنداق قىلغاندا چارۋىلارنى ۋاقتىدا ئەلا سۈپەتلىك ئوت-چۆپ بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە چارۋىلارنىڭ ئوتلاققا بولغان بۇزغۇنچىلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ.

03

يايلاق كۆچۈش لىنىيەسى قانداق بولىدۇ؟

    چارۋىچىلارنىڭ يايلاق كۆچۈشىنىڭ بەلگىلىك ۋاقتى، تەرتىپى ۋە لىنىيەسى بولىدۇ.

   ئەتىياز پەسلىدە تاغلىقتىكى كۈنگەي يانباغرى بەلبېغىدىكى قۇرغاق ئوتلاق (يەنى ئەتىيازلىق چارۋىچىلىق مەيدانى)تا چارۋا باقىدۇ، ئاندىن تەدرىجىي ئۆرلەپ، ئوتتۇرا قىسىمدىكى چىملىق، ئوتلاق بەلبېغىغا بېرىپ بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزىدۇ.

   ياز پەسلىدە تاغلىقنىڭ ئېگىز جايلىرىدىكى ئورمانلىق، چىملىق، ئوتلاق ۋە ئېگىز تاغ، ئىككىلەمچى ئېگىز تاغ ئوتلاقلىرىغا كۆچىدۇ، بۇ جاينىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئادەتتە 2000 مېتىردىن 3500 مېتىرغىچە كېلىدۇ. بۇ جاينىڭ ھاۋاسى سالقىن، مەنزىرىسى گۈزەل، ئوت-چۆپلىرى مول بولۇپ، چارۋىلارنى بېقىپ سەمرىتىدىغان ئەڭ ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ.

    كۈز پەسلىدە تېمپېراتۇرا تەدرىجىي تۆۋەنلەپ، ئېگىز تاغلاردا قار يېغىشقا باشلايدۇ، ئىسسىق ساقلاش ۋە زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن، چارۋىلار چوقۇم تۆۋەنگە يۆتكىلىپ، كۈزلۈك تۇرار جايغا ئۆتۈشى كېرەك.

   9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 10-ئاينىڭ بېشىغىچە، چارۋىچىلار خۇددى دولقۇندەك توپ-توپ بولۇپ يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدىن كۈزلۈك چارۋىچىلىق مەيدانىغا يۆتكىلىدۇ، بۇنىڭغا تەخمىنەن يېرىم ئاي ۋاقىت كېتىدۇ.
قىش پەسلىدە، يەنە تۈزلەڭلىك، ئويمانلىق، جىلغا، چۆللۈك، ئوتلاق بەلباغلىرىغا قايتىپ كېلىدۇ. بۇ جايلارنىڭ يەر يۈزى قېلىن قار بىلەن قاپلانمىغان بولۇپ، چارۋىلار ئوتلىيالايدۇ.

   قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ كۆلىمى ئادەتتە چوڭ بولمايدۇ، كىچىك دائىرىدە مەركەزلەشكەن، چوڭ دائىرىدە تارقاق جايلاشقان بولىدۇ. 11-ئايدىن كېيىنكى يىلى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، چارۋىلارنىڭ قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدا تۇرۇش ۋاقتى يېرىم يىل ئەتراپىدا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.