تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

نارات پەنلۇڭگۇ جىلغىسى يولىدا «ئۈچنى كۆرۈش، ئۈچنى ھېس قىلىش»

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ

   8-ئاينىڭ 25-كۈنى، نارات پەنلۇڭگۇ جىلغىسى يولىنىڭ شەرق-غەرب بۆلىكىنىڭ پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئېچىۋېتىلگەنلىك خەۋىرى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ نارات مەنزىرە رايونىغا كەلگەن ساياھەتچىلەر ئاپتوموبىل ھەيدەپ پۈتۈن مۇساپىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنالايدۇ. 

   نارات پەنلۇڭگۇ جىلغىسى يولىنىڭ ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى لىنىيەسى 46 كىلومېتىرلىق ئايلانما لىنىيە. ساياھەتچىلەر ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدىن يولغا چىقىپ، تاۋسانى، ئۇيسۇن قەدىمىي ئىزنالىرى، ئىتىگەنساي، شىلەي يۈنجۇەن، جياۋلۇڭ چۇخەي، ۋونيۇگاڭ، تياۋشىگاڭ، دەيگېلاس قاتارلىق سەككىز بېكەت-نۇقتىدىن ئۆتۈپ، يەنە ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىگە قايتىپ كېلىدۇ. 

    «بۇ، تىيانشان ئۆسۈملۈك گېن ئامبىرى بولۇپ، بۇ يەردە تىيانشان شەمشادى، پەنلۇڭ قارىغىيى، ئاق قېيىنزارلىقتىن ھۇزۇرلانغاندىن سىرت، يەنە تاغ جىلغىلىرىغا تارقالغان نۇرغۇن دەرەخ تۈرلىرى ۋە ياۋا گۈل-گىياھلاردىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ» دېدى نارات مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ساياھەت تەرەققىيات باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ما دېجۈن.

    لايىھەلىگەندە ۋە قۇرۇلۇش قىلغاندا، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئېكولوگىيە ئۈلگە يولى بولغان پەنلۇڭگۇ جىلغىسى يولىدا «ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» يادرولۇق ئىدىيە قىلىنىپ، لىنىيە بويىدىكى ھەر بىر جايدا تەبىئىي مۇھىت بىلەن ئىناق بىللە ياشاش ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىلدى. ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ پەنلۇڭگۇ جىلغىسى يولىنى كېسىپ ئۆتكەندە، كۆپكۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇت، قارىغايلىق، ئېقىن سۇ، يايلاقتا ياڭرىغان پادىچى ناخشىسى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بىر-بىرلەپ نامايان بولىدۇ.  

   ما دېجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: پەنلۇڭگۇ جىلغىسى يولىدا مەنزىرە تاماشا قىلىشتا «ئۈچنى كۆرۈش، ئۈچنى ھېس قىلىش»نىڭ ئەپچىل ئۇسۇلى بار: بىرىنچىسى، ئورمان كۆرۈپ، پەنلۇڭگۇ جىلغىسى ساياھىتىدىكى گۈزەللىكنى ھېس قىلىش؛ ئىككىنچىسى، جىلغا كۆرۈپ، پەنلۇڭگۇ جىلغىسىنىڭ يوشۇرۇن جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىش؛ ئۈچىنچىسى، تاغ كۆرۈپ، پەنلۇڭگۇ جىلغىسى يولىنىڭ يىلانباغرى سوزولغان قىياپىتىنى ھېس قىلىش.

  ئورمانلىق كۆرۈپ، پەنلۇڭگۇ جىلغىسىدىكى قويۇق ئورمانلىقنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلانغاندا، گۈزەللىكنىڭ تىيانشان شەمشادىغا مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. پەنلۇڭگۇ جىلغىسى نارات مەنزىرە رايونىدىكى تىيانشان شەمشادى ئەڭ قويۇق ئۆسكەن رايون ھېسابلىنىدۇ، ئىللىق، نەم بولغان ئۆزگىچە ھاۋا كىلىماتى تىيانشان شەمشادىنىڭ ئۆسۈشىنى ئەۋزەل شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، شەمشاد دەرەخلىرىنىڭ ئېگىزلىكى 40-30 مېتىر كېلىدۇ، ئەڭ ئېگىز بولغانلىرى 60 مېتىرغا يېتىدۇ، بۇ، 20 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئېگىزلىكىگە تەڭ. 

