تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ساياھەت ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى

    2024-يىللىق جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى كەڭ ساياھەتچىلەرنى مۇنداق ئەسكەرتتى:

    1. ساياھەتكە چىقىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ساياھەت، گۇڭئەن، قاتناش، مېتېئورولوگىيە، تاشقى ئىشلار قاتارلىق تارماقلار ئېلان قىلغان سەپەرگە چىقىش ئەسكەرتىشىگە دىققەت قىلىپ، قاتناش، كىلىمات شارائىتى ۋە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ياخشى بولمىغان مەنزىلگە بېرىپ ساياھەت قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. ساياھەت لىنىيەسى ۋە ۋاقتىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، تىجارەت سالاھىيىتى بار ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى تاللاش كېرەك. ئېچىلمىغان، ئېچىۋېتىلمىگەن، بىخەتەرلىك كاپالىتى كەمچىل رايونلارغا بارماسلىق كېرەك.

    2. بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يۇقىرى بوشلۇق، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، سۇ ئۈستى، سۇغا چۆكۈش، ئېكسپېدىتسىيە قاتارلىق خەتىرى يۇقىرى تۈرلەرگە قاتناشقاندا، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىشتىن بۇرۇن ئاپتوموبىل ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەش ۋە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن ساقلىنىش كېرەك. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگەندە ياكى ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرۇپ ساياھەتكە چىققاندا، پۈتۈن مۇساپىدە بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاش كېرەك. ساياھەت پاراخوتىغا ئولتۇرغاندا، بەلگىلىمە بويىچە قۇتقۇزۇش كىيىمى كىيىش، زۆرۈر قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنمىگەن ساياھەت پاراخوتىغا ئولتۇرۇشنى رەت قىلىش كېرەك.

    3. ئوت ئاپىتى خېيىم-خەتىرىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك. كۈز پەسلى يېتىپ كەلدى، ھاۋا رايى، فېنولوگىيە شارائىتى پايدىسىز ئامىللار كۆپەيدى، ساياھەت جەريانىدا ئوت ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. تاغقا ئوت ئېلىپ چىقماسلىق، ئوت-چۆپلەر بۈك-باراقسان ئۆسكەن، دەرەخ يوپۇرماقلىرى دۆۋىلەنگەن جاي ياكى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئەسكەرتمىسى بار جايدا تاماكا چەكمەسلىك، كاۋاپ پىشۇرماسلىق ياكى ئوت ئىشلەتمەسلىك كېرەك. مەيدان، سورۇننىڭ ئوت مۇداپىئە ۋە تۈرلۈك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىش كېرەك. مېھمانخانىدا ياتقاندا، جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش لىنىيەسىنى ئىگىلەش، سافادا، كارىۋاتتا يېتىپ تاماكا چەكمەسلىك كېرەك.

   4. مەدەنىي ساياھەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش. ئالدى بىلەن ساياھەت مەنزىلىنىڭ مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادىتىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك، ساياھەت جەريانىدا تۈرلۈك قانۇن-نىزام، جەمئىيەت ئەخلاقى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىگە رىئايە قىلىش كېرەك. مەيدان، سورۇننى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ساياھەت قىلىش كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئېكولوگىيە-مۇھىتنى قوغداش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئاسار-ئەتىقىلەرنى ئاسراش كېرەك. «يېمەكلىكنى ئىسراپ قىلماسلىق ھەرىكىتى»نى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، تۆۋەن كاربونلۇق تېجەشلىك بولۇپ، يېشىل ساياھەتكە چىقىش كېرەك.

​(مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى جېڭ ۋېيۋېي) 

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.