   ما دېجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: تىيانشان شەمشادىدىن باشقا، پەنلۇڭگۇ جىلغىسىدا يەنە تاغ جىلغىلىرىغا تارقالغان ئاق قېيىنزارلىق، قىزىل مېۋىلىك دەرەخ ھەمدە تىيانشان تاغلىرىدا ئۆسۈشكە ماس كېلىدىغان ھەرخىل دەرەخ تۈرلىرى ۋە 300 خىلدىن ئارتۇق ياۋا گۈل-گىياھ قاتارلىقلار بار، تىيانشان ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ كۆپ خىللىقى بۇ يەردە مۇكەممەل نامايان بولىدۇ.

   كۈز پەسلى كىرىشى بىلەن، پەنلۇڭگۇ جىلغىسىنىڭ يىلانباغرى سوزۇلغان يولىدا سەيلە قىلغاندا، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئاق قېيىنزارلىقلارنىڭ ئالتۇن رەڭلىك يېڭى لىباس كىيگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئويۇلمىغان قاشتېشىدەك بۇ مەنزىرە كۈز پەسلىدىكى چۆچەكلەرنى ئەسلىتىدۇ. 

   جىلغا كۆرۈش ئۈچۈن ۋونيۇگاڭ تاغ جىلغىسىغا بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. دۆڭدە تۇرۇپ تۆۋەنگە قارىغاندا، ئادەمنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭىيىدۇ، بۇ يەردە تۇرۇپ يىراقتىكى تۇتاش كەتكەن تاغلارغا نەزەر سالغىلى، يەنە تاغ جىلغىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر تاشلىغىلى، تاغ جىلغىسىدىكى ئورمانلىقلار ئارىسىدا غۇۋا كۆرۈنگەن چارۋىچىلىق مەيدانىدا بەخىرامان ئوتلاۋاتقان قوي-كالىلارنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ. ۋونيۇگاڭ تاغ جىلغىسى پەنلۇڭگۇ جىلغىسى يولىدىكى نۇرغۇن تاغ جىلغىسى ئىچىدە ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە جىلغا بولۇپ، جىلغا، يانتۇلۇق، ئورمان، ئېقىن قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن، جىلغىلار چوڭقۇر، ئورمانلار قويۇق، دۆڭلەر تىك، ئېرىقلار چوڭقۇر بولۇپ، تۆت پەسىلدىكى مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. 

   ​تاغ كۆرۈش ئۈچۈن يىڭشۈەن چوققىسىغا بېرىش كېرەك. نارات يايلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى ئۈچ ئېگىز تاغنىڭ ئىسسىق-سوغۇق ھاۋاسى دەل يىڭشۈەن چوققىسىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچرىشىپ، كۈچلۈك يۇقىرى ئۆرلىگەن ھاۋا ئېقىمىنى شەكىللەندۈرۈپ، يايلاقتىكى بۈركۈت، قارچۇغىلارنى بۇ يەرگە جەم قىلىدۇ، ئۇلار يۇقىرى ئۆرلىگەن ھاۋا ئېقىمىنىڭ كۆتۈرۈشىدىن پايدىلىنىپ، ئەركىن پەرۋاز قىلىپ، ئوۋ ئىزدەيدۇ. تاغ بىلەن بۈركۈت، جىمجىتلىق بىلەن ھەرىكەت ناراتنىڭ ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىسى ھېسابلىنىدۇ.

  ما دېجۈن مۇنداق دېدى: پەنلۇڭگۇ جىلغىسى يولى ساياھەتچىلەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىشىغا قولايلىق يارىتىپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېخىمۇ كۆپ دېھقان-چارۋىچى تاشيول لىنىيەسى بويىدا خاسلىققا ئىگە دېھقانلار ئارامگاھى، ئائىلىۋى مېھمانخانا ئېچىپ، قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى سېتىش قاتارلىق تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ساياھەت ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